باش بەت

رازى

1625يوللانما
44مەستانە

سېمىز ئەر ئۈچ ياشلىق قىزىنىڭ بىر ئېغىز سۆزى بىلەن ئورۇقلاپ كېلىشكەن دادىغا ئايلاندى

مەنبە:تور دۇنياسى يوللانغان ۋاقىت:2016-11-18 23:25 1 ئىنكاس چۈشتى

«سېمىزلىكنىڭ ئۆزىگە چۇشلۇق ياخشى يېرى بار» بۇ بىر جۈملە سۆزنى سېمىز كىشىلەر دائىم ئۆزىگە تەسەللىي بېرىش ئۈچۈن ئىشلىتىدۇ.

 32 ياشلىق دادا بىر يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ، 50 كىلوگرامغا يېقىن ئورۇقلاپ، «ئۆلگۈر سېمىز» دىن «كېلىشكەن ئەر» گە ئايلاندى.

بۇ دادىنىڭ ئىسمى شېڭبياۋ بولۇپ، بوي ئېگىزلىكى 1 مېتىر 80 سانتىمېتىر، ئېغىرلىقى ئەڭ سەمىرگەن ۋاقىتتا 246 جىڭغا يەتكەن، ئۇ بىر يىل ۋاقىتتا 246 جىڭدىن ئورۇقلاپ 150 جىڭغا چۈشكەن ئىدى.

ئىگىلىنىشىچە، شېڭبياۋنىڭ ئورۇقلىشىدىكى سەۋەب ئۈچ ياشلىق قىزىنىڭ ئۇنىڭغا دېگەن مۇنۇ بىر جۈملە سۆزى ئىكەن: «ئەگەر يەسلىدىكى ساۋاقداشلىرىم سېنى پور كۆتەك دېسە، سەن مېنى بالىلار باغچىسىغا ئاپىرىپ-ئەكەلمىسەڭمۇ بولىدۇ». ئۇ قىزى ئۈچۈن كۈچىنىڭ بارىچە تىرىشقان بولۇپ، شۇنىڭدىن كېيىن ئورۇقلاش سەپىرىنى باشلىغان. 

شېڭبياۋ قىزى ئۈچۈن 100 جىڭغا يېقىن ئورۇقلىغان ئىشىنى توردا ئېلان قىلغاندىن كېيىن، تورداشلارنىڭ كۈچلۈك ئىنكاسىنى قوزغىغان، «ئۇنىڭ قىزى مۆجىزە يارىتىپتۇ!» «ئاتا مېھرى خۇددى تاغدەك ئۇلۇغ!»، «يارايسىز!»، «پەقەت بالىلارلا ھەقىقىي ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ!»…خەۋەر توردا ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، نۇرغۇنلىغان تورداشلارنىڭ ماختىشىغا ئېرىشكەن.

باش سۈرەت تاللاش x
  • ئوسال3 ئاي ئىلگىرى

    بىر ئېغىزلا گەپ -ياڭزاڭۋاكەنغۇ ھېي...

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号