باش بەت

ئادىلجان

7184يوللانما
77مەستانە

بېلگىيە پىۋا ئېچىتىش مەدەنىيىتى دۇنيا غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى تىزىملىكىگە كىردى

مەنبە:يەر شارى تورى يوللانغان ۋاقىت:2016-12-01 18:35 0 ئىنكاس چۈشتى

يەرشارى تورىنىڭ 1-دېكابىردىكى ئۇنىۋېرسال خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

رۇسىيە «Informing» خەۋەرلەر تورىنىڭ 30-نويابىردىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ب د ت مائارىپ پەن مەدەنىيەت تەشكىلاتىنىڭ ئورگان تورىدا ئېلان قىلىنغان ئۇچۇردا ئېيتىلىشىچە، بېلگىيەنىڭ پىۋا ئېچىتىش مەدەنىيىتى دۇنيا غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن. 

ئۇچۇردا كۆرسىتىلىشىچە، پىۋا ئىزچىل تۈردە بېلگىيە دۆلىتىدىكى مىراسلارنىڭ بىرى بولۇپ كەلگەن. بۇ دۆلەت تەخمىنەن ئوخشىمىغان تۈردىكى 15 مىڭ خىل پىۋا ئىشلەپچىقىرىدۇ. بېلگىيەدە پىۋا بىر خىل ئىچىملىك بولۇپلا قالماي، يەنە تۈرلۈك مىللىي ئەنئەنىۋى تائاملارغىمۇ ئىشلىتىدۇ. ئۇنىڭدىن سىرت، ئۇ يەنە مەلۇم خىل ئالاھىدە تۈردىكى ئىرىمچىكنى ياساشقا ئىشلىتىلىدۇ. 

ب د ت مائارىپ پەن مەدەنىيەت تەشكىلاتىنىڭ كۆرسىتىشىچە، بېلگىيەدىكى پىۋا زاۋۇتلىرى يەنە دائىم تۈرلۈك خەير-ساخاۋەت ئىشلىرىغا قاتنىشىپ تۇرىدىكەن. 

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号