باش بەت

ئەلى

1883يوللانما
3مەستانە

ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى كۆپ دۆلەتتە قۇش زۇكىمى بىلەن يۇقۇملىنىش ئەھۋالى كۆرۈلدى

مەنبە:جۇڭگو ئاخبارات تورى يوللانغان ۋاقىت:2016-11-17 14:24 0 ئىنكاس چۈشتى

جۇڭگو ئاخبارات تورى 17-نويابىر خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى.
ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى 16-نويابىر بۇ يىل 10-ئاينىڭ ئاخىرىدا باشلاپ، ياۋروپادىكى 8 دۆلەتتە H5N8 تىپلىق قۇش زۇكىمىدىن يۇقۇملىنىش ئەھۋالى كۆرۈلگەنلىكىنى جاكارلىدى.
 پولشا، كرودىيە، شۋېتسارىيە، دانىيە، گوللاندىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە بايقالغىنى ياۋايى قۇشلار يۇقۇملانغان H5N8 تىپلىق قۇش زۇكىمى ۋىروسى. ئەمما گېرمانىيە، ۋېنگىرىيە، ئاۋسترىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىكى ئۆردەك ۋە توخۇ باقمىچىلىقى فېرمىلىرىدا ئوخشاشلا H5N8 تىپلىق قۇش زۇكىمىدىن يۇقۇملىنىش ئەھۋالى كۆرۈلگەن. بۇ كېسەللىك ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان ئائىلە قۇشلىرى ئاللىبۇرۇن ئۆلتۈرۈۋېتىلدى.
نۆۋەتتە ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەزا دۆلەتلىرىدە ئادەمنىڭ H5N8 تىپلىق قۇش زۇكىمىدىن يۇقۇملىنىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلمىدى. ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى ئەزا دۆلەتلەرنى قۇش زۇكىمى يۇقۇملۇق ئەھۋالىغا قارىتا ھوشيار تۇرۇپ، يۇقۇملىنىش ئەھۋالىنىڭ كېڭىيىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى ئەسكەرتتى.
 ياۋرو يېمەكلىك بىخەتەرلىكى ئىدارىسىنىڭ مۇتەخەسسلىرى نۆۋەتتە ئەزا دۆلەتلەرگە ياردەملىشىپ، مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى يىغىش پائالىيىتىگە قاتنىشىۋاتىدۇ، شۇ ئارقىلىق بۇ خىل كېسەللىك ۋىرۇسىنىڭ قايسى خىل يول ئارقىلىق ياۋايى قۇشلاردىن ئۆي قۇشلىرىغا يۇقۇش ئەھۋالىنى ئېنىقلاۋاتىدۇ. بۇ ئۇچۇرلار ياۋروپا يېمەكلىك بىخەتەرلىكى ئىدارىسىنىڭ قۇش زۇكىمىنىڭ ياۋروپادا تارقىلىش خەۋپ خەتىرىنى قايتىدىن باھالىشىغا ياردەم بېرىدۇ.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号