باش بەت

رازى

1705يوللانما
47مەستانە

توردا تونۇشقان ناتونۇش ئەر بىلەن سىرتقا چىققان قىز ئىستۇدېنت باسقۇنچىلىققا ئۇچرىدى

مەنبە:تور دۇنياسى يوللانغان ۋاقىت:2016-12-10 17:26 0 ئىنكاس چۈشتى

توردا پاراڭلىشىش ۋاسىتىلىرى نۆۋەتتە بارغانسېرى تەرەققىي قىلماقتا، بەزىلەر پاراڭلىشىش ۋاسىتىلىرىدىن پايدىلىنىپ دوست تۇتماقتا، ئەمما پاراڭلىشىش ۋاسىتىلىرىنىڭ ياردىمىدە دوست تۇتقاندا چوقۇم قاتتىق ئېھتىيات قىلىش كېرەك. شىئەن شەھىرىدىكى مەلۇم بىر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ قىز ئوقۇغۇچىسى پاراڭلىشىش ۋاسىتىسى ئارقىلىق دوست تۇتۇپ، ئۇنىڭ قاباھەتلىك چۈشى باشلاندى.

جاشۈي ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى رازۋېدكا چوڭ ئەترىتىنىڭ مۇئاۋىن ئەترەت باشلىقى چېڭ شاۋيىنىڭ ئېيتىشىچە، 12-ئاينىڭ 3-كۈنى چۈشتە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ قىز ئوقۇغۇچىسى شياۋيۈن ساقچىخانىغا كېلىپ، ناتونۇش بىر ئەرنىڭ ئۆزىگە باسقۇنچىلىق قىلغانلىقى ھەققىدە دېلو مەلۇم قىلغان. شياۋيۈن شىئەن شەھىرىدىكى مەلۇم بىر ئۇنىۋېرسىتېتتا ئوقۇيدىغان بولۇپ، قانداقسىگە جاشۈي ناھىيەسىدە ناتونۇش ئەر تەرىپىدىن باسقۇنچىلىققا ئۇچرايدۇ؟ ساقچى تەپسىلىي سۈرۈشتە قىلىش ئارقىلىق، زىيانكەشلىك قىلغۇچىنىڭ بىر نەچچە كۈن ئىلگىرى شىياۋيۈن بىلەن توردا تونۇشۇپ قالغان بىرى ئىكەنلىكىدىن خەۋەر تاپقان. جاشۈي ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى رازۋېدكا چوڭ ئەترىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى چېڭ شياۋيىنىڭ دېيىشىچە، ئىستۇدېنت قىزنىڭ بىخەتەرلىك قوغدىنىش ئېڭى ناچار، ئاسانلا قارشى تەرەپكە ئىشىنىدىغان بولغاچقا، ناھايىتى ئاسانلا ئۇنىڭ بىلەن جاشۈي ناھىيەسىگە كەلگەن ئىكەن.

رازۋېدكا قىلىش ئارقىلىق، جاشۈي ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى ساقچىلىرى ناھايىتى تېزلا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ ئۈندىدارى ئارقىلىق جىنايەت گۇماندارى بىلەن ئالاقىلەشكەن، ھەمدە مەلۇم بىر ئۇنىۋېرسىتېت ئەتراپىدا ئۇنى قولغا ئالغان. مۇخبىر ساقچىدىن ئەينى ۋاقىتتا جىنايەت گۇماندارىنىڭ نېمە قىلىۋاتقانلىقىنى سورىغاندا، مۇئاۋىن ئەترەت باشلىقى ئۇنىڭ تۇتۇلغان ۋاقىتتا ئۇنىۋېرسىتېتتىكى قىزلارنى تاماققا تەكلىپ قىلىپ، ئارقىدىن ياتاققا ئېلىپ بارماقچى بولۇۋاتقانلىقىنى ئېيتقان.

مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، ساقچىلار جىنايەت گۇماندارى لى فامىلىلىكنىڭ مەلۇم بىر ئۇنىۋېرسىتېت ئەتراپىدىكى كىچىك ئاشخانىدا ئاشپەز بولۇپ ئىشلەيدىغانلىقى، تېخى يېقىندىلا ئىشسىز قالغانلىقىنى بايقىغان. بىرى بولسا تەلىم تەربىيە ئىگىسى، ئالىي مەلۇماتقا ئىگە ئۇنىۋېرسىتېت قىز ئوقۇغۇچىسى، يەنە بىرى بولسا باشلانغۇچ مەكتەپتىمۇ پۈتتۈرمىگەن ئىشچى، شۇنداقتىمۇ ئۇ ئىككىسى دوست بولۇپ قالغان، جىنايەت گۇماندارى زادى قانداق قىلىپ قىزچاقنى شەھەر سىرتىغا ئويناشقا تەكلىپ قىلالىغاندۇ؟ جىنايەت گۇماندارى لى فامىلىلىكنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ قىزچاق بىلەن تونۇشقان ئىككىنچى كۈنى ئەتىگەندە ئۇنىڭغا ناشتىلىق ئاپىرىپ بەرگەن، يەنە ئۇنى خۇيزۇلار كوچىسىغا ئېلىپ بېرىپ تاماق يېگۈزگەن… لى فامىلىلىكنىڭ ئىقرار قىلىشىچە، ئۇ شياۋيۈن ئۈچۈن ئالدى كەينى بولۇپ 1000 يۈەندىن ئارتۇق پۇل خەجلىگەن ئىكەن. قارشى تەرەپنىڭ شېكەر يالىتىلغان بومبىسى ئالدىدا شياۋيۈن ناھايىتى تېزلا ھوشيارلىقنى يوقاتقان. ساقچىلار تەمىنلىگەن ۋىدىئودا كۆرسىتىلىشىچە، دېلو يۈز بەرگەن كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 6:00 دىن ئاشقاندا، شياۋيۈن بىلەن جىنايەت گۇماندارى بىرلىكتە مەلۇم بىر كىچىك مېھمانسارايغا كىرگەن، ئاخىرىدا كىچىككىنە بىر ئۆينى تاللاپ كېچىنى بىللە ئۆتكۈزگەن.

قىزچاق باسقۇنچىلىققا ئۇچرىغاندا نېمە ئۈچۈن قۇتقۇزۇڭلار دەپ ۋارقىرىمايدۇ؟  جاشۈي ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى رازۋېدكا چوڭ ئەترىتىنىڭ مۇئاۋىن ئەترەت باشلىقى چېڭ شاۋيىنىڭ ئېيتىشىچە، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى جاشۈي ناھىيەسىنى ئانچە ئېنىق بىلمىگەچكە، ئۇنىڭ ئۈستىگە جىنايەت گۇماندارىنىڭ تەقى تۇرقى ناھايىتى قورقۇنچلۇق، شۇنداقلا قىزغا بېسىم ئىشلەتكەچكە، قىزچاق قۇتقۇزۇڭلار دەپ ۋارقىراشقا ۋە ساقچىغا دېلو مەلۇم قىلىشقا جۈرئەت قىلالمىغان ئىكەن. 

مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، قىز ئىستۇدېنتلارنىڭ جەمئىيەت تەجرىبىسىنىڭ كەمچىل بولۇشى، شۇنداقلا بىر ئىشلارغا يولۇققاندا بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارىنىڭ ئاجىز بولۇشى لى فامىلىلىكنىڭ جىنايەت سادىر قىلىشتىكى بۆسۈش ئېغىزى بولغان ئىكەن. لى فامىلىلىكنىڭ ئىقرار قىلىشىچە، ئۇ مەلۇم ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ ئەتراپىدىكى ئاشخانىدا ئاشپەزلىك قىلىدىكەن، ئۇ مەخسۇس ئۇنىۋېرسىتېتتىكى قىزلارنى تاللاپ دوست بولۇپ داۋاملىق مۇناسىۋەت قىلىدىكەن، ئىلگىرى ئەزەلدىن بايقىلىپ قالمىغان، ئويلىمىغان يەردىن بۇ قېتىم شياۋيۈن ئۇنى ساقچىغا مەلۇم قىلغان ئىكەن. جاشۈي ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى جىنايى ئىشلار چوڭ ئەترىتىنىڭ مۇئاۋىن ئەترەت باشلىقى چېڭ شاۋيى ياش قىزلارنى مۇنداق ئەسكەرتىدۇ: ياش قىزلار بولۇپمۇ ئۇنىۋېرسىتېتتا ئوقۇۋاتقان قىزلار دوست تۇتقان ۋاقىتتا چوقۇم ئېھتىيات قىلىشى، ئاسانلىقچە ناتونۇش كىشىلەرگە ئىشىنىپ سىرتقا چىقماسلىقى، ئۆزى ھەم مال مۈلكىنىڭ زىيانغا ئۇچرىشىدىن ساقلىنىشى كېرەك.


باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号