باش بەت

نۇر فىلىم

1272يوللانما
406مەستانە

ئالاقە تورى ئارقىلىق خەلققە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتايلى

مەنبە:تەڭرىتاغ تورى يوللانغان ۋاقىت:2016-11-17 12:19 0 ئىنكاس چۈشتى

كۆپچىلىكنىڭ ئەقىل – پاراسىتىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئورتاق تونۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئالاقە تورى ئارقىلىق خەلققە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتايلى

تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى خەۋىرى:

شى جىنپىڭ 3–نۆۋەتلىك دۇنيا ئالاقە تورى يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا سىنلىق سۆز قىلىپ مۇنداق تەكىتلىدى:

 كۆپچىلىكنىڭ ئەقىل – پاراسىتىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئورتاق تونۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئالاقە تورى ئارقىلىق خەلققە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتايلى

ليۇ يۈنشەن ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى

 شىنخۇا ئاگېنتلىقى، خاڭجۇ، 11 – ئاينىڭ 16 – كۈنى تېلېگراممىسى. 3 – نۆۋەتلىك دۇنيا ئالاقە تورى يىغىنى 11 – ئاينىڭ 16 – كۈنى چۈشتىن بۇرۇن جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ ۋۇجېن بازىرىدا ئېچىلدى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا سىنلىق سۆز قىلىپ، جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە جۇڭگو خەلقىگە ۋاكالىتەن، شۇنداقلا شەخسىي نامى بىلەن يىغىننىڭ ئېچىلغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلەپ، ئەزىز مېھمانلاردىن سەمىمىي ھال سوراپ، كۆپچىلىكنىڭ كۆپنىڭ ئەقىل – پاراسىتىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئورتاق تونۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئالاقە تورى ئارقىلىق خەلققە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىشىنى ئۈمىد قىلدى.

 شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئالاقە تورى دەۋرىمىزدىكى ئەڭ تەرەققىيات ھاياتىي كۈچىگە ئىگە ساھە. ئالاقە تورى تېز تەرەققىي قىلىپ، ئىنسانلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشىدا چوڭقۇر ئۆزگىرىش پەيدا قىلىپلا قالماستىن، ئىنسانىيەت جەمئىيىتىگە بىر قاتار يېڭى پۇرسەت ۋە يېڭى خىرىسلارنى ئېلىپ كېلىۋاتىدۇ. ئالاقە تورى تەرەققىياتىنىڭ دۆلەت چېگراسى ياكى چېگراسى يوق. شۇڭا ئالاقە تورىدىن ياخشى پايدىلىنىش، ئۇنى ياخشى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە ياخشى باشقۇرۇش ئۈچۈن تور بوشلۇقىدىكى خەلقئارا ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، قول تۇتۇشۇپ، بىرلىكتە ئالاقە تورى بوشلۇقى تەقدىرداش ئورتاق گەۋدىسىنى قۇرۇپ چىقىش كېرەك.

 شى جىنپىڭ تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ھەر قانداق كىشى ئەمەلىيەتچىل بولغاندىلا، ئاندىن ئىشنىڭ يولىنى تاپالايدۇ». جۇڭگو خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن بىرلىكتە ئىنسانلارغا ئورتاق بەخت يارىتىشنى ئاساس قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، تور ئىگىلىك ھوقۇقى ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، دۇنيا ئالاقە تورىنى باشقۇرۇشنى تېخىمۇ ئادىل ۋە مۇۋاپىق يۆنىلىشكە قاراپ سىلجىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تور بوشلۇقىدا باراۋەر ھۆرمەت قىلىش، تەرەققىياتتا يېڭىلىق يارىتىش، ئېچىۋېتىپ تەڭ بەھرىلىنىش، بىخەتەر تەرتىپلىك بولۇش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولىدۇ.

 ليۇ يۈنشەن باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى ئۇنىڭ ئالاقە تورىنىڭ دەۋر تەرەققىيات يۈزلىنىشىنى چوڭقۇر كۆزىتىپ، ئىنسانلارغا ئورتاق بەخت يارىتىشقا يۈكسەك كۆڭۈل بۆلۈپ، خەلقئارا جەمئىيەت، بولۇپمۇ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق ساداسىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ، دۇنيا ئالاقە تورىنى باشقۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە جۇڭگونىڭ ئەقىل – پاراسىتىنى قوشقانلىقىنى تولۇق نامايان قىلدى.

 ليۇ يۈنشەن مۇنداق دېدى: ئالاقە تورى پۈتۈن دۇنيانىڭ ئىقتىسادىي ئەندىزىسى، مەنپەئەت ئەندىزىسى ۋە خەۋپسىزلىك ئەندىزىسىدە چوڭقۇر ئۆزگىرىش پەيدا قىلىۋاتىدۇ. ئالاقە تور بوشلۇقى تەقدىرداش ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇش ئىنسانلار ئورتاق يېڭى ئائىلىسى قۇرۇشنىڭ ئوبيېكتىپ ئېھتىياجى، ئۇچۇرلىشىش خىرىسىغا تاقابىل تۇرۇشنىڭ تەخىرسىز تەلىپى، تەرەققىياتنىڭ يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى يېتىلدۈرۈشتىكى مۇقەررەر تاللاش. جۇڭگو ھەر قايسى دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە دۇنيا ئالاقە تورىنى باشقۇرۇشتىكى «تۆت پىرىنسىپ» ۋە «بەش نۇقتىلىق تەشەببۇس»نى يېتەكچى قىلىپ، سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ماسلىشىش ۋە ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، ئالاقە تور بوشلۇقى تەقدىرداش ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇش ئۈچۈن پائال تىرىشچانلىق كۆرسىتىشنى خالايدۇ.

 ليۇ يۈنشەن مۇنداق دېدى: قول تۇتۇشۇپ بىرلىكتە ئالاقە تور بوشلۇقى تەقدىرداش ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇش ئۈچۈن باشقۇرۇش قائىدىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش جەھەتتىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تور ئىگىلىك ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ تور بوشلۇقىدا باراۋەر تەرەققىي قىلىش ھوقۇقى، قاتنىشىش ھوقۇقى ۋە باشقۇرۇش ھوقۇقىنى قوغداپ، كۆپ تەرەپلىك، دېموكراتىك، ئېنىق بولغان دۇنيا ئالاقە تورىنى باشقۇرۇش سىستېمىسى قۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش؛ ئالاقە تورىدا يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئىجادىيەت جەھەتتىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئېچىۋېتىپ ھەمكارلىشىش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، ئورتاق پايدا ئېلىشتا چىڭ تۇرۇپ، تور بوشلۇقىدا تېخىمۇ كۆپ مەنپەئەت بىرلەشمە نۇقتىلىرى ۋە ھەمكارلىق يېڭى يارقىن نۇقتىلىرىنى بارلىققا كەلتۈرۈش؛ تورنى ئومۇملاشتۇرۇشنى تېزلىتىش جەھەتتىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىنى پۇرسەت دەپ بىلىپ، ئىستراتېگىيەلىك جىپىسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئالاقە تورىنىڭ تەرەققىيات نەتىجىلىرى ئارقىلىق ھەر قايسى دۆلەت خەلقلىرىگە نەپ يەتكۈزۈش؛ مەدەنىيەتتە ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتتىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، قول تۇتۇشۇپ، توردا مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇپ تەڭ بەھرىلىنىدىغان سۇپا بەرپا قىلىپ، ئىنسانلار مەدەنىيىتىنىڭ كۆپ خىللىقىنى تولۇق نامايان قىلىش؛ تور بىخەتەرلىكى خىرىسىغا تاقابىل تۇرۇش جەھەتتىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئالاقىلىشىش، كېڭىشىشنى كۈچەيتىپ، توردىكى قانۇنغا خىلاپ جىنايى ھەرىكەتلەرگە قانۇن بويىچە زەربە بېرىپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكى، ئىجتىمائىي مەنپەئەت ۋە پۇقرالارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق – مەنپەئىتىنى قوغداپ، بىرلىكتە تىنچ ۋە بىخەتەر تور قۇرۇپ چىقىش كېرەك.

 كامبودژانىڭ مۇئاۋىن باش ۋەزىرى خې نەنخۇڭ، «نوكىيا» شىركىتىنىڭ مەسئۇلى لى سىتو، «تۇرىڭ مۇكاپاتى»غا ئېرىشكەن ئامېرىكىلىق راي رېتې، «ئەلى بابا» مۇدىرىيىتىنىڭ رەئىسى ما يۈن قاتارلىقلار ئېچىلىش مۇراسىمىدا سۆز قىلدى.

 3 – نۆۋەتلىك دۇنيا ئالاقە تورى يىغىنى 11 – ئاينىڭ 16 – كۈنىدىن 18 – كۈنىگىچە ئۆتكۈزۈلىدىغان بولۇپ، ئۇنىڭ باش تېمىسى «ئىجادىي قوزغىتىش، ئىنسانلارغا بەخت يارىتىش قول تۇتۇشۇپ، بىرلىكتە تور بوشلۇقى تەقدىرداش ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇش». بەش چوڭ قىتئەدىكى 110 نەچچە دۆلەت ۋە رايوننىڭ ھۆكۈمەت ۋەكىللىرى، خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرى، ئالاقە تورى كارخانىلىرىدىكى باشلامچى ئەربابلار، ئالاقە تورىدىكى داڭلىق شەخسلەر، مۇتەخەسسىس، ئالىملاردىن بولۇپ 1600دىن ئارتۇق ئەزىز مېھمان يىغىنغا قاتناشتى. 

ئەسلى مەنبە: http://uy.ts.cn/homepage/content/2016-11/17/content_565480.htm?lang=uy

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号