باش بەت

زورىگۈل

5740يوللانما
44مەستانە

رۇسىيەدىكى ئەڭ چوڭ ئالتۇن كان كىمئارتۇق قىلىپ سېتىلىدۇ، ئالتۇن زاپىسى 1814 توننا

مەنبە:شىنخۇا تورى يوللانغان ۋاقىت:2016-12-04 11:45 0 ئىنكاس چۈشتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى 4-دېكابىر خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

2-دېكابىر رۇسىيەنىڭ تەبىئىي بايلىق ۋە مۇھىت مىنىستىرىنىڭ جاكارلىشىچە، 2017-يىلى 1-ئاينىڭ 26-كۈنى رۇسىيەدىكى ئەڭ چوڭ، تېخى ئېچىلمىغان سۇخويلوگ ئالتۇن كان رايونى كىمئارتۇق قىلىپ سېتىلىدىكەن، كىمئارتۇق باھاسى 8 مىليارد 550 مىڭ رۇبلى (تەخمىنەن 133 مىليون ئامېرىكا دوللىرى)دىن باشلىنىدىكەن.

رۇسىيە سۈنئىي ھەمراھ ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، رۇسىيە زۇڭلىسى مېدۋېدېۋ شۇ كۈنى ئەتىگەندە ھۆكۈمەت بۇيرۇقىغا ئىمزا قويۇپ، ئالتۇن كاننى كىمئارتۇق قىلىپ سېتىشقا رۇخسەت قىلغان. خەۋەردە كىمئارتۇق قىلىپ سېتىش بارلىق كىشىلەرگە ئېچىۋېتىلەمدۇ-يوق بۇنى دېمىگەن، لېكىن ھۆكۈمەت بۇيرۇقىدا سۇخويلوگ ئالتۇن كان رايونى فېدېراتسىيەنىڭ مۇھىم يېرى، دېيىلگەن.

سۇخويلوگ ئالتۇن كان رايونى غەربىي سىبىرىيەنىڭ ئىركۇتسىك رايونىغا جايلاشقان، ئالتۇن زاپىسى تەخمىنەن 1814 توننا بولۇپ، دۇنيادا ھازىرغىچە مەلۇم بولغان ئەڭ چوڭ ئالتۇن كانلارنىڭ بىرى.

2012-يىلى 9-ئاينىڭ 10-كۈنى رۇسىيە يېتەكچى گېزىتى رۇسىيەنىڭ بىرىنچى مۇئاۋىن زۇڭلىسىنىڭ سۆزىنى نەقىل قىلىپ، رۇسىيە بۇ جايدىكى ئالتۇن كان رايونىنى كىمئارتۇق قىلىپ سېتىشنى خالايدۇ، ئىستىراتىگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە بولغانلىقتىن رۇسىيەلىكلەرنىڭلا سېتىۋېلىشقا قاتنىشىشىغا رۇخسەت قىلىنىدۇ، دېگەن.

تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، كان رايونىدىكى كان تاشلىرىدىكى ئالتۇننىڭ ساپلىقى بىر قەدەر تۆۋەن بولۇپ، تاۋلاش خىزمەت مىقدارى چوڭ ئىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا، ئالتۇن كان رايونى چەتتە بولغاچقا، قۇرۇقلۇق قاتنىشى قولايسىز، سۇ تەمىنلەش تەس، توك تەمىنلەش يېتەرسىز ئىكەن، بۇلارنىڭ ھەممىسى قېزىشتا ئويلىنىشقا تېگىشلىك قىيىن مەسىلىلەر ئىكەن. 

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号