باش بەت

جاھانكەزدى

14469يوللانما
17مەستانە

كوكا-كولانىڭ ئىشلەپچىقىرىلىش جەريانى

مەنبە:بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەر يوللانغان ۋاقىت:2016-10-30 21:53 0 ئىنكاس چۈشتى

كوكا-كولا دۇنيا بويىچە ئەڭ قارشى ئېلىنىدىغان ئىچىملىك بولۇپ، ھەر كۈنى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن تەخمىنەن 1 مىليارد 600 مىڭ قېتىم سېتىلىدۇ. 

گەرچە سىز دائىم كوكا-كولا ئىچسىڭىزمۇ، بىراق ئۇنىڭ ئىشلەپچىقىرىلىش جەريانىنى بىلمەسلىكىڭىز مۇمكىن. 

كوكا-كولانىڭ قويۇلدۇرۇلغان ئەسلى سۇيۇقلۇقى كۆپلىگەن تەبىئىي خۇشپۇراق ماددىلاردىن ئېلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭ مەخپىي رېتسېپىنى سىرتتىكى ھېچكىم بىلمەيدۇ. ھەر بىر توڭ ئەسلى سۇيۇقلۇقتىن 150 مىڭ لىتىر كوكا-كولا ياساپ چىققىلى بولىدۇ. 

كوكا-كولا ئادەتتە پاسىلداق قۇتا، ئەينەك بوتۇلكا ۋە پىلاستىك بوتۇلكىغا قاچىلىنىدىغان بولۇپ، %50 كوكا-كولا پىلاستىك بوتۇلكىغا قاچىلىنىدۇ. 

ھەر بىر ماشىنا مىنۇتىغا 800 دانە بوتۇلكا ئىشلەپچىقىرالايدىغان بولۇپ، ھەر بىر بوتۇلكىنى سۈرەتكە تارتىش ئارقىلىق لاياقەتلىك ياكى لاياقەتلىك ئەمەسلىكى تەكشۈرۈلۈپ، لاياقەتلىك بولمىغانلىرى يېغىۋېلىنىدۇ. 

لاياقەتلىك بولغان بوتۇلكىلار كېيىنكى ئىش تەرتىپىگە يوللىنىپ، تازىلانغاندىن كېيىن قاچىلاشقا تەييارلىنىدۇ. 

زامانىۋىلاشقان ماشىنا ھەر مىنۇتىغا 800 بوتۇلكا كوكا-كولا قاچىلىيالايدۇ. 

بەلگە چاپلاش ماشىنىسى ھەر بىر بوتۇلكىغا كوكا-كولانىڭ بەلگىسىنى چاپلايدۇ. 

ئاپتوماتلاشقان ئۈسكۈنە سېتىشقا تەييار بولغان كوكا-كولانى تايلىغاندىن كېيىن، دۇكانلارغا توشۇلۇشنى ساقلايدۇ. 

گەرچە كوكا-كولانىڭ %90ى سۇ بولسىمۇ، بىراق ئۇ يۈز مىليونلىغان ئىستېمالچىلارنى بويسۇندۇرغان. 

گەرچە كوكا-كولا شىركىتى ئۈزلۈكسىز ئۆزگىرىۋاتقان بولسىمۇ، بىراق 125 يىلدىن بېرى ساقلاپ كېلىۋاتقان مەخپىي رېتسېپى ئىزچىل ئۆزگەرمىگەن. 

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号