• بۈگۈن جۈمە
  • مۇشۇ تۈردىكى يېڭى خەۋەرلەر

    ھەپتىلىك كۆپ كۆرۈلگەنلىرى

    ئىسپانىيە بىرلەشمىسى 10-ئايلانما: بارسېلونا 1-0 گرانادا

    مەنبە : dongqiudi.comتەھرىر : murder ئىنكاس : 40يوللانغان ۋاقىت : 2016-10-30 04:50

    خىزمەت ئۇچۇرلىرى ماشىنا ئۇچۇرلىرى ئۆي-مۈلۈك ئۇچۇرى تۇرمۇش ئۇچۇرلىرى لايىق ئىزدەش

    نۇر تورى تەرجىمىسى:

    10-ئاينىڭ 30-كۈنى ئۈرۈمچى ۋاقتى سەھەر 00:45دە. 2016/2017-پەسىللىك ئىسپانىيە بىرلەشمىسى 10-ئايلانمىسىدىكى بىر مەيدان مۇسابىقە نوكەمپو مەيدانىدا ئوينالدى، بۇ مەيدان مۇسابىقىدە بارسېلونا ساھىبخان مەيداندا گرانادا كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلەشتى. بارسېلونادىن رافىنىيا بۇ مەيدان مۇسابىقىدىكى بىردىنبىر توپنى ئۇردى، بارسېلونا 1-0 نەتىجىدە غەلىبە قىلدى.

    بۇ ئىككى كوماندا ئىسپانىيە بىرلەشمىسى تارىخىدا 44 مەيدان مۇسابىقىلەشكەن، بارسېلونا 35 مەيدان غەلىبە قىلىپ 4 مەيدان تەڭلىشىپ 5 مەيدان مەغلۇپ بولغان، بۇنىڭ ئىچىدىكى 22 مەيدان ساھىبخان مەيدان مۇسابىقىدە بارسېلونا تولۇق غەلىبە قىلغان. بۇ ئىككى كوماندىنىڭ يېقىنقى 18 مەيدان مۇسابىقىسىدە، بارسېلونا 16 مەيدان غەلىبە قىلىپ بىر مەيدان تەڭلىشىپ بىر مەيدان مەغلۇپ بولغان. بۇ مەيدان مۇسابىقە 1500-مەيدان مۇسابىقە بولۇپ، ئالدىنقى 1499 مەيدان مۇسابىقىدە، بارسېلونا 3872 توپ ئۇرۇپ، 1186 توپ كەتكۈزگەن، شۇنداقلا 1118 مەيدان غەلىبە قىلىپ 238 مەيدان تەڭلىشىپ 143 مەيدان مەغلۇپ بولغان. ئىسپانىيە بىرلەشمىسىدە، بارسېلونا نوۋكامپو مەيدانىدا 2684 توپ ئۇرۇپ، 812 توپ كەتكۈزگەن. بۇ مەيدان مۇسابىقىدە بارسېلونادىن ئىنېستا، پىك ۋە تۇران قاتارلىق توپچىلار ياردار بولغاچقا مۇسابىقىگە قاتناشمىدى، بۇسكېس بولسا زاپاس ئەزا بولدى.

    ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقىنىڭ 19-مىنۇتىدا، بارسېلونادىن سۇئارېز پاس چىقاردى، بىراق نېيمار توپنى ئۇرالمىدى. مۇسابىقىنىڭ 21-مىنۇتىدا، مېسسى پاس چىقاردى، بىراق سۇئارېز توپنى ئۇرالمىدى. مۇسابىقىنىڭ 28-مىنۇتىدا، بارسېلونا بۇلۇڭ توپ باشلىدى، ئۇمتىتىنىڭ كاللا توپىنى گرانادا قاپقىچىسى تۇتىۋالدى. مۇسابىقىنىڭ 35-مىنۇتىدا، سۇئارېز يىراقتىن قاپقىغا قارىتىپ توپ تەپتى، بىراق گرانادا قاپقىچىسى بۇ توپنىمۇ تۇتىۋالدى. كېيىن ھەر ئىككى كوماندا توپ ئۇرالماي، يېرىم مەيدان مۇسابىقە 0-0 نەتىجىدە ئاخىرلاشتى.

    كېيىنكى يېرىم مەيدان مۇسابىقىنىڭ 49-مىنۇتىدا، بارسېلونادىن نېيمار تەپكەن توپنى گرانادا قاپقىچىسى توسىۋالدى، بىراق رافىنىيا قايتقان توپنى تېپىپ كىرگۈزدى. مۇسابىقىنىڭ 63-مىنۇتىدا، بارسېلونادىن نېيمار تەپكەن توپنى گرانادا قاپقىچىسى توسىۋالدى. مۇسابىقىنىڭ 82-مىنۇتىدا، بارسېلونادىن ماسچېرانو پاس چىقاردى، بىراق گرانادا قاپقىچىسى سۇئارېزنىڭ كاللا توپىنى تۇتىۋالدى. مۇسابىقىنىڭ 88-مىنۇتىدا، بارسېلونادىن پاكو پاس چىقاردى، بىراق مېسسى بۇ توپنى ئېگىز تېپىۋەتتى. كېيىن ھەر ئىككى كوماندا توپ ئۇرالماي، بارسېلونا ئۆز مەيدانىدا 1-0 نەتىجىدە غەلىبە قىلدى.



    ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
    ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
    新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
    Powered by Nur.cn © 2013
    新公网安备 65010202000070号