باش بەت

ئەلى

1883يوللانما
3مەستانە

سىتارباكستا ئۈندىدار چىقىمدانى ئارقىلىق ھېسابات قىلغىلى بولىدىغان بولدى

مەنبە:نۇقتا تېخنىكا تورى يوللانغان ۋاقىت:2016-12-08 13:32 0 ئىنكاس چۈشتى

technode تورى 8-دېكابىر خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

تېڭشۈن ۋە سىتارباكس گۇاڭجۇدا ستارباكسىنىڭ ئۈندىدار چىقىمدانىنى قوللايدىغانلىقىنى جاكارلىدى. بۈگۈن ئەتىگەن بېيجىڭ سەنلىتۈن تەيگۇلى جەنۇبىي رايونىدىكى ستارباكس قەھۋەخانىسىدا ئۈندىدار چىقىمىدانى ئىشلەتكىلى بولمايدىغانلىقىنى بايقىدۇق، بىراق ئىشىنىمىزكى، بۇنى ئىشقا ئاشۇرۇش پەقەت ۋاقىت مەسىلىسى.
ستارباكس جۇڭگوغا بازىرىغا كىرىپ شۇنچە كۆپ يىلدىن بۇيان ئىزچىل ھالدا جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلۇقىدىكى ئەڭ ئومۇملاشقان ئىككى چوڭ چىقىمدان-ئەلى چىقىمدانى بىلەن ئۈندىدار چىقىمدانىنى ئىزچىل قوللىماي كەلگەن.جۇڭگو بانكا كارتىلىرىغا تايىنىپ جۇڭگو بازىرىغا كىرگەن Apple Pay، سامسۇڭ ئەقلىي چىقىمدانى ۋە خۇاۋېي، شياۋمى قاتارلىق باشقا تېلېفونلارنىڭ NFC چىقىم قىلىش ئۇسۇلى ستارباكسنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەندىن كېيىن، بۇ خىل ئەھۋال كىشىلەرنىڭ تېخىمۇ دىققىتىنى تارتقان.
 ئۆتكەن يىلى ستارباكس تيەنماۋدا بايراقدار دۇكىنىنى ئاچتى. بىراق بۇنىڭدا ئىستېمالچىلارغا يۇلتۇز دەرىجىلىك ئەزالىق كارتىسى سېتىش، ئاندىن ئۇنى ستارباكس ئەپلىرى بىلەن باغلاش، ئەڭ ئاخىرىدا ستارباكس قەھۋەخانىلىرىغا بېرىپ ئىككىلىك كودنى سېكاننېرلاش ئارقىلىق چىقىم قىلىش ئۇسۇلى قوللىنىلدى. بىراق بۇ خىل چىقىم قىلىش ئۇسۇلى زاماننىڭ كەينىدە قالغانىدى. كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى بۇ قورغاننىڭ ئەلى چىقىمدانى ياكى ئۈندىدار چىقىمدانى تەرىپىدىن بويسۇندۇرۇلۇشىنى ئۈمىد قىلاتتى، بۈگۈن بۇنىڭ نەتىجىسى چىقتى.

جۇڭگودا قارشى ئېلىشقا ئېرىشەلمىگەن ستارباكس ئەپلىرى ئامېرىكىدىكى ئەڭ مۇۋەپپەقىيەت قازانغان كۆچمە چىقىم قىلىش سىستېمىلىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. ستارباكس شىركىتىنىڭ ستاتىستىكىسىدا دېيىلىشىچە، مەزكۇر شىركەت 12 مىليون يۇلتۇز دەرىجىلىك ئەزاغا ۋە 8 مىليون كۆچمە چىقىم ئابۇنتىغا ئىگە ئىكەن. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئۈچتىن بىر قىسمى ستارباكس ئورگان ئەپلىرى ئارقىلىق بىۋاستە زاكاز قىلىدىكەن. شىمالى ئامېرىكا رايونىدا ستارباكس ئەپلىرىگە باغلانغان چىقىم قىلىش كارتىسى ئارقىلىق ستارباكس يىلىغا 6 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىدىن ئارتۇق كىرىم قىلالايدىكەن. ستارباكس ھەتتا كېلەر يىلى يىل بېشىدا مەزكۇر ئەپكە سۈنئىي ئىدراكلىق ياردەمچى سەپلەشنى ئويلىغان.
ستارباكسنىڭ ئامېرىكا تۇپرىقىدىكى مۇۋاپپەقىيەت قازىنىش تەجرىبىسى مەلۇم نوقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا جۇڭگونىڭ شارائىتىغا ماسلاشمىدى. ستارباكس شىركىتىمۇ بۇ خىل ۋەزىيەتنى ئۆزگەرتىشكە ئانچە كۆڭۈل بۆلمەيدىغاندەك قىلاتتى. ئىگىلىنىشىچە، ستارباكسنىڭ جۇڭگودىكى ئاساسىي ئېقىم 3-تەرەپ چىقىم قىلىش سۇپىسىنى قوللانماسلىقى ئۆزىنىڭ ئەپلىرى ۋە ئۇنىڭغا باغلانغان ئەزالىق سىستېمىسىنىڭ ئىشلىتىش نىسبىتىنىڭ چۈشۈپ كېتىشىدىن ئەنسىرەشتىن كەلگەن. بۇ نۇقتا ئەلى چىقىمدانى ۋە ئۈندىدار چىقىمدانىنى ئىشلەتكەن مەكدونالد ۋە كېنتاكىيدا ناھايىتى روشەن ئەكس ئەتكەن. مەزكۇر ئىككى زەنجىرسىمان تېز تاماقخانىنىڭ ئورگان تورى تاماق زاكاز قىلىش ئەپلىرىنىڭ ئىشلىتىلىش نىسبىتى ئۈندىدار سالونىغا يېتەلمىگەن. بىراق مەخسۇس تەتقىق قىلىش ۋە ئۆزگەرتىش ئارقىلىقى بۇ مەسىلە ھەل قىلىندى.
ستارباكسنىڭ يانفون تور بېكىتى پەقەت تەشۋىقات رولىنى ئوينىماقتا، ستارباكس يەنىلا ستارباكس ئەپلىرىنى ئىشلىتىشنى تەۋسىيە قىلىدۇ. بۇ ئوبيېكتىپ جەھەتتە ئىستېمالچىلارغا بەزى ئاۋارىچىلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ستارباكس چوقۇم جۇڭگودا ئۈندىدارنىڭ ئەمەلىيەتتىكى App Store ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت رېئاللىقنى قوبۇل قىلىش كېرەك.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号