باش بەت

نۇسرەتگۈل

7740يوللانما
110مەستانە

ئامېرىكا تارىخىدىكى زۇڭتۇڭلارغا مۇناسىۋەتلىك ئىشلار

مەنبە:بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەر يوللانغان ۋاقىت:2016-11-07 10:49 0 ئىنكاس چۈشتى

ئامېرىكىنىڭ بۇ يىلقى زۇڭتۇڭ سايلىمىنى تولىمۇ «ئېسىل» بولدى دەپ قاراشقا بولىدۇ، ئىككى نامزات--ھىلارى بىلەن ترامپ توغرىسىدىكى ھەرخىل سەتچىلىكلەر ئارقا-ئارقىدىن ئاشكارىلاندى. ئامېرىكا تارىخىدا بۇ ئىككى ئالاھىدە شەخستىن باشقا، يەنە نۇرغۇن ئالاھىدە زۇڭتۇڭلار بولغان. 

16-نۆۋەتلىك ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئابراھام لىنكولىننىڭ بوي ئېگىزلىكى 193 سانتىمېتىر كېلىدۇ. ناۋادا ئۇ زۇڭتۇڭ بولالمىغان بولسا، ۋاسكېتبول ماھىرى بولۇشنى ئويلىشىپ باقسا بولاتتى.

4-نۆۋەتلىك ئامېرىكا زۇڭتۇڭى جامس مەدىسون بويى ئەڭ پاكار زۇڭتۇڭ بولۇپ، ئېگىزلىكى ئاران 163 سانتىمېتىر كېلىدۇ.

40-نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭ رېگان يېشى ئامېرىكا تارىخىدىكى يېشى ئەڭ چوڭ زۇڭتۇڭ بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتا تەختكە ئولتۇرغاندا 70 ياشقا كىرگەنىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ ئامېرىكا تارىخىدىكى ئارتىسلىق ساھەسىدىن كېلىپ چىققان بىردىنبىر زۇڭتۇڭ.

 35-نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭ كېننىدى ئامېرىكا تارىخىدىكى ئەڭ ياش زۇڭتۇڭ. ئەينى چاغدا ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندا ئۇ ئەمدىلا 43 ياشقا كىرگەن. گەرچە ئامېرىكا تارىخىدا 50 ياشتىن بۇرۇن ۋەزىپىگە ئولتۇرغان زۇڭتۇڭلار بار بولسىمۇ، ئەمما 43 ياشتا زۇڭتۇڭ بولغىنى پەقەت شۇ كېننىدى. بىراق، بۇ ياش زۇڭتۇڭ، بەختكە قارشى، قەستلەپ ئۆلتۈرۈلگەن.

 9-نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭ ۋېليام ھېنرى ھاررىسون ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى ئەڭ قىسقا زۇڭتۇڭ بولۇپ، 1841-يىلى 30 كۈنلا تەختكە ئولتۇرۇپ، ئۆپكە راكى سەۋەبىدىن ئالەمدىن ئۆتكەن.

32-نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭ فىرانكىلىن روزۋېلىت ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى ئەڭ ئۇزۇن زۇڭتۇڭ بولۇپ، ئارقا-ئارقىدىن 4 نۆۋەت، جەمئىي 4422 كۈن زۇڭتۇڭلۇق ۋەزىپىسى ئۆتىگەن.

10-نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭ جون تايلور پەرزەنتى ئەڭ كۆپ زۇڭتۇڭ. ئىگىلىنىشىچە، ئۇ ئىككى قېتىم توي قىلغان بولۇپ، 8 ئوغۇل، 7 قىز پەرزەنتى بولغان.

30-نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭ جون كارۋېن كۇللىجى ئەرمەك ھايۋىنى ئەڭ كۆپ زۇڭتۇڭ. ئۇ باققان ئەرمەك ھايۋانلارنىڭ سانى 26 بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە ئىتتىن 12 سى، ئېيىقتىن 2 سى، ئالتۇن رەڭلىك توزدىن 2 سى، بىر پىنگىۋىن، بىر سۈلەيسۈن، بىر مۈشۈك، ئىككى شىر، بىر كېنگورو، بىر بۆكەن، بىر قارا ئېيىق، ئىككى پاكىنەك بېگموت بار.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号