باش بەت

رازى

1705يوللانما
47مەستانە

ساماۋار شورپىخانىسىدا تاماق يەۋاتقان 35 خېرىدار كاربون چالا ئوكسىدتىن زەھەرلەندى

مەنبە:تور دۇنياسى يوللانغان ۋاقىت:2016-11-20 23:23 0 ئىنكاس چۈشتى

11-ئاينىڭ 19-كۈنى مەلۇم بىر بىر تورداشنىڭ ئاشكارىلىشىچە، 18-چېسلا كەچتە شاڭخەي شەھىرى شۇاڭياڭ يولىدىكى مەلۇم بىر تاماقخانىدا كاربون چالا ئوكسىدتىن زەھەرلىنىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، نەچچە ئون زەھەرلەنگۈچى دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلىپ قۇتۇلدۇرۇلغان. مۇخبىرنىڭ شاڭخەي شەھىرى ياڭپۇ رايونىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ ئىش شۇاڭياڭ يولىدىكى مەلۇم بىر ساماۋار شورپىخانىسىدا يۈز بەرگەن بولۇپ، دەسلەپكى قەدەمدە ئېنىقلىنىشىچە، جەمئىي 35 ئادەم كاربون چالا ئوكسىدتىن زەھەرلەنگەن، زەھەرلەنگۈچىلەرنىڭ ھاياتى خېيىم-خەتەردىن قۇتۇلغانىكەن.

11-ئاينىڭ 18-كۈنى سائەت 20 : 16 ئۆتكەندە، ياڭپۇ رايونى شۇاڭياڭ يولىدىكى مەلۇم بىر ساماۋار شورپىخانىسىدا كۆپلىگەن خېرىدارلار تاماق يەۋاتقاندا تۇيۇقسىز بەدىنى بىئارام بولۇپ، دۇكان ئىگىسى بىلەن جېدەل ماجىرا كېلىپ چىققان. مۇخبىرنىڭ 19-چېسلا كەچتە ياڭپۇ رايونىدىن ئىگىلىشىچە، 110 قوماندانلىق مەركىزى ئەھۋالدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، رايونلۇق ج خ تارماق ئىدارىسى، رايونلۇق بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىش ئىدارىسى، رايونلۇق بازار نازارەت قىلىش ئىدارىسى، داچياۋ كوچا باشقارمىسى قاتارلىق تارماقلار دەرھال نەق مەيدانغا يېتىپ كەلگەن، بەدىنىدە نورمالسىزلىق كۆرۈلگەن خېرىدارلار دەرھال دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلىپ جىددىي قۇتۇلدۇرۇلغان.

دەسلەپكى قەدەمدە تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئېنىقلىنىشىچە، جەمئىي 35 ئادەم كاربون چالا ئوكسىدتىن زەھەرلەنگەن، بۇ 35 خېرىدارنىڭ ئىچىدە 31 نەپەر خېرىدارنىڭ كېسەللىك ئەھۋالى بىر قەدەر يېنىك بولۇپ، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتكەندىن كېيىن ئۆيىگە قايتقان، كېسەللىك ئالامىتى بىر قەدەر روشەن بولغان تۆت كىشى دوختۇرخانىدا كۆزىتىلگەندىن كېيىن 19-چېسلا سەھەردە ئۆيىگە قايتقان. بارلىق كىشىلەرنىڭ ھاياتى خەتەردىن قۇتۇلغان. نۆۋەتتە ۋەقە يۈز بەرگەن تاماقخانا بۇيرۇققا بىنائەن تىجارەتتىن توختىتىلغان.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号