باش بەت

نۇسرەتگۈل

10518يوللانما
187مەستانە

ياۋروپانىڭ كۆپ قىسىم رايونلىرىدا قۇش زۇكىمى يۇقۇم ئەھۋالى كۆرۈلدى

مەنبە:بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەر يوللانغان ۋاقىت:2016-11-14 16:35 0 ئىنكاس چۈشتى

گېرمانىيەنىڭ زىيېسلۇبى (Ziesluebbe) رايونىدىكى خىزمەتچى خادىملار سىرتتىكى چۈجىلەرنى ئالاھىدە ياسالغان ئۆيگە ھەيدەپ كىرگۈزىۋاتىدۇ. 

ئىگىلىنىشىچە، ياۋروپادىكى ياۋا ئۇچار قۇشلارنىڭ بەدىنىدىن H5N8 تىپلىق قۇش زۇكىمى ۋىرۇسى بايقالغان بولۇپ، ياۋروپادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر بۇ دېھقانچىلىق مەيدانىدا بېقىلىۋاتقان ئۆي قۇشلىرىنى سىرتقا چىقارماسلىقنى تەلەپ قىلغان.

گېرمانىيەدىكى بىر دېھقانچىلىق مەيدانىدا H5N8 تىپلىق قۇش زۇكىمى يۇقۇم ئەھۋالى كۆرۈلگەن بولۇپ، بۇ جايدىكى 30 مىڭ توخۇ ئۆلتۈرىۋېتىلدى، دېھقانچىلىق مەيدانىنىڭ ئەتراپىدىكى 3 كۋادرات مېتىر رايون پېچەتلەندى. گېرمانىيە ھۆكۈمىتى جىددىي ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىش ئىشخانىسى تەسىس قىلىپ، تەدبىر قوللىنىپ يۇقۇم ئەھۋالىنىڭ كەڭ تۈردە تارقىلىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالدى.

گېرمانىيەنىڭ ماركلې بېرگ رايونىدىكى ھايۋاناتلار دوختۇرى ئۇچىسىدىكى مۇداپىئە كىيىمىنى سېلىۋاتىدۇ.

سىرتتا بېقىلىۋاتقان توخۇلار قۇش زۇكىمى تارقالغانلىقى سەۋەبىدىن ئالاھىدە ياسالغان كاتەككە سولاندى.

گېرمانىيەنىڭ گىرامبىي (Grumby) رايونىدىكى خىزمەتچى خادىملار توخۇ كاتىكىگە قاراپ كېتىۋاتىدۇ.

گېرمانىيەنىڭ زىيېسلۇبى رايونىدىكى خىزمەتچى خادىملار سىرتتىكى توخۇلارنى ئالاھىدە ياسالغان ئۆيگە كىرگۈزىۋاتىدۇ.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号