باش بەت

يەھياجان ئىبراھىم

2811يوللانما
8مەستانە

دۇنيادىكى ئەڭ كىچىك، بىراق مائاشى ئەڭ يۇقىرى دۆلەت -- ۋاتىكان

مەنبە:بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەر يوللانغان ۋاقىت:2016-11-07 20:00 0 ئىنكاس چۈشتى

جۇڭگو خەۋەر تورىنىڭ 11-ئاينىڭ 7-كۈنىدىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: ۋاتىكان دۆلىتى ياۋروپا قىتئەسىگە جايلاشقان بولۇپ، ئىتالىيە پايتەختى رىم شەھىرىنىڭ غەربى شىمالىدىكى ئىگىزلىك رايونىدىن ئورۇن ئالغان قورغان دۆلىتى، ياكى دۆلەت ئىچىدىكى دۆلەتتۇر. ئۇ يەنە دۇنيا كاتولىك دىنىنىڭ مەركىزى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. سۈرەتتە: ۋاتىكان قورغان دۆلىتىدىن بىر كۆرۈنۈش.

ۋاتىكان دۆلەت ئىچىدىكى دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، كۆزگە كۆرۈنگۈدەك ئىمارەتلىرىنى قول بىلەنلا سانىغىلى بولىدۇ. بۇ دۆلەتنىڭ يېزا-ئىگىلىكى، سانائىتى، كان بايلىقى يوق. سۈرەتتە: ۋاتىكان دۆلەتلىك مۇزېيىدىن بىر كۆرۈنۈش.


سۈرەتتە: سانتا پېتېرىس مەيدانى (St Peters Square).

سۈرەتتە: سانتا پېتېرىس مەيدانى (St Peters Square).

بۇ دۆلەت دۇنيا بويىچە بىردىنبىر دۆلەت ئىچىدىكى دۆلەت بولغاچقا، ھەر يىلى بۇ جايغا ساياھەتكە كېلىدىغان ساياھەتچىلەرنىڭ سانى بەكلا كۆپ. شۇڭلاشقا ساياھەتچىلىك بۇ دۆلەتنىڭ ئەڭ ئاساسلىق كىرىم مەنبەسى بولۇپ قالغان. سۈرەتتە: ۋاتىكان دۆلەتلىك مۇزېيىدىن بىر كۆرۈنۈش.

ۋاتىكان قورغان دۆلىتىنىڭ زىمىنى 0.44 كۇۋادىرات كىلومېتىر، نوپۇسى 1400، دائىملىك تۇرۇشلۇق نوپۇسى 500 ئەتراپىدا.

گەرچە ۋاتىكان دۇنيا بويىچە ئەڭ كىچىك دۆلەت بولسىمۇ، نوپۇسى ئاران نەچچە يۈز، دۆلەت زىمىنى بىر كۇۋادىرات كىلومېتىرغىمۇ يەتمىسىمۇ، بىراق بۇ دۆلەت پۇقرالىرىنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان كىرىمى ئامېرىكا بىلەن ئەنگىلىيەدىنمۇ كۆپ. ئىگىلىنىشىچە، 2013-يىلى ۋاتىكان پۇقرالىرىنىڭ ئوتتۇرىچە كىرىمى 81 مىڭ دوللار بولغان. ۋاتىكان قورغان دۆلىتى ئىتالىيە ۋە باشقا دۆلەتلەرنىڭ زور مەبلەغ سېلىشى ۋە ئۆي-مۈلۈك كەسپىگە مەبلەغ سېلىشىنى قوبۇل قىلىدىغان بولۇپ، ئۇنىڭ يەنە «خەلقئارا پۇل-مۇئامىلە ئىمپىراتورلىقى» دېگەن نامى بار.

سۈرەتتە: ۋاتىكان ئوردىسىغا ساياھەتكە كەلگەن ساياھەتچىلەر.

ۋاتىكان شۇنچە كىچىك دۆلەت تۇرسا نېمە ئۈچۈن باشقا دۆلەتلەر ئۇنى بوزەك قىلمايدۇ ياكى بېسىۋالمايدۇ؟ بۇنىڭ سەۋەبى شۇكى، بىز ئالدىدا تىلغا ئالغاندەك، ۋاتىكان دۇنيا كاتولىك دىنىنىڭ مەركىزى. ئۇندىن باشقا، بۇ دۆلەتتە ناھايىتى زور مىقداردا سەنئەت ۋە قۇرۇلۇش قەدىمى ئاسارە-ئەتىقىلىرى ساقلانغان بولۇپ، دۆلەت ئەھۋالى ئالاھىدە. ئەگەر مەلۇم بىر دۆلەت ۋاتىكان بىلەن قارشىلاشتى دېگەن سۆز، شۇ دۆلەت پۈتۈن دۇنيادىكى بارلىق كاتولىك دىنى ۋە خىرىستىيان مۇخلىسلىرىنى ئۆزىگە دۈشمەن قىلىۋالدى دېگەنگە باراۋەر. سۈرەتتە: ۋاتىكان قورغان دۆلىتىنىڭ پاپاسى بېنېدىكىس 16- (Pope Benedict sixteen) ۋەزىپىسىدىن ئايرىلىشتىن بۇرۇن ئەڭ ئاخىرقى قېتىم خەلق ئاممىسى بىلەن ئاشكارا كۆرۈشىۋاتىدۇ.

ئەلۋەتتە، ۋاتىكان دۆلىتىدە ھەربىي ئارمىيە يوق، بىتەرەپ دۆلەت شىۋېتسارىيە تەشكىللىگەن ساقچى قوغدىغۇچىلار ئەترىتى بۇ جاينىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغدايدۇ. سۈرەتتە: ۋاتىكان قورغان دۆلىتى پاپاسىنىڭ قوغدىغۇچىلار ئەترىتى. (رەڭلىك فورما كېيىۋالغان بۇ قوغدىغۇچى ئەسكەرلەر توغرىسىدا تور بېكىتىمىز مەخسۇس خەۋەر بەرگەن. مەنبە: http://www.nur.cn/news/2016/11/329685.shtml)


باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号