باش بەت

ئادىلجان

7768يوللانما
96مەستانە

ياۋروپادا H5N8 تىپلىق قۇش زۇكىمى يامرىدى

مەنبە:يەر شارى تورى يوللانغان ۋاقىت:2016-12-05 12:14 0 ئىنكاس چۈشتى

يەرشارى تورىنىڭ 5-دېكابىردىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

يېقىندا، ياۋروپادىكى كۆپلىگەن دۆلەتلەردە يېڭى بىر نۆۋەتلىك H5N8 تىپلىق كېسەل پەيدا قىلىش نىسبىتى يۇقىرى بولغان قۇش زۇكىمى يامراپ، كۆپلىگەن تەرەپلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى. 

فىرانسىيە يېزائىگىلىك مىنىستىرلىقىنىڭ 2-نويابىر بىلدۈرۈشىچە، بۇ دۆلەتنىڭ جەنۇبىدىكى تارىن ئۆلكىسىدىكى بىر باقمىچىلىق فېرمىسىدا H5N8 تىپلىق قۇش زۇكىمى يامرىغانلىقى جەزىملەشتۈرۈلگەن. كېسەللىك ئەھۋالى يەنە تېز سۈرئەتتە ئەتراپتىكى ئۆلكىلەرگە كېڭەيگەن. گارد ئۆلكىسى، يۇقىرىقى پيرېنېس ئۆلكىسى، لوت-گارونې ئۆلكىسى قاتارلىق بەش ئۆلكىسىدىكى باقمىچىلىق فېرمىسىدىمۇ ئارقا-ئارقىدىن بۇ خىل كېسەللىك كۆرۈلگەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، فىنلاندىيە يېمەكلىك بىخەتەرلىك ئىدارىسىمۇ 2-دېكابىر كۈنى فىنلاندىيەنىڭ جەنۇبىي رايونىدا تۇنجى قېتىم H5N8 تىپلىق قۇش زۇكىمى يۇقۇم ئەھۋالى كۆرۈلگەنلىكىنى جەزىملەشتۈردى. بۇ يىل 10-ئاي كىرگەندىن بۇيان، گېرمانىيە، ئاۋىستىرىيە، كىرودىيە، شىۋىتسارىيە، گوللاندىيە، پولشا، ۋېنگىرىيە ۋە دانىيە قاتارلىق ياۋروپا دۆلەتلىرىدە ئارقا-ئارقىدىن H5N8 تىپلىق قۇش زۇكىمى ۋىرۇسى ياۋايى قۇشلار ۋە ئۆي قۇشلىرىنىڭ ئۆلۈپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. 

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى بۇنىڭدىن ئىلگىرى 2014-يىلى يەرشارىدا تۇنجى H5N8 تىپلىق قۇش زۇكىمى ۋىرۇسى بايقالغاندىن بۇيان، بۈگۈنگە قەدەر بۈگۈنگە قەدەر بۇ خىل ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملىنىش ئەھۋالى بايقىلىپ باقمىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى. 

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号