باش بەت

شىرئەلى روزى

606يوللانما
55مەستانە

ئۆلۈم-يېتىم نىسبىتى ئەڭ كۆپ بولغان بەش خىل ئاپتوموبىل

مەنبە:بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەر يوللانغان ۋاقىت:2016-12-06 09:30 1 ئىنكاس چۈشتى

ئاپتوموبىل سېتىۋالغان ۋاقتىڭىزدا ئالدى بىلەن نېمىنى ئويلىشىسىز؟ كۆپ قىسىم كىشىلەر باھاسىدىن باشقا يەنە ئاپتوموبىلنىڭ بىخەتەرلىكىگە قارايدۇ. ئامېرىكا IIHS ئىلگىرى مەخسۇس بۇ توغرىسىدا بىر تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان بولۇپ، ھادىسىدىكى ئۆلۈم-يېتىم نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى بولغان تۆۋەندىكى بەش ئاپتوموبىلنى تىزىپ چىققان.

5. خوندا سىۋىك (CICIV) ئىككى ئىشىكلىك نۇسخىسى

ياپونىيە ئاپتوموبىللىرى توغرىسىدا تالاش-تارتىشلار ئەزەلدىن كۆپ، بۇ ئاپتوموبىلمۇ ئىلگىرى نۇرغۇن مۇنازىرىلەرنى قوزغىغان، گەرچە سېتىلىش مىقدارى كۆڭۈلدىكىدەك بولسىمۇ، بىراق ھادىسىلەردىكى بىخەتەرلىك جەھەتتكى ئىپادىسى يەنىلا ئادەمنى قايىل قىلالمايدۇ. بولۇپمۇ يېنىك ۋە نېپىز ئاپتوموبىل گەۋدىسى ۋە ئاددى سەپلىمىلىرى ئۇنىڭ ئەڭ چوڭ ئەيىبى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇ خىلدىكى ئاپتوموبىلنىڭ ھادىسىلەردىكى ئۆلۈم–يېتىم نىسبىتى 1 مىليون ئاپتوموبىلدا 76 ئادەم.

4. چېۋورلىت AVEO

بۇ ئاپتوموبىلنىڭ باھاسى يامان ئەمەس، بىراق بىخەتەرلىك سەپلىمىلىرى ناھايىتى ئاددى، ئاپتوموبىلدا يان تەرەپ بىخەتەرلىك يەل خالتىسى يوق، بولۇپمۇ سوقۇلۇش ھادىسىلىرىدە ناھايىتى ئاجىز بولۇپ، ئاپتوموبىل ئىچىدىكى كىشىلەرنىڭ بىخەتەرلىكى ئەڭ ياخشى كاپالەتكە ئىگە بولالمايدۇ، بۇ خىلدىكى ئاپتوموبىلنىڭ ھادىسىلەردىكى ئۆلۈم–يېتىم نىسبىتى 1 مىليون ئاپتوموبىلدا 99 ئادەم.

3. خىيۇنداي VERNA

بۇ ئاپتوموبىلنىڭ سېتىلىشىغا گەپ كەتمەيدۇ، بىراق سوقۇلۇش سىنىقىدىكى ئىپادىسى بىلەن ئەمەلى ھادىسىلەردىكى ئىپادىسى زور پەرقلىنىدىغان بولۇپ، بۇ تەرىپى كىشىلەرنى گاڭگىرىتىپ قويىدۇ، بۇ خىلدىكى ئاپتوموبىلنىڭ ھادىسىلەردىكى ئۆلۈم–يېتىم نىسبىتى 1 مىليون ئاپتوموبىلدا 120 ئادەم.


2. نىسسان Sunny

بۇ ئاپتوموبىلىغا ESP (ئېلىكتىرونلۇق مۇقىملاشتۇرۇش سىستېمىسى) سەپلەنمىگەن، ئالدى- كەينىدىكى ئورۇندۇقىدا يان تەرەپ بىخەتەرلىك يەل خالتىسىمۇ يوق، كۆپۈكلۈك ماتېرىيالدىن ئىشلەنگەن سوقۇلۇشتىن ساقلىنىش لىمىمۇ كىشىلەرنى قايىل قىلالمايدۇ، گەرچە بۇ خىلدىكى ئاپتوموبىللارنىڭ سېتىلىشى يامان ئەمەس بولسىمۇ، بىراق ئۇ توغرىسىدىكى ئاغرىنىشلارمۇ ئۈزۈلۈپ قالغان ئەمەس، بۇ خىلدىكى ئاپتوموبىلنىڭ ھادىسىلەردىكى ئۆلۈم–يېتىم نىسبىتى 1 مىليون ئاپتوموبىلدا 130 ئادەم.

1. كىيا RIO

بۇ ئاپتوموبىلدىمۇ ESP (ئېلىكتىرونلۇق مۇقىملاشتۇرۇش سىستېمىسى) ۋە ئالدى-كەينىدىكى يان تەرەپ بىخەتەرلىك يەل خالتىسى يوق، سوقۇلۇش سىنىقىدىكى نەتىجىسىمۇ كۆڭۈلدىكىدەك ئەمەس بولۇپ ئارانلا ئۈچ يۇلتۇز دەرىجىسىگە توشقان. كىيا شىركىتى ئىلگىرى رىئو ئاپتوموبىللىرىدىكى بىخەتەرلىك يەل خالتىسى مەسىلىسى تۈپەيلىدىن 73 مىڭ ئاپتوموبىلنى قايتۇرىۋالغان. بۇ خىلدىكى ئاپتوموبىلنىڭ ھادىسىلەردىكى ئۆلۈم–يېتىم نىسبىتى 1 مىليون ئاپتوموبىلدا 150 ئادەم.

باش سۈرەت تاللاش x
  • kanji3 ئاي ئىلگىرى

    مىنىڭ ماشنام بىرىنچى ئۇرۇنغا تىزلىپتۇغۇ

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号