باش بەت

نۇسرەتگۈل

8453يوللانما
213مەستانە

ئامېرىكىلىق باي 6 مىليارد 200 مىليون دوللار خەجلەپ يەر ئاستى قەلئەسى ياساپ چىقتى

مەنبە:بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەر يوللانغان ۋاقىت:2016-11-24 17:00 0 ئىنكاس چۈشتى

2012-يىلى زامان ئاخىرى بولىدۇ دەيدىغان قاراش ھازىر كونىراپ قالدى. بىراق، ئامېرىكىلىق بىر باي يەنىلا ئاشۇ كۈننىڭ ھامان يېتىپ كېلىدىغانلىقىغا ئىشىنەتتى.

شۇنىڭ بىلەن روبېرت ۋىسىنو ئىسىملىك بۇ باي 6 مىليارد 200 مىليون ئامېرىكا دوللىرى سەرپ قىلىپ، گېرمانىيەدىكى مەلۇم بىر كەنتتە ھەشەمەتلىك يەر ئاستى قەلئەسى سېلىپ چىقتى.

  روبېرت بۇ قەلئەنى «پاناھلىق جاي» دەپ ئاتىدى.

بۇ قەلئەگە نۇرغۇن ئادەم قىزىقىۋاتقان بولۇشى مۇمكىن. ئۇنداقتا، بىز بىللە بېرىپ بۇ جاينى كۆرۈپ كېلەيلى.

بۇ يەر ئاستى قەلئەسىگە نۇرغۇنلىغان ھەشەمەتلىك ئەسلىھەلەر سەپلەنگەن.

مەسىلەن، بۇ جايدا بىر سۇ ئۈزۈش كۆلچىكى بار، يەنە كىنوخانا، چېنىقىش ئۆيى ۋە تاماقخانا قاتارلىقلارمۇ بار.

بۇلارىن باشقا، يەنە دالىدا چېنىقىش مەيدانى، ھەتتا تىك ئۇچارمۇ بار.

بۇ قەلئە گېرمانىيەدىكى روتخېنستىن (Rothenstein) كەنتىگە جايلاشقان بولۇپ، 2-دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ھەربىي ئىشلار ئىستىھكامى بولغان.

بۇ قەلئە يادرو پارتلىشىغا، بىئوخىمىيىلىك قورللارنىڭ ھۇجۇمىغا ۋە دېڭىز تاشقىنىنىڭ زىيىنىغا قارشى تۇرۇش ئىقتىدارىغا ئىگە.

روبېرت بۇ قەلئەدىن تولىمۇ رازى ۋە ئۇنىڭدىن پەخىرلىنىدۇ. ئۇ يەنە بۇ قەلئەنى قىيىن ۋاقىتلاردا كىشىلەرگە ياردەم قىلىپ، ئۇلارنى قۇتۇلدۇرالايدۇ دەپ قارىدى.

قارىماققا، بۇ قەلئەنىڭ ئىچكى بېزىلىشى ناھايىتى ھەشەمەتلىك كۆرۈنىدۇ. روبېرت يالغۇز سۇ ئۈزۈش كۆلچىكى قۇرۇلۇشى ئۈچۈنلا 1 مىليون 100 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى خەجلىگەن.

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号