باش بەت

يەھياجان ئىبراھىم

2292يوللانما
9مەستانە

ئالتۇن كاندا «ئالۋاستى ئاۋازى» ئاڭلاندى

مەنبە:تور دۇنياسى يوللانغان ۋاقىت:2016-12-07 21:33 0 ئىنكاس چۈشتى


جۇڭگو خەۋەر تورىنىڭ 12-ئاينىڭ 7-كۈنىدىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: ئاۋستىرالىيە قىتئەسى تور بېكىتىنىڭ 7-چېسلا خەۋەر قىلىشىچە، چەت ئەللىك بىر ئەر ئاۋستىرالىيەدىكى 150 يىلدىن ئارتۇق تارىخى بار بىر تاشلاندۇق ئالتۇن كانغا «يۈرەكلىك ھالدا» كىرمەكچى بولغان، بىراق ئۇ ئالتۇن كانغا كىرگەن ۋاقىتتا توختىماي ھەر خىل غەلىتە ئاۋازلار چىققان بولغاچقا، ئەر ناھايىتى قورقۇپ كەتكەن. بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك سىن ماتېرىيالىنى توردا كۆرگەن تورداشلار مۇنداق دېيىشتى، بۇنداق غەلىتە ئاۋازنى «ئالۋاستى» چىقىرىدۇ. يەنە بەزى تورداشلار بۇ ئەرنىڭ راستىنلا يۈرەكلىك ئىكەنلىكىگە قول قويىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.

خەۋەردە دېيىلىشىچە، بۇ ئەر كىرمەكچى بولغان كان ۋالدېك ئالتۇن كېنى (Waldeck Mine) بولۇپ، مەزكۇر ئالتۇن كان ھەم چوڭ، ھەم چوڭقۇر بولۇپ، ھەتتا ئاستىنى كۆرگىلى بولمايىتتى، دەل مۇشۇنداق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، كىرگەن كىشىنىڭ تېنى شۈركىنەتتى. بىراق بۇ ئەر يەنىلا يۈرەكلىك بىلەن ئالتۇن ئىچىگە كىرگەن سىن ماتېرىيالى تارتىپ تورغا يوللىغان.

تورغا يوللانغان سىن ماتېرىيالىدىن كۆرىۋېلىشقا بولىدۇكى، ئەر تونېلدىن ئۆتكەن ۋاقىتتا ھەر خىل غەلىتە ئاۋازلار چىققان، ئاڭلىماققا ئەرۋاھلار ئۇنىڭغا گەپ قىلىۋاتقاندەك قىلاتتى، بۇنى ئاڭلىغان ئەر قورقۇپ يۈرەكلىرى تىتىرەپ كەتكەن. ئەر مېڭىشتىن توختىغاندا ئاۋازمۇ توختىغان، ئۇ مېڭىشقا باشلىغاندا بولسا ئاۋاز كۈچەيگەن، مەيلى قانداقلا ئويلىمايلى، بۇ ئەھۋال بەكلا غەلىتە ئىدى.

بۇ ئەر سىن ماتېرىيالى تارتقاچ مۇنداق دېدى:«مەن بۇ ئاۋازلارنىڭ نېمە ئاۋاز ئىكەنلىكىنى بىلمەيمەن، شامالنىڭ ئاۋازىمۇ؟ سىن ماتېرىيالىنى كۆرگەچ سىلەرمۇ ئاڭلىيالامدىكەنسىلەر؟ بىراق بۇ ئاڭلىماققا شامالدەك قىلمايدۇ، بەكلا قورقۇنچلۇق ئىكەن، بەلكىم بۇ قۇشنىڭ ياكى يىلاننىڭ ئاۋازى بولۇشى مۇمكىن». سىن ماتېرىيالىنى كۆرگەن بىر قىسىم تورداشلار چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېيىشتى، ئاۋاز بىردەم بار بىردەم يوق، دېمەك بۇ ئاۋازنىڭ قايتىشى، ئەكىس سادادۇر.


باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号