شىنخۇا تورىنىڭ 11-ئاينىڭ 18-كۈنىدىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
چەتئەل ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، كورېيە يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقى ئەمەلدارى 18-چېسلا كۈنى ئىپادە بىلدۈرۈپ، كورېيەدە تۇنجى H5N6 يۇقىرى تارقىلىشچان ئەسلى مەنبەلىك قۇش زۇكىمى ۋاباسى كۆرۈلگەنلىكىنىڭ دەلىللەنگەنلىكى، شۇنداقلا ئالاقىدار تارماقلارنىڭ ئاللىقاچان ئايرىۋېتىش تەدبىرى قوللىنىشقا باشلىغانلىقىنى ئېيتقان.
بۇ قېتىمقى قۇش زۇكىمى ۋاباسى كورېيەنىڭ ئوتتۇرا قىسمى ۋە جەنۇبىي قىسمىدىكى ئىككى ئۆي قۇشلىرى باقمىچىلىق مەيدانىدا كۆرۈلگەن ئىكەن. كورېيە يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقى ئۆتكەن ھەپتە دوكلات ئېلان قىلىپ، پەسىل قۇشلىرىنىڭ گەندىسىدە H5N6 قۇش زۇكىمى ۋىرۇسىنىڭ بايقالغانلىقىنى ئېيتقانىدى.
كورېيە يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقىنىڭ ئېيتىشىچە، كورېيەدە قۇش زۇكىمى ۋاباسىنىڭ يامراپ
كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن 62 مىڭدىن كۆپرەك پەسىل قۇشلىرى ئۆلتۈرۈۋېتىلگەن، شۇنداقلا يەنە قۇش زۇكىمى ۋاباسى بايقالغان ئىككى ئۆي قۇشلىرى باقمىچىلىق مەيدانىنىڭ 10 كىلومېتىر دائىرىسى ئىچىدە <يۆتكەشنى باشقۇرۇش بۇيرۇقى> يولغا قويۇلغان ئىكەن.
كورېيە يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقى ئەمەلدارىنىڭ ئېيتىشىچە، ھازىرچە قۇش زۇكىمى ۋاباسىنىڭ كەڭ كۆلەمدە تارقىلىپ كېتىش ئەھۋالى كۆرۈلمىگەن ئىكەن.