باش بەت

ئەلى

1883يوللانما
3مەستانە

SpaceX شىركىتى 4425 دانە سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بېرىش ئىلتىماسى سۇندى

مەنبە:cnBeta تورى يوللانغان ۋاقىت:2016-11-17 17:00 0 ئىنكاس چۈشتى

cnbeta تورى 17-نويابىر خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

بېيجىڭ ۋاقتى 17-نويابىر چۈشتىن بۇرۇن SpaceX شىركىتى 4425 دانە سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بېرىش پىلانىنىڭ تەپسىلاتلىرىنى ئاشكارىلىدى، شۇنداقلا «بۇ پىلاننىڭ مەقسىتى دۇنيانى كەڭ بەلۋاغلىق تور مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەش» دېدى. بۇ شىركەتنىڭ سىئاتېلدىكى شىركىتى تەتقىقات جەريانىدا ھالقىلىق رول ئوينايدىكەن. سەيشەنبە كۈنى SpaceX شىركىتى فېدېراتسىيە تېلېگراف كومىتېتىغا تاپشۇرغان ئىلتىماس ۋە قوشۇمچە ماتېرىياللاردا يۇقىرىقى پىلانغا قارىتا تەپسىلى چۈشەندۈرۈش ئېلىپ باردى.
كەلگۈسى بىر نەچچە يىل ئىچىدە SpaceX شىركىتى Airbus يولۇچىلار ئايروپىلانى گۇرۇھى، ۋىرگىن سامانيولى شىركىتى ۋە باشقا تېلېگراف شىركەتلىرى بىرلىشىپ مەبلەغ سالغان OneWeb شىركىتى، بوئىن شىركىتى قاتارلىق بىر نەچچە كارخانا ئىچىدىكى بىردىنبىر سۈنئىي ھەمراھتىن پايدىلىنىپ ئىنتېرنېت تور كەسپىنى يولغا قويغان شىركەت بولۇپ قالىدۇ. بوئىن شىركىتى 1000دىن ئارتۇق سۈنئىي ھەمراھنى تۆۋەن يەرشارى ئوربېتىسىغا قويۇپ بېرىشنى پىلانلىدى.
بەلگىلىمىگە ئاساسەن OneWeb شىركىتىنىڭ مۇلازىمەت مۇددىتى 2019-يىلىدىن كېيىن قالسا بولمايدۇ. SpaceX شىركىتى ۋە بوئىن شىركىتىنىڭ مۇلازىمەت مۇددىتى تېخى بەلگىلەنمىدى.
SpaceX شىركىتىنىڭ ئىلتىماس ماتېرىيالى ئۆز ئىچىگە ئالغان تېخنىكىلىق سانلىق مەلۇماتلاردا SpaceX مۇنداق دېدى: كەلگۈسىدە 800 دانە سۈنىي ھەمراھ ئىشلىتىش ئارقىلىق كەڭ بەلۋاغلىق سودا ئىنتېرنېت تورى مۇلازىمىتىنى يولغا قويىمىز. بۇنىڭ قاپلاش دائىرىسى شىمالىي كەڭلىك 15 گرادۇستىن 60 گرادۇسقىچە، جەنۇبىي كەڭلىك 15 گرادۇستىن 60 گرادۇسقىچە بولىدۇ، ئالياسكا رايونى مەزكۇر دائىرىنىڭ سىرتىغا چىقىرىۋېتىلىدۇ، چۈنكى بۇ رايون فېدراتسىيە تېلېگراف كومىتېتىنىڭ ۋاقىتلىق ھوقۇق بېرىشىگە موھتاج بولىدۇ.
ئەڭ ئاخىرىدا بۇ سېستىمىدىكى سۈنئىي ھەمراھ سانى 4425كە كۆپەيتىلىدۇ، ئۇنىڭ تارقىتىش چاستوتىسى Ku بىلەن Ka ئارىلىقىدا بولىدۇ.
SpaceX شىركىتى مۇنداق دېدى: «ئەگەر بۇ سۈنئىي ھەمراھلار ئورۇنلاشتۇرۇلسا، SpaceX شىركىتىنىڭ سىستېمىسى يەر شارى سىرتقى يۈزىنىڭ ھەممە يېرىنى قاپلايدۇ. پرىنسىپ جەھەتتە بۇ سۈنئىي ھەمراھلارنىڭ يەر شارىنىڭ پۈتكۈل رايونلىرىنى كەڭ بەلۋاغلىق تور بىلەن تەمىنلەش ئىقتىدارى بار.»
مەزكۇر سۈنئىي ھەمراھلارنىڭ يەر شارى ئوربىتىسىنى ئايلىنىش ئېگىزلىك دائىرىسى بولسا 714 ئىنگلىز مىلىدىن 823 ئىنگلىز مىلىغىچە. بۇنىڭ ئېگىزلىكى خەلقئارالىق ئالەم بوشلۇق پونكىتىدىن خېلى ئېگىز، بىراق يەر شارى تىنىچ ئوربىتا سۈنئىي ھەمراھىدىن خېلى كۆپ تۆۋەن. SpaceX شىركىتى فېدېراتسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ئوربىتا ئەخلەتلىرىنى ئازايتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
SpaceX شىركىتىنىڭ دېيىشىچە، ھەر بىر سۈنئىي ھەمراھنىڭ ئېغىرلىقى 850 قاداق كېلىدىكەن. قۇياش ئېنېرگىيىلىك تاختىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغاندا ئۇنىڭ ھەجىمى 13x6x4 ئىنگلىزچىسى كېلىدىكەن، خىزمەت ئۆمرى تەخمىنەن 5 يىلدىن 7 يىلغىچە ئىكەن.
SpaceX شىركىتى يەنە فېدراتسىيە تېلېگراف كومىتېتى ۋە خەلقئارالىق تېلېگراف بىرلەشمىسىنىڭ تور مەشغۇلات ئىجازەتنامىسىغا موھتاج بولىدىكەن. خەلقارا تېلېگراف بىرلەشمىسىنىڭ ماتېرىيالى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە نورۋېگىيە ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن SpaceX شىركىتىنىڭ نامىدا تاپشۇرۇلىدىكەن.
ئۆتكەن يىلى باش شتابى كالىفورنىيەگە جايلاشقان بۇ شىركەت ۋاشىنگتوندا بىر ئىش بېجىرىش ئورنى قۇرغان بولۇپ،  تىجارەت تۈرىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى سۈنىي ھەمراھ تۈرىگە قويۇلغان. SpaceX شىركىتىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى Elon Musk سىئاتتىلدا بۇ تۈرنى جاكارلىغاندا، مىڭدىن ئارتۇق خىزمەتچى خادىمنىڭ كەلگۈسىدە ۋاشىنگتوندا خىزمەت قىلىدىغانلىقىنى ئاشكارىلىغان. ئەينى ۋاقىتتا Elon Musk تەخمىنەن بەش يىل ۋاقىت ۋە 10 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىلىق  مەبلەغ بولغاندىلا ئاندىن سۈنئىي ھەمراھ تۈرىنى قوزغاتقىلى بولىدۇ، دېگەن.
بۇ يىل 9-ئايدا «ئوۋچى بۈركۈت 9-نومۇر» ناملىق راكېتا ۋە ئۇ ئېلىپ ماڭغان سۈنئىي ھەمراھ فىلورىدا ئىشتاتىنىڭ  قويۇپ بېرىش سۇپىسىدا پارتلاپ كېتىپ، SpaceXنى زور ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچراتتى. مۇشۇ ئاي Elon Musk: «ۋەقە سەۋەبىنى تەكشۈرۈش خىزمىتى پات يېقىندا ئاخىرلىشىدۇ، SpaceX شىركىتى 12-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا سۈنئىي ھەمراھنى قايتا قويۇپ بېرىدۇ» دېگەن ئىدى.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号