باش بەت

نۇربىيە ئۇيقۇت

13292يوللانما
1328مەستانە

دۇنيادىكى ئەڭ كىچىك دەرىجىدىن تاشقىرى مودېل «شەننېل» سەھنىسىدە نامايەن بولدى

مەنبە:بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەر يوللانغان ۋاقىت:2016-12-08 12:47 0 ئىنكاس چۈشتى

«بۈگۈنكى خەۋەرلەر تورى» خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

تېخى يېقىندىلا ئاياغلاشقان «شەننېل» 2017-يىللىق باش كۈز كىيىم-كېچەك يۈرۈشلۈكلىرىنى ئېلان قىلىش يىغىنىدا «ۋالىدەم» كارىل لاگېرفېلد (Karl Lagerfeld) يەنە ھۇدسون كىروئىڭنىڭ (Hudson Kroenig) قولىنى يېتىلەپ، مېھىمانلارغا تەشەككۈر سالىمى يوللىدى.

بۇ كىچىك دوست ئۆز نۆۋىتىدە دۇنيا دەرىجىلىك ئەر مودېل بىراد كىروئىڭنىڭ (Brad Kroenig) ئوغلى.

ئۇنىڭ دادىسى «ۋالىدەم»نىڭ خاس مودېلى بولغاچقا، ئۇ تۇغۇلغاندىن كېيىن، ناھايىتى تەبىئىيلا «ۋالىدەم»نىڭ چوڭقۇر ياخشى كۆرۈشىگە ئېرىشتى.

2010-يىلى ئەمدىلا ئىككى ياشقا كىرگەن ھۇدسون «شەننېل» سەھنىسىدە، تۇنجى قېتىم دادىسى بىلەن بىللە مەيدانغا چىقتى.

2010-يىلى ھۇدسون بىراقلا نام قازانغاندىن كېيىن، ھەر يىلى «ۋالىدەم» بىلەن چوڭ سەھنىلەردە كۆرۈنۈشكە باشلىدى.

ھودسوننىڭ قولىدىن يېتىلەپ ماڭغان دەرىجىدىن تاشقىرى مودېل ھېيدى موئۇنت 2013/2012-يىللىق «شەننېل» كۈز-قىش پەسللىك كىيىم كۆرگەزمىسىدە.

گەرچە ئۇنىڭ يېشى ئەڭ كىچىك بولسىمۇ، بىراق سەھنىدە ئىنتايىن سالماق ئىدى.

«شەننېل» 2013/2012-يىللىق پارىژ دالاس كىيىم-كېچەك يۈرۈشلۈكلىرى سەھنىسىدە ھۇدسون كىروئىڭ دادىسى بىراد كىروئىڭ بىلەن بىللە.

ئۇ «شەننېل» 2013-يىللىق ئەتىياز-ياز پەسىللىك ئالىي دەرىجىلىك بۇيرۇتۇلغان كىيىم-كېچەك سەھنىسىدە.

ئۇ «شەننېل» 2014-يىللىق ئەتىياز-ياز پەسىللىك ئالىي دەرىجىلىك بۇيرۇتۇلغان كىيىم-كېچەك سەھنىسىدە دەرىجىدىن تاشقىرى مودېل كارا دېلېۋىڭنى (Cara Delevingne) كۆڭلىكىنىڭ كەينىنى تۇتۇپ ماڭدى.

2015-يىلى ئۇ يەنە «ۋالىدەم» بىلەن سەھنىگە چىقتى.

 

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号