باش بەت

جاھانكەزدى

14396يوللانما
13مەستانە

پىۋا نېمە ئۈچۈن سۇلياۋ بوتۇلكىلارغا قاچىلانمايدۇ؟

مەنبە:تەڭرىتاغ تورى يوللانغان ۋاقىت:2016-11-07 22:46 0 ئىنكاس چۈشتى

سۇلياۋ بوتۇلكىلارنىڭ خىمىيەلىك تەركىبى ئادەتتە ئەينەك بوتۇلكىلارغا قارىغاندا مۇرەككەپ بولىدۇ، پىۋا ۋە باشقا ئىچىملىكلەرنى سۇلياۋ بوتۇلكىلارغا قاچىلىغاندا، سۇلياۋ تەركىبىدىكى خىمىيەلىك ماددىلار ئىچىملىككە سىڭىپ كىرىپ، ئىچىملىكنىڭ تەمىنى سۇسلاشتۇرۇۋېتىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە پىۋىنى سۇلياۋ بوتۇلكىلارغا قاچىلىغاندا پىۋا كۆپۈكچىلىرىدىكى كاربون (Ⅳ) ئوكسىد ئاسانلا يوقاپ كېتىدۇ.

 پولى ئېستېردىن سۇلياۋ بوتۇلكا ياسىغاندا، سىتىبىي كاتالىزاتور قىلىنىدۇ، شۇڭا سۇلياۋ تەركىبىدىكى قالدۇق سىتىبىينىڭ ئىچىملىككە سىڭىپ كىرىش ئېھتىماللىقى چوڭ بولىدۇ. نورمال تېمپېراتۇرىدا سۇلياۋ تەركىبىدىكى قالدۇق سىتىبىينىڭ ئىچىملىككە سىڭىپ كىرىش مىقدارى ناھايىتى ئاز بولىدۇ ھەم بەدەنگە زىيىنى بولمايدۇ، ناۋادا تېمپېراتۇرا يۇقىرى بولغاندا، سۇلياۋ تەركىبىدىكى قالدۇق سىتىبىينىڭ ئىچىملىككە سىڭىپ كىرىش مىقدارى كۆپىيىپ بەدەنگە بەلگىلىك دەرىجىدە زىيان سالىدۇ.

 پىۋا رەڭلىك ئەينەك بوتۇلكىلارغا قاچىلىنىدۇ، رەڭلىك ئەينەك بوتۇلكا پىۋىنى كۈن نۇرىدىن مۇداپىئە كۆرۈش رولىنى ئويناپ، پىۋا تەركىبىدىكى بىر قىسىم ماددىلارنىڭ ئوكسىدلىنىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، پىۋىنىڭ ئەسلىي تەمىنىڭ ئۆزگىرىپ كېتىشىدىن ساقلايدۇ. پىۋا ئېچىتىلىپ، بوتۇلكىلارغا قاچىلانغاندىن كېيىن، باكتېرىيە ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن، بوتۇلكىلارنى دېزىنفېكسىيەلەش ئۈسكۈنىسىگە سېلىنىپ، قايناق سۇ پۈركۈش ئارقىلىق دېزىنفېكسىيەلىنىدۇ. مۇنداق قىلغاندا پىۋىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلغىلى ھەم پىۋىنىڭ ساقلاش ۋاقتىنى ئۇزارتقىلى بولىدۇ. ئەينەك ياكى ئاليۇمىن بوتۇلكىلارغا قايناق سۇ پۈركىگەندە مەسىلە كۆرۈلمەيدۇ، ئەمما سۇلياۋ بوتۇلكىلارغا يۈز سېلسىيە گىرادۇستىكى قايناق سۇ پۈركۈلسە شەكلى ئۆزگىرىپ كېتىدۇ.

يۇقىرىقى سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، پىۋا ياكى باشقا ئىچىملىكلەر ئادەتتە سۇلياۋ بوتۇلكىلارغا قاچىلانماستىن، بەلكى نۇر توسۇش ئىقتىدارىغا ئىگە رەڭلىك ئەينەك بوتۇلكىلارغا قاچىلىنىدۇ.


تاجىگۈل سەيدۇللا تەييارلىغان


مەنبە: http://uy.ts.cn/life/content/2016-11/07/content_562819.htm?lang=uy

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号