باش بەت

ئىدىقۇت887

7395يوللانما
16مەستانە

ياپونىيەنىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا يۇقۇملۇق قۇش زۇكىمى بايقالدى

مەنبە:خەلقئارا لىنىيە تورى يوللانغان ۋاقىت:2016-11-29 22:22 0 ئىنكاس چۈشتى


   شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 11-ئاينىڭ 29-كۈنى، ياپونىيە ئائومورى ناھىيىسى (Aomori-ken)، شۇ جايدىكى توخۇ فېرمىسىدا يۇقۇملۇق قۇش زۇكىمى بايقالغان بولۇپ، خىزمەتچى خادىملار فېرمىدىكى توخۇلارنى ئۆلتۈرۈپ بىر تەرەپ قىلماقتا.

  ياپونىيە ئائومورى ناھىيىسى (Aomori-ken) ۋە نىئىگاتا ناھىيىسى (Niigata) قاتارلىق ئىككى ناھىيىدە كەينى-كەينىدىن تېز يۇقىدىغان قۇش زۇكىمى بايقالغان بولۇپ، يەرلىك ھۆكۈمەتلەر ئاللىقاچان 310 مىڭ توخۇ ۋە 16 مىڭ كەپتەرنى ئۆلتۈرۈپ بىر تەرەپ قىلغان.

 ياپونىيە ئېقىم مەسىلىلىرى ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا،  ياپونىيىنىڭ  ئائومورى ناھىيىسى ۋە نىئىگاتا ناھىيىسىدە 28-چېسلا كۈنى ئائىلە قۇشلىرىنىڭ يۇقۇملۇق قۇش زۇكىمىدا ئۆلۈپ كېتىشىدەك ئەھۋال كۆرۈلگەن بولۇپ، كەينىدىن     ئائومورى ناھىيىسىدىكى ئۆردەك باقمىچىلىق فېرمىسىدىكى ئۆردەكلەردە    تېز يۇقىدىغان قۇش زۇكىمى تارقالغانلىقى جەزىملەشتۈرۈلگەن،نىئىگاتا ناھىيىسىمۇ 29-چېسلا كۈنى تەپسىلىي تەكشۈرۈش ئارقىلىق مەلۇم توخۇ باقمىچىلىق فېرمىسىدا H5 تىپلىق  تېز يۇقىدىغان قۇش زۇكىمى تارقالغانلىقى جەزىملەشتۈرۈلگەن.

 يۇقارقى ئىككى ناھىيە زۇكامنىڭ تارقىلىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن   ئاللىقاچان 310 مىڭ توخۇ ۋە 16 مىڭ كەپتەرنى ئۆلتۈرۈپ بىر تەرەپ قىلغان.

      

   

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号