باش بەت

نۇسرەتگۈل

6596يوللانما
60مەستانە

146 كىلوگراملىق بالىنىڭ ئوت بىلەن داۋالىنىۋاتقاندىكى كۆرۈنۈشلىرى

مەنبە:باش خەۋەر تورى يوللانغان ۋاقىت:2016-11-26 20:39 0 ئىنكاس چۈشتى

خاربىنلىق 11 ياشلىق ئوغۇل بالا لى خاڭ ۋىللىس سېمىزلىك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قېلىپ، 3 يېشىدىن باشلاپ تېز سۈرئەتتە سەمىرىپ كەتكەن، 11 ياشقا كىرگەندە ئېغىرلىقى 146 كىلوگرامغا يەتكەن. شۇنىڭ بىلەن ئۇ جۇڭگو تىبابىتىدىكى ئەنئەنىۋى ئۇسۇل بولغان ئوت بىلەن داۋالاش ئارقىلىق ئورۇقلىماقچى بولغان.

لى خاڭ جىلىندىكى مەلۇم بىر دوختۇرخانىدا داۋالىنىۋاتقاندا، دوختۇر قورسىقىغا قويغان لۆڭگىنىڭ ئوت ئالغانلىقىنى كۆرۈپ ۋارقىرىۋەتتى.

ئوت بىلەن داۋالاشتا بەدەنگە لۆڭگىدەك بىر نەرسە قويۇپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىسپىرت چاچقاندىن كېيىن ئوت ئالىدىغان قورقۇنچلۇق داۋالاش جەريانى بولۇپ، ئادەم بەدىنىدە ئوت يالقۇنى كۆرۈنىدۇ. بۇ ئۇسۇل بىلەن كۆپ خىل كېسەللىكلەرنى داۋالىغىلى بولىدۇ. مەسىلەن، شامالدارىش، ئورۇقلاش، ساختا ساغلاملىق دېگەندەك.

لى خاڭنىڭ داۋالىنىش تۈرلىرى يەنە يىڭنە سانجىش ۋە داغلاش ئارقىلىق داۋالاشلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

بۇ دوختۇرخانىدا مۇشۇ ئۇسۇل ئارقىلىق داۋالانغان 53 ئادەمنىڭ 7 سى بالا بولۇپ، مۆلچەرچە، 2025-يىلىغا بارغاندا جۇڭگودىكى 18-5 ياشقىچە بولغان بالىلار زىيادە سېمىزلىك كېسىلىگە گىرىپتار بولىدىكەن.

دۇنيا سېمىزلەر جەمئىيىتىنىڭ ئۆتكەن ئايدا ئېلان قىلغان دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2025-يىلىغا بارغاندا، جۇڭگودا زىيادە سېمىزلىك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بالىلارنىڭ سانى 48 مىليون 500 مىڭغا يېتىدىكەن.

بۇ بالا ئۆزىنى داۋالىغان سېستىرا بىلەن بەك چىقىشىپ قالدى. بىراق، ئوت بىلەن داۋالاشنىڭ ئۇنىڭغا پايدىسى بولۇش، بولماسلىقى تېخى نامەلۇم.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号