باش بەت

ئەندەر

5795يوللانما
182مەستانە

ئېنگلاند بىرلەشمىسى 11-ئايلانما: سىۋانسىي 1-3 مانچېستىر بىرلەشمىسى

مەنبە:دوڭچيۇدى تورى يوللانغان ۋاقىت:2016-11-07 10:00 0 ئىنكاس چۈشتى

نۇر تورى تەرجىمىسى:

11-ئاينىڭ 6-كۈنى ئۈرۈمچى ۋاقتى كەچ 9:00دا، 2016/2017-پەسىللىك ئېنگىلاند دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسى 11-ئايلانمىسىدىكى بىر مەيدان مۇسابىقە ئەركىنلىك مەيدانىدا ئوينالدى، بۇ مەيدان مۇسابىقىدە «قىزىل ئالۋاستى قوشۇنى» مانچېستىر بىرلەشمىسى مېھمان مەيداندا سىۋانسىي كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلەشتى. ئالدىنقى يېرىم مەيداندا مانچېستىر بىرلەشمىسىدىن ئىبراھىموۋىچ ئىككى توپ، پوگبا بىر توپ كىرگۈزدى، كېيىنكى يېرىم مەيداندا سىۋانسىيدىن ۋان دېرھۇن بىر توپ كىرگۈزۈپ، مانچېستىر بىرلەشمىسى 3-1 نەتىجىدە غەلىبە قىلدى.

بۇ ئىككى كوماندا تارىختا 27 مەيدان مۇسابىقىلەشكەن، مانچېستىر بىرلەشمىسى 12 مەيدان غەلىبە قىلىپ، 5 مەيدان تەڭلىشىپ، 10 مەيدان مەغلۇپ بولغان. مانچېستىر بىرلەشمىسى يېقىنقى ئىككى پەسىلدە سىۋانسىي بىلەن تۆت مەيدان مۇسابىقىلىشىپ ئۈچ مەيدان مەغلۇپ بولغان، مېھمان مەيداندىكى ئىككى مەيدان مۇسابىقىنىڭ ھەممىسىدە مەغلۇپ بولغان. ياۋروپا ئىتتىپاق لوڭقىسىدا ئاساسلىق ئەزا بولغان كاپىتان رونىي بۇ مەيدان مۇسابىقىدىمۇ ئاساسلىق ئەزا بولۇپ مەيدانغا چۈشتى.

ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقىنىڭ 15-مىنۇتىدا، مانچېستىر بىرلەشمىسىدىن پوگبا چەكلەنگەن رايون سىرتىدىن دۇنياۋى سەۋىيەلىك بىر توپ كىرگۈزدى. مۇسابىقىنىڭ 21-مىنۇتىدا، مانچېستىر بىرلەشمىسىدىن رونىي پاس چىقىرىپ ئىبراھىموۋىچ بىر توپ كىرگۈزدى. مۇسابىقىنىڭ 33-مىنۇتىدا، مانچېستىر بىرلەشمىسىدىن رونىي پاس چىقىرىپ ئىبراھىموۋىچ بۇ مەيدان مۇسابىقىدىكى ئىككىنچى توپىنى كىرگۈزدى. مۇسابىقىنىڭ 36-مىنۇتىدا، مانچېستىر بىرلەشمىسىدىن رونېي تەپكەن توپنى قارشى تەرەپ قاپقىچىسى توسىۋالدى. كېيىن ھەر ئىككى كوماندا توپ كىرگۈزەلمەي، يېرىم مەيدان مۇسابىقە 3-0 نەتىجىدە ئاخىرلاشتى.

كېيىنكى يېرىم مەيدان مۇسابىقىنىڭ 69-مىنۇتىدا، سىۋانسىي ئىختىيارىي توپقا ئېرىشتى، سىگۇردسون توپنى ئوتتۇرىغا تاشلىدى، ۋان دېرھۇن كاللا توپ كىرگۈزدى. مۇسابىقىنىڭ 78-مىنۇتىدا، مانچېستىر بىرلەشمىسىدىن رونېي پاس چىقاردى، بىراق ماتا پۇرسەتنى تۇتالمىدى. مۇسابىقىنىڭ 83-مىنۇتىدا، دېھىيا قارشى تەرەپ توپچىسى بادونىڭ توپىنى تۇتىۋالدى. كېيىن ھەر ئىككى كوماندا كۈچىگەن بولسىمۇ توپ كىرگۈزەلمەي، مانچېستىر بىرلەشمىسى مېھمان مەيداندا 3-1 نەتىجىدە غەلىبە قىلدى، شۇنداقلا ئۇدا تۆت مەيدان غەلىبە قىلالماسلىققا خاتىمە بەردى.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号