باش بەت

زورىگۈل

5742يوللانما
35مەستانە

دۇنياغا داڭلىق قۇرۇلۇشلارنىڭ چاقماق بىلەن «يېقىندىن ئۇچرىشىشى»

مەنبە:بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەر يوللانغان ۋاقىت:2016-11-13 18:30 0 ئىنكاس چۈشتى

بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەرلەر تورى 12-نويابىر خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ئامېرىكا نيۇيوركتىكى ئەركىنلىك ئىلاھەسىنىڭ ھەيكىلى، تولۇق ئىسمى «ئەركىن ئىلاھەسى مىس ھەيكىلى دۆلەت خاتىرە تېشى» بولۇپ، فىرانسىيە 1876-يىلى ئامېرىكا مۇستەقىللىق ئۇرۇشى مەزگىلدىكى ئامېرىكا-فىرانسىيە ئىتتىپاقىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن ئامېرىكىغا سوۋغا قىلغان، 1866-يىلى 10-ئاينىڭ 28-كۈنى مىس ھەيكەل پۈتكەن.

پارىژدىكى ئېففىل تۆمۈر مۇنارى، فىرانسىيەلىكلەر «تۆمۈر ئايال» دېيىشنى ياخشى كۆرىدۇ. 1889-يىلى ياسالغان، ئېگىزلىكى 300 مېتىر، ھاۋا سىمىنىڭ ئېگىزلىكى 24 مېتىر، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 324 مېتىر. تۆمۈر مۇنار كۆپلىگەن پارچە پولات-تۆمۈرلەرنى قوراشتۇرۇپ ياسالغان.

گىرىتسىيەدىكى ئافېنا قەلئەسى گىرىتسىيەدىكى ئەڭ داڭلىق قەدىمىي قۇرۇلۇش، ئۇنىۋېرسال خاراكتېرلىك ئاممىۋى قۇرۇلۇش، دىنىي سىياسىي مەركەز.

ئەنگلىيەنىڭ ۋىلتشىردىكى سالىسبۇر گىگانت تاش تۈۋرۈكلەر، گىگانت تاشلاردىن تۈزۈلگەن، ھەر بىرىنىڭ ئېغىرلىقى تەخمىنەن 50 توننا كېلىدۇ. مىلادىدىن بۇرۇنقى 2300-يىللاردا ياسالغان، ياۋروپادىكى داڭلىق تارىختىن ئىلگىرى دەۋر مەدەنىيىتى بۇتخانا خارابىسى.

مالايسىيا كۇئالالۇمپۇر نېفىت قوش مۇنارى، ئېگىزلىكى 452 مېتىر، 1993-يىلى قۇرۇلۇش باشلىنىپ 1997-يىلى پۈتۈپ ئىشلىتىلگەن. ئۇنى مالايسىيا دۆلەتلىك نېفىت شىركىتى 2 مىليارد مالايسىيا پۇلىغا ياسىغان.

كانادا دۆلەتلىك تېلېۋىزىيە مۇنارى، ئېگىزلىكى 553.33 مېتىر، 1976-يىلى پۈتكەندىن كېيىن بۇ مۇنار كۇئالالۇمپۇر دۇنيا رىكورتىغا ئەڭ ئېگىز قۇرۇلۇش دەپ خاتىرىلەنگەن، تاكى خەلىفە مۇنارى (دۇبەي) ئۇنىڭدىن ئېشىپ كەتكۈچە.

ئەنگلىيە چوڭ سائىتى، يەنى ئېلزابىت مۇنارى ئەنگلىيەنىڭ لوندوندىكى تايمىس دەريا ساھىلىغا جايلاشقان بىر سائەت مۇنارى بولۇپ، 1958-يىلى 4-ئاينىڭ 10-كۈنى پۈتكەن، ئۇزۇنلۇقى 97.5 مېتىر.

ئامېرىكا سېئاتلدىكى بوشلۇق ئىستىرىلكىسى مۇنارى، ئېگىزلىكى 184 مېتىر، 1961-يىلى ياسالغان.

بىرازىلىيەنىڭ رىئودى ژانىيرودىكى كىرسىت ھەيكىلى، 1931-يىلى پۈتكەن، ئومۇمىي ئېگىزلىكى 38 مېتىر.

ئامېرىكا چىكاگودىكى ۋىللىس مۇنارى، 1974-يىلى قۇرۇلۇش باشلانغاندا دۇنيادىكى ئەڭ ئېگىز قۇرۇلۇش ئىدى، ئۇنىڭ ئېگىزلىكى 412 مېتىر بولۇپ، ھاۋا ئوچۇق بولغاندا ئامېرىكىنىڭ 4 ئىشتاتىنى كۆرگىلى بولاتتى.

شاڭخەيدىكى شەرق مەرۋايىتى تېلېۋىزىيە مۇنارىنىڭ ئېگىزلىكى تەخمىنەن 468 مېتىر. 1991-يىلى 7-ئايدا قۇرۇلۇش باشلىنىپ 1995-يىلى 5-ئايدا ئىشلىتىشكە كىرىشتۈرۈلگەن. 

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号