باش بەت

سەپەرجان

3241يوللانما
294مەستانە

CBA بىرلەشمىسى 10-ئايلانما مۇسابىقىسى ئومۇمىي بايانى (1)

مەنبە:جىبوبا تورى يوللانغان ۋاقىت:2016-11-24 22:28 0 ئىنكاس چۈشتى

نۇر تورى تەرجىمىسى:

11-ئاينىڭ 23-كۈنى، CBA بىرلەشمىسى 10-ئايلانمىسىدىكى 5 مەيدان مۇسابىقە ئوينالدى، تۆۋەندە بىز بىرلىكتە بۇ 5 مەيدان مۇسابىقىنىڭ نەتىجىسىنى كۆرۈپ باقايلى:

بىرىنچى ئاۋغۇست 122:76 گۇاڭدۇڭ

11-ئاينىڭ 23-كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن CBA بىرلەشمىسى 10-ئايلانمىسىدا، بىرىنچى ئاۋغۇست كوماندىسى ساھىبخان مەيداندا گۇاڭدۇڭ كوماندىسى بىلەن مۇسابىقلەشتى. ئاخىرىدا گۇاڭدۇڭ كوماندىسى 76:122 نەتىجىدە بىرىنچى ئاۋغۇست كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلدى ۋە ئۇدا 5 مەيدان غەلىبىنى قولغا كەلتۈردى.

بۇ مەيدان مۇسابىقىدە گۇاڭدۇڭ كوماندىسىدىن يى جيەنليەن 25 نومۇر، 5 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى ۋە 3 قېتىم توپ تارتىۋالدى؛ سىلون 19 نومۇر، 4 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئېلىپ، 9 قېتىم ياردەمچى پاس بەردى؛ جوۋپىڭ 23 نومۇر، 2 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى ۋە 2 قېتىم ياردەمچى پاس بەردى.

بىرىنچى ئاۋغۇست كوماندىسىدىن ئارسىلان 17 نومۇر، 3 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى ۋە 2 قېتىم ياردەمچى پاس بەردى؛ فۇخاۋ 16 نومۇر، 7 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى ۋە 2 قېتىم ياردەمچى پاس بەردى؛ زوۋ يۈچېن 9 نومۇر، 3 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى.

سىچۈەن 99:91 لياۋنىڭ

11-ئاينىڭ 23-كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن CBA بىرلەشمىسى 10-ئايلانمىسىدا، سىچۈەن كوماندىسى ساھىبخان مەيداندا لياۋنىڭ كوماندىسى بىلەن مۇسابىقلەشتى. ئاخىرىدا لياۋنىڭ كوماندىسى 91:99 نەتىجىدە سىچۈەن كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلدى.

سىچۈەن كوماندىسىدىن شېمىس 23 نومۇر، 13 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئېلىپ، 3 قېتىم ياردەم پاس بەردى؛ ھادادى 20 نومۇر، 10 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى؛ جاڭ چۈنجۈن 12 نومۇر، 7 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى؛ ليۇ ۋېي 8 نومۇر ئالدى؛ مىڭدا 19 نومۇر ئالدى.

لياۋنىڭ كوماندىسىدىن گو ئەيلۈن 23 نومۇر، 7 گاردىن قايتقان توپ ئالدى؛ جاۋ جىۋېي 9 نومۇر، 2 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى؛ خادسون 24 نومۇر ئالدى؛ خەن دېجۈن 9 نومۇر، 11 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى؛ راندولف 19 نومۇر، 12 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى.

تيەنجىن 108:99 جياڭسۇ

11-ئاينىڭ 23-كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن CBA بىرلەشمىسى 10-ئايلانمىسىدا، تيەنجىن كوماندىسى ساھىبخان مەيداندا جياڭسۇ كوماندىسى بىلەن مۇسابىقلەشتى. ئاخىرىدا جياڭسۇ كوماندىسى 99:108 نەتىجىدە تيەنجىن كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلدى.

تيەنجىن كوماندىسىدىن جېتتېر 20 نومۇر ئالدى؛ ساڭنى 21 نومۇر، 13 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى؛ تايلور 22 نومۇر، 16 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى؛ جاڭ جىخەن 15 نومۇر ئالدى.

جياڭسۇ كوماندىسىدىن چاڭلىن 24 نومۇر ئالدى؛ يىلى 11 نومۇر ئالدى؛ بىرۇكىس 40 نومۇر ئالدى.

چىڭداۋ 101:98 شېنجېن

11-ئاينىڭ 23-كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن CBA بىرلەشمىسى 10-ئايلانمىسىدا، چىڭداۋ كوماندىسى ساھىبخان مەيداندا شېنجېن كوماندىسى بىلەن مۇسابىقلەشتى. ئاخىرىدا شېنجېن كوماندىسى 98:101 نەتىجىدە چىڭداۋ كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلدى.

چىڭداۋ كوماندىسىدىن بېنمىڭ 25 نومۇر، 10 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى؛ جاڭ پىنيۈ 23 نومۇر ئېلىپ، 2 قېتىم توپ تارتىۋالدى.

شېنجېن كوماندىسىدىن پاگو 32 نومۇر ئېلىپ، 7 قېتىم ياردەمچى پاس بەردى؛ لانپې 23 نومۇر، 23 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى؛ گۇ چۈەن 13 نومۇر ئالدى.

بېيكوڭ 138:136 جېجياڭ

11-ئاينىڭ 23-كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن CBA بىرلەشمىسى 10-ئايلانمىسىدا، بېيكوڭ كوماندىسى ساھىبخان مەيداندا جېجياڭ كوماندىسى بىلەن مۇسابىقلەشتى. ئۇدا 2 قېتىملىق ۋاقىت قوشۇلغان مۇسابىقىدىن كېيىن، جېجياڭ كوماندىسى 136:138 نەتىجىدە بېيكوڭ كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلدى.

بېيكوڭ كوماندىسىدىن مەككلۇم 59 نومۇر، 7 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى ۋە 8 قېتىم ياردەمچى پاس بەردى؛ باتىستا 4 نومۇر، 13 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى؛ خې شىنىڭ 21 نومۇر ئالدى؛ ليۇ داپىڭ ۋە ۋاڭ جېنيۈ ئوخشاشلا 16 نومۇر ئالدى.

جېجياڭ كوماندىسىدىن ۋوللىن 51 نومۇر، 10 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى ۋە 9 قېتىم ياردەمچى پاس بەردى؛ لام 14 نومۇر، 11 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى؛ شيا يۈبو ۋە ۋۇ چيەن ئوخشاشلا 19 نومۇر ئالدى؛ جاڭ دايۈ 14 نومۇر ئالدى؛ لۇ ۋىنبو 13 نومۇر ئالدى.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号