باش بەت

رازى

1625يوللانما
44مەستانە

بالىسىنى مەكتەپكە ئېلىپ ماڭغان دادا ئاپتوبۇستا قازا قىلدى

مەنبە:سىنا تورى يوللانغان ۋاقىت:2016-11-30 21:42 0 ئىنكاس چۈشتى

تۈنۈگۈن ئەتىگەن سائەت 7:00 دىن ئاشقاندا، 49 ياشلىق خاڭجۇلۇق شۈ ئەپەندى ئادەتتىكىگە ئوخشاشلا ئاپتوبۇسقا ئولتۇرۇپ بالىسىنى مەكتەپكە ئېلىپ بارماقچى بولدى. ئاپتوبۇس قوزغىلىپ ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇ يېقىلىپ چۈشتى، شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئىككىنچى ئورنىدىن تۇرالمىدى.

جېجياڭ ئۆلكىلىك ئىككىنچى دوختۇرخانىسىنىڭ جىددىي قۇتقۇزۇش زالىدا ئون نەچچە نەپەر دوختۇر سېسترا تېخىچە شۈ ئەپەندىنى قۇتقۇزۇۋاتقان ئىدى. «تۈنۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن مېنىڭ يېنىمدا تاماق يەپ كەتكەن ئىدى، كەچ سائەت 8:30 دا مەن ئۇنىڭغا تېلېفون ئۇرۇپ بالدۇرلا قايتىشنى ئېيتقان ئىدىم…» چاچلىرى ئاقارغان موماي يېنىدىكى كىشىگە ئېسىلىپ تۇرۇپ قاتتىق يىغلاۋاتقان ئىدى، ئۇ شۈ ئەپەندىنىڭ ئانىسى ئىدى. شۈ ئەپەندىنىڭ توققۇز ياشلىق ئوغلى ياندا تۇرغان بولۇپ، ئۇنىڭ كۆزلىرىمۇ قىزىرىپ كەتكەنىدى.

سەھەر سائەت 8:00 مۇ بولمىغان ۋاقىتتا، سەنتاڭ بامبۇكزارلىقىدىن ۋۇشەن مەيدانىغا قاراپ ماڭغان 34-يول ئاپتوبۇسى خۈيمىن يولى بېكىتىدە توختىغاندا، دادا بالا ئالدىراش يېتىپ كەلدى. ئۇلار ئاپتوبۇسقا چىققاندىن كېيىن، شېن ئۇستام ماشىنىنى قوزغىتىپ ماڭدى. ئاپتوبۇستا ئادەم ئانچە كۆپ ئەمەس ئىدى. شوپۇر ئارقىنى كۆرۈش ئەينىكىدىن بىرنىڭ يانچۇقىدىن بىر نەرسە ئىزدەۋاتقانلىقىنى بايقىدى. ئاپتوبۇس 300 مېتىر ئەتراپىدا ماڭغاندا تۇيۇقسىز پوڭ قىلغان ئاۋاز بىلەن تەڭ شۈ ئەپەندى يەرگە يىقىلغان ئىدى، ئوغلى بولسا كۈچەپ «دادا دادا ....» دەپ ۋارقىراۋاتاتتى، ئوغلى يەنە دادامنىڭ يۈرىكى ياخشى ئەمەس دەۋاتاتتى.

ئاپتوبۇستىكى بىرەيلەن دەرھال 120 گە تېلېفون ئۇردى، يەنە بىرى شۈ ئەپەندىگە سۈنئىي نەپەسلەندۈرۈش ھەرىكىتى ئىشلىدى. ئوغلى بولسا ئائىلىسىگە تېلېفون ئۇردى. شوپۇر ئۇستام ساقچىغا تېلېفون ئۇرۇپ ئەھۋال مەلۇم قىلغاندىن كېيىن، شۈ ئەپەندىنى قۇتقۇزۇشقا باشلىدى. بۇ ۋاقىتتا شۈ ئەپەندىنىڭ پۈتۈن بەدىنى قېتىپ كەتكەن بولۇپ، ئاپتوبۇستىكى بىرنەچچەيلەن يەنىلا نۆۋەتلىشىپ ئۇنىڭغا يۈرەك سوقۇشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ھەرىكىتى ئىشلىدى. 10 نەچچە مىنۇت ئۆتكەندىن كېيىن شۈ ئەپەندىنىڭ قېيىنئاتىسى قېيىنئانىسى يېتىپ كەلدى، ئەمما بۇ ۋاقىت قاتناش قىستاڭچىلىقى مەزگىلى بولغاچقا، 120 جىددىي قۇتقۇزۇش ماشىنىسى تېخى كەلمىگەن ئىدى. شېن ئۇستام ئاپتوبۇسنى ھەيدەپ ئۇدۇللا دوختۇرخانىغا ئېلىپ باردى.

شۇ ئەپەندىنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ ئېلېكتىرونلۇق سودا قىلىدىغان بولۇپ، ھەر كۈنى ئوغلىنى مەكتەپكە ئاپىرىپ ئەكىلىدىكەن، ئۆزىمۇ ئىشقا بارىدىكەن. ئۇنىڭ يۈرىكى ئەزەلدىن ياخشى ئەمەس بولۇپ، يۈرەككە تىرەك سېلىش ئوپېراتسىيەسى قىلىشنى ئويلاشقانىكەن.

جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈمى دوختۇرى شۈ ئەپەندىنىڭ كېسەل تارىخى ۋە ئالامىتىگە ئاساسەن، ئۇنى يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى بىلەن قازا قىلغان دەپ ھۆكۈم قىلدى.

دوختۇرنىڭ ئېيتىشىچە بۇ خىل كېسەلگە گىرىپتار بولغان كىشىلەر سالامەتلىكنى ئاسراشقا ئالاھىدە دىققەت قىلىشى، باش قېيىش، مەيدىسى ئاغرىش قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە ھەرگىز سەل قارىماسلىقى كېرەككەن. ھەر پەسىل ئالماشقاندا يۈرەك تىقىلمىسى ياكى مېڭە تىقىلمىسىغا گىرىپتار بولغۇچىلار كۆپىيىدىغان بولۇپ، بۇ چاغدا كىشىلەر ئىسسىق ساقلاشقا ئالاھىدە دىققەت قىلىشى كېرەككەن.


باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号