باش بەت

مۇھەممەد

76يوللانما
0مەستانە

بۇ روتېر بولسا بالىڭىزنىڭ ئوغرىلىقچە تورغا چىقىشىدىن ئەنسىرىمەيسىز

مەنبە:تېڭشۈن خەۋەر تورى يوللانغان ۋاقىت:2016-11-13 22:00 0 ئىنكاس چۈشتى

تېڭشۈن تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

Digital Trends تور بېكىتى خەۋىرى، روتېر ھەر خىل تور ئۈسكۈنىلىرى تور ئېقىمى چوقۇم ئۆتىدىغان بېكەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، WiFi روتېر ئابۇنتلارنىڭ ئەڭ مۇھىم ئۈسكۈنىلىرىنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

Gryphon روتېرى كىچىك بالىلارنىڭ «بالىلارغا زىيانلىق» ئۇچۇرلار بىلەن ئۇچرىشىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ

Gryphon بولسا بىر ئىقتىدارى ئىنتايىن يۇقىرى بولغان «ئىنقىلاب خاراكتېرلىك» مەھسۇلات بولۇپ ھېسابلىنىدۇ، ئۇنىڭغا ئائىلە باشلىقى باشقۇرۇش ۋە سۈنئىي ئىقتىدار ئۆگىنىشچان ئەقلىي بىخەتەرلىك ئىقتىدارى سەپلەنگەن. ئابۇنتلار پەقەت تېلېفون ئارقىلىقلا Gryphonنى باشقۇرالايدۇ.

Gryphonنىڭ كەشىپ قىلغۇچىسى جون ۋۇ (John Wu)نىڭ Digital Trends تورىغا بىلدۈرۈشىچە، ئۇنىڭ ئىككى قىزى بولۇپ، ئۇلارنىڭ بىرسى 11 ياش، يەنە بىرى 13 ياش ئىكەن. ئىككى يىل ئىلگىرى ئۇلار كەڭ كۆلۈمدە ئىنتېرنېت تورى ئىشلىتىشكە باشلىغان ئىكەن. ئۇ يەنە مۇنداق دېگەن: «ئۇلارنىڭ تورغا چىققاندا ياخشى بولمىغان ئۇچۇرلار بىلەن ئۇچرىشىپ قالىدىغانلىقى ناھايىتى ئېنىق. شۇڭلاشقا ئۇلارنى قوغدايدىغان ھەم ئۇلارنىڭ توردىن پايدىلىنىشىغا تەسىر كۆرسەتمەيدىغان ھەل قىلىش لايىھەسى تۈزۈپ چىقىش خىيالىغا كەلدىم.»

گەرچە ئىنتېرنېتتىكى ناچار ئۇچۇرلارنى توسۇپ قالىدىغان يۇمشاق دېتاللار پەيدا بولغىلى ئۇزۇن بولغان بولسىمۇ، جوننىڭ بايقىشىچە، ئادەتتە ئائىلىلەردە تورغا چىقىدىغان ئۈسكۈنىلەر كۆپرەك بولغان ۋاقىتتا ھەر بىر ئۈسكۈنىگە ئايرىم-ئايرىم ئۇ دېتالنى قاچىلاش ئىنتايىن ئاۋارىچىلىك ئىدى. 

ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە: «ئائىلىدە تورغا چىقىدىغان ئۈسكۈنە كۆپ بولغاندا ، ھەر بىر ئۈسكۈنىگە ئايرىم دېتال قاچىلاش ۋە تەڭشەش نازارەت قىلىش بەك ئاۋارىچىلىك. شۇڭا مەن ئايرىم روتېر ياساپ چىقىشىمنىڭ سەۋەبى مۇشۇ.»

Digital Trends تورى يەنە مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن: Gryphon بولسا بىر چېتىپلا ئىشلەتكىلى بولىدىغان ئۈسكۈنە بولۇپ، ئۇنىڭغا يانداشقان ئەپ دېتالىنى يانفونغا قاچىلاش ئارقىلىقلا، ئوخشىمىغان تورغا چىققۇچى ئۈسكۈنىلەرنى ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ياش چەكلىمىسى، ئۇخلاش ۋاقتى ۋە تاپشۇرۇق ئىشلەش ۋاقتى قاتارلىقلارنى تەڭشەپ قويغىلى بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ئاتا-ئانىلار يەنە تورغا چىققان ھەر بىر ئۈسكۈنە زىيارەت قىلغان تور بەت ئۇچۇرلىرىنىمۇ كۆرەلەيدۇ.

Gryphon پەقەت ئائىلە تورغا چىقىش لايىھەلىرىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىپلا قالماي، تور ھۇجۇمىغا قارشى تۇرۇپ ئابۇنىتلار تور بىخەتەرلىكىنى قوغدىيالايدىكەن.

جوننىڭ مۇنداق دىدى: «بىر قانچە ھەپتە بۇرۇن خاككېرلار كونترول قىلغىلى بولىدىغان نۇرغۇن ئالاقە تور ئۈسكۈنىلىرگە تور ھۇجۇمى قوزغىدى. بىز Gryphon غا بىخەتەرلىك تېخنىكىسى ئورۇنلاشتۇردۇق، ئۇ تور ئۈسكۈنىلىرىنىڭ ھەرىكىتىنى نازارەت قىلالايدۇ، غەيرى ئەھۋال سېزىلگەن ھامان ھۇجۇمغا ئۇچرىغان ئۈسكۈنىنى توردىن ئۈزۈۋېتىدۇ.»

ئۇنىڭدىن باشقا، Gryphon بارلىق قوبۇل قىلغان ئۇچۇرلارغا قارتا سۈزۈش ئېلىپ بېرىپ يامان غەرەزلىكلىرىنى چىقىرىپ تاشلاپ، ئۇلارنىڭ ئىشلەتكۈچى تور مۇھىتىغا كىرىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدىكەن.

Gryphon يەنە7×24 ھالەتتىكى ئەقلىي ئىقتىدارلىق ھۇجۇمنى سېزىش (β) ئىقتىدارى بارلىق تور ئۈسكۈنىلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغدايدۇ. تور ئالاقىسىدە ھەر بىر ئۈسكۈنىنىڭ بىردىن-بىر شىفىرى بولىدۇ. ئۈسكۈنە ھۇجۇمغا ئۇچرىغان ۋاقىتتا شىفىرىدا ئۆزگىرىش بولىدۇ، ئۈسكۈنىنىڭ شىفىرىدا ئۆزگىرىش بولغان ھامان، Gryphon ئاپتوماتىك ھالدا ئابۇنتقا ئەسكەرتىش بېرىدۇ ۋە شۇ ئۈسكۈنىنى توردىن ئايرىۋېتىدۇ.

Digital Trendsنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئادەتتە ئۆلچەملىك WiFi روتېرنىڭ سىمسىز سىگنال قاپلاش دائىرىسى 1000 ئىنگلىز فۇت (تەخمىنەن 93 كىۋادرات مېتىر) بولىدىكەن، بىراق Gryphon روتېرنىڭ سىگنال قاپلاش دائىرىسى 2500 ئىنگلىز فۇت (تەخمىنەن 232 كىۋادرات مېتىر) ئىكەن. ئۇ بىر دانە ئۈچ چاستوتا قانىلىدىن تەركىب تاپقان روتېر بولۇپ، تېخىمۇ كۆپ ئۈسكۈنە تورغا ئۇلىنالايدىغان بولۇپ، ئۈسكۈنىلەرنىڭ تورغا چىقىش سۈرئىتىنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرەلەيدىكەن.

Gryphonنىڭ سېتىلىش باھاسى 139 ئامېرىكا دوللىرى (تەخمىنەن 947يۈەن) ئىكەن. 2017-يىلى 6-ئايدا رەسمىي بازارغا سېلىنىدىكەن.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号