باش بەت

نۇسرەتگۈل

6596يوللانما
60مەستانە

دۇنياغا داڭلىق شەھەرلەر توپلاشقان ئالتە رايون

مەنبە:باش خەۋەر تورى يوللانغان ۋاقىت:2016-10-31 21:05 0 ئىنكاس چۈشتى

ئامېرىكىنىڭ شەرقىي شىمالىي قىسىمىدىكى ئاتلانتىك ئوكيان بويىغا جايلاشقان شەھەرلەر: بۇ شەھەرلەردىكى ئومۇمىي نوپۇس سانى 45 مىليونغا يېتىدىغان بولۇپ، ئامېرىكا ئومۇمىي نوپۇسىنىڭ %20نى ئىگىلەيدۇ؛ ئومۇمىي يەر كۆلىمى 138 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، ئامېرىكا زېمىنىنىڭ %15نى ئىگىلەيدۇ. بۇ شەھەرلەر: فىلادېلفىيە، بوستون، نيۇيورك، ۋاشىنگىتون، بالتىمور.

شىمالىي ئامېرىكىدىكى بەش چوڭ كۆل جايلاشقان شەھەرلەر: بۇ شەھەرلەر ئامېرىكا ۋە كانادادىن ئىبارەت ئىككى دۆلەتتىن ھالقىپ ئۆتىدىغان بولۇپ، ئومۇمىي نوپۇسى 500 مىليوندىن ئاشىدۇ، كۆلىمى 245 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. بۇ شەھەرلەر: تورونتو، دېترويت، چىكاگو، كىلىۋېلاند، پىتتىسبۇرگ، مونترېئال.

ياپونىيەنىڭ تىنچ ئوكيان بويىغا جايلاشقان شەھەرلىرى: بۇ شەھەرلەرنىڭ ئومۇمىي نوپۇسى 70 مىليونغا يېتىدىغان بولۇپ، ياپونىيە ئومۇمىي نوپۇسىنىڭ %61نى ئىگىلەيدۇ؛ يەر كۆلىمى تەخمىنەن 100 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىر ئەتراپىدا بولۇپ، ياپونىيە يەر كۆلىمىنىڭ %20نى ئىگىلەيدۇ. بۇ شەھەرلەر: توكيو، يوكوخاما، ناگويا، ئوساكا قاتارلىقلار.

لوندوننى مەركەز قىلغان شەھەرلەر: بۇ شەھەرلەرنىڭ ئومۇمىي نوپۇسى 36 مىليوندىن ئاشىدىغان بولۇپ، ئەنگىلىيە ئومۇمىي نوپۇسىنىڭ %50نى ئىگىلەيدۇ؛ كۆلىمى ئەنگىلىيە ئومۇمىي يەر كۆلىمىنىڭ %20نى ئىگىلەيدۇ. بۇ شەھەرلەر: لوندون، بېرمىڭھام، مانچىستېر، لېۋىرپول.

ياۋروپا قىتئەسىنىڭ غەربىي شىمالىغا جايلاشقان شەھەرلەر: بۇ رايوندىكى شەھەرلەرنىڭ ئومۇمىي نوپۇسى 46 مىليون، يەر كۆلىمى 145 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. بۇ شەھەرلەر: پارىژ، ئامىستىردام، روتتېردام، ھاگۇئې، ئانتۋېرپ، بىريۇسسېل، كولون.

ئۇزۇن ئۈچ بۇرجەككە جايلاشقان شەھەرلەر: بۇ رايوندىكى شەھەرلەر شاڭخەينى مەركەز قىلغان. بۇ شەھەرلەر: شاڭخەي، نەنجىڭ، ۋۇشى، سۇجۇ، چاڭجۇ، نەنتوڭ، يەنچېڭ، خاڭجۇ، نىڭبو، جياشىڭ، شاۋشىڭ، خېفېي، مائەنشەن قاتارلىقلار بولۇپ، بۇ رايوندىكى ئومۇمىي نوپۇس سانى 150 مىليونغا يېتىدۇ.


باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号