باش بەت

iskandar

344يوللانما
55مەستانە

مۇراد ئېلېكترون تېخنىكا شىركىتى نىڭبودا زاۋۇت قۇردى

مەنبە:تور دۇنياسى يوللانغان ۋاقىت:2016-11-24 13:00 0 ئىنكاس چۈشتى

شىنجاڭ مۇراد ئېلېكترون تېخنىكا شىركىتى نىڭبو شەھىرىدە خېمىر يۇغۇرۇش ماشىنىسى ياساش زاۋۇتى قۇردى. مەزكۇر شىركەت 1999-يىلى 5-ئايدا ئۈرۈمچىدە قۇرۇلغان بولۇپ، ئىزچىل تۈردە كامېرا، ل ې د ئېكىرام ئاۋاز ئۈسكۈنىلىرى، زاۋۇت كارخانىلارنى ئاپتوماتلاشتۇرۇش، كومپيوتېر تورلاشتۇرۇش قاتارلىق يوقىرى تېخنىكىلىق قۇرۇلۇشلارنى قىلىپ كەلگەن.

مۇراد ئېلېكترون شىركىتى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان مىللىتىمىزنىڭ تۇرمۇش ئادەتلىرىگە ماس كېلىدىغان تۇرمۇش، ئاشخانا ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرىنى لاھىيەلەش، تەتقىق قىلىش، ئىشلەپچىقىرىش بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلمەكتە. شىركەت لاھىيەلەش بۆلۈمى، ئىشلەپچىقىرىش بۆلۈمى، قۇرۇلۇش بۆلۈمى، رىمونت مۇلازىمەت بۆلۈمى، مالىيە بۆلۈمى، ئىسكىلات باشقۇرۇش بۆلۈمى، باشقۇرغۇچىلار بۆلۈمىدىن تۈزۈلگەن مۇكەممەل، سېستىمىلاشقان باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىگە ئىگە يوقىرى پەن تېخنىكىلىق شىركەت.

2012-يىلى بۇ شىركەت تۇنجى بولۇپ ئائىلىلەردە ئىشلىتىشكە ماس كېلىدىغان مۇراد ماركىلىق ئۇيغۇرچە سېستىمىلىق ئاپتوماتىك بولكا پىشۇرۇش، خېمىر يۇغۇرۇش ماشىنىسى ئىشلەپچىقىرىپ بازارغا سېلىپ، خەلقىمىزنىڭ قىزغىن ئالغىشىغا ئېرىشكەن. بۇ ماشىنا ھازىرغا قەدەر شىنجاڭ بازىرىدا سېتىلىش مىقدارى بويىچە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرۇپ كەلمەكتە.

شىركەت بىر نەچچە يىللىق سېتىش ئەمەلىيىتى جەھەتتە خېرىدارلارنىڭ ئىنكاسى ۋە بازار ئېھتىياجىغا ئاساسەن، بۇرۇنقى مەھسۇلاتلارنىڭ كەمچىللىكىنى تولۇقلاپ، ئۆزى تەتقىق قىلىپ، لاھىيەلەپ، جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ نىڭبو شەھىرىدە مۇراد ئېلېكترون ئۈسكۈنىلىرىنى قوراشتۇرۇش زاۋۇتىنى قۇرۇپ، ئائىلىلەردە ئىشلىتىلىدىغان ئۈچ كېلوگراملىق خېمىر يۇغۇرۇش ماشىنىسىنى ياساپ بازارغا سالدى.

شىركىتىنىڭ بۇ مەھسۇلاتى ئاپتونۇم رايۇنىمىزدىلا ئەمەس، مەملىكەت ئىچى، چەتئەل بازارلىرىدىمۇ يوق مەھسۇلات بولۇپ، مەھسۇلات ئۈچ تۈردە پاتنېت ھوقۇقىغا ئېرىشكەن.

بۇ مەھسۇلاتنىڭ ھەجىمى كىچىك، يېنىك بولۇپ، يۆتكەپ ئىشلىتىشكە قولايلىق، ئالاھىدە لاھىيەلەنگەن تۇراقلىق ئېلېكتېر ماتور سەپلەنگەن بولۇپ، شاۋقۇنسىز، بىخەتەر، خېمىر يۇغۇرۇش چېلىكى ئالاھىدە ئىشلەنگەن داتلاشماس پولاتتا ياسالغان بولۇپ، يۇغۇرغان خېمىردا غەيرى پۇراق، تەم بولمايدۇ. يۇغۇرۇلۇشى قولدا يۇغۇرغان خېمىر بىلەن ئوخشاش بولىدۇ. بۇنىڭدا ھەر خىل ئادەتتىكى تاماقلارنىڭ خېمىرىنى يۇغۇرغىلى بوپلا قالماستىن يەنە نان ۋە سامسىلارنىڭ خېمىرلىرىنىمۇ يۇغۇرالايدۇ. پەقەت بىرلا بۇرۇغۇچ بىلەن خېمىر يۇغۇرۇش ھالىتىگە ئۆتىدۇ، ئىشلىتىش ئىنتايىن ئاسان، ئاسان كاشىلا كۆرۈلمەيدۇ، ياشانغانلار، ھەتتا كىچىك بالىلارمۇ ئىشلىتەلەيدۇ.

شىركىتىمىز كىيىنكى قەدەمدە يېڭى بىر پاتنېتلىق مەھسۇلاتنى ئىشلەپچىقىرىش، كىيىنكى يىلدا يەنە ئىككى خىل مەھسۇلاتنى ئىشلەپچىقىرىش ئۈچۈن زاۋۇتنى ئۈرۈمچى شەھىرىگە يۆتكەپ كەلمەكچى، شۇ مۇناسىۋەت بىلەن ھەمكارلاشقۇچىلار ۋە ۋاكالەتچىلەرنى قوبۇل قىلىدۇ.

 

شىركەت ئورنى: ئۈرۈمچى شەھىرى تەڭرىتاغ رايۇنى يەنئەن يولى ئۆپكە كېسەللىكلىرى دوختۇرخانىسىنىڭ ئۇدۇلىدىكى كوچا ئىچىدە

ئالاقىلىشىش تېلېفونى: 18999111725



باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号