باش بەت

رازى

1625يوللانما
44مەستانە

تويغا ئاز قالغاندا دادىسى يېنىۋالدى، يىگىت ئاچچىقىدا ئۆيدىن چىقىپ كەتكەنچە قايتىپ كەلمىدى

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2016-11-17 22:11 0 ئىنكاس چۈشتى

ئاتا ئانىسى بىلەن زىددىيەتلىشىپ قالغان يىگىت ئۆيدىن چىقىپ كەتتى. يەتتە يىل جەرياندا ئۇ دەرۋەقە ئاتا ئانىسى بىلەن ئالاقە قىلمىدى، بىر قېتىممۇ ئۆيىگە قايتمىدى. نەچچە كۈن ئىلگىرى، خۇاڭداۋ چېگرا ساقچىخانىسىدىكى ساقچىلارنىڭ ياردىمى بىلەن يىگىتنىڭ ئاچىسى چىڭداۋ شەھىرىگە كېلىپ، ھەممە يەرنى ئىزدىگەندىن كېيىن، ئاخىرى ئىنىسىنى تاپتى، شۇنىڭ بىلەن بىر ئائىلە كىشىلىرى جەم بولدى.

10-ئاينىڭ 27-كۈنى، خۇاڭداۋ چېگرا ساقچىخانىسىغا بىر ياش ئايال كەلگەنىدى، ئۇنىڭ فامىلىسى جياڭ بولۇپ، جياڭسۇ ئۆلكىسى ليەنيۈنگاڭ شەھىرىدىن ئالدىراش يېتىپ كېلىپ، ناھايىتى جىددىيلەشكەن ھالدا ساقچىدىن يوقاپ كەتكىنىگە كۆپ يىللار بولغان ئىنىسىنى ئىزدەشكە ياردەم قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

ئەسلىدە يەتتە يىل ئىلگىرى 22 ياشلىق ئىنىسى شياۋ جاڭ بىر قىز بىلەن مۇھەببەتلەشكەن، ئىككىسىنىڭ مۇھەببىتى چوڭقۇرلىشىپ توي قىلماقچى بولغان، ئىككى ئائىلە كىشىلىرىمۇ تويغا تەييارلىق قىلغان. ئويلىمىغان يەردىن تويغا ئاز قالغاندا، جياڭ خانىمنىڭ دادىسى تۇيۇقسىز تويدىن يېنىۋالغان، شياۋ جياڭ ئاچچىقىغا پايلىماي ئۆيدىن چىقىپ كەتكەن ئىكەن.

دەسلەپتە ئائىلىسىدىكىلەر شياۋ جياڭنى بىر دەملىك ھاياجان بىلەن ئۆيدىن چىقىپ كەتتى دەپ ئويلاپ قالغان. كىم بىلسۇن شۇ كۈندىن باشلاپ شياۋ جاڭ ئۆيىگە قايتمىغان، ئادەتتە پەقەت ئاچىسى بىلەنلا ئالاقىلەشكەن. 2014-يىلى ئىنىسى جياڭ خانىمدىن پۇل سورىغان، ئاچىسى قوشۇلمىغاندىن كېيىن، ئۇ ئىككىسى ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقە ئۈزۈلگەن.

جياڭ خانىمنىڭ ئېيتىشىچە، دادىسىنىڭ مىجەزى چۇس بولۇپ، دائىم ئىنىسىنى ئۇرۇپ تىللايدىكەن. شياۋ جياڭ كىچىك ۋاقتىدا ئازراقلا سەۋەنلىك ئۆتكۈزسىمۇ، دادىسى ئۇرۇپ تىللايدىكەن، ۋاقىت ئۆتكەنسېرى ئىنىسىدا ھەممە ئىشنى ئىچىدە ساقلايدىغان ئادەت شەكىللەنگەن ئىكەن. 2014-يىلىدىن باشلاپ، جياڭ ئائىلىسىدە ئارقىمۇئارقا ئۆزگىرىش يۈز بەرگەن: ئانىسى ئېغىر كېسەلگە گىرىپتار بولغان، دادىسى يارىلانغان، چوڭ دادىسى ئۆپكە راكىنىڭ ئاخىرقى باسقۇچىغا بېرىپ قالغان. بىر ئائىلە كىشىلىرى شياۋ جياڭنى كۆرۈشنى ئارزۇ قىلغان، بولۇپمۇ شياۋ جاڭغا ئەڭ كۆيۈنىدىغان چوڭ دادىسى يەتتە يىلدىن بېرى يوقاپ كەتكەن نەۋرىسىنى توختىماستىن ياد ئېتىپ تۇرغان.

بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، ساقچىلار شياۋ جياڭنىڭ مېھمانسارايدا مۇلازىمەتچىلىك قىلغاندىن سىرت يەنە چىڭداۋ شەھىرىنىڭ غەربىدىكى مەلۇم بىر چوڭ كارخانىدا ئىشلىگەنلىكىنى ئىگىلىگەن. ساقچىلار سۈرۈشتە قىلىش ئارقىلىق، شياۋ جياڭنىڭ دائىم ئىتتىپاق يولىنىڭ ئالدىدىكى كوچا ئېغىزىغا جايلاشقان تورخانىدا تورغا چىقىدىغانلىقىدىن خەۋەر تاپقان. 10-ئاينىڭ 30-كۈنى چۈشتە، ساقچىلار ياخشى نىيەتلىك تور باشقۇرغۇچىنىڭ ياردىمىدە شياۋ جياڭنى تاپقان.

كۆپچىلىكنىڭ نەسىھەتى بىلەن، ئۆيدىن چىقىپ كەتكىنىگە يەتتە يىل بولغان شىياۋ جياڭ ئاخىرى ئاچىسى بىلەن ئاتا ئانىسىنىڭ يېنىغا قايتقان.


باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号