باش بەت

نۇسرەتگۈل

8952يوللانما
149مەستانە

شىمالىي قۇتۇپ ئېيىقى ئاخىرى يالغۇزلۇقتىن قۇتۇلدى

مەنبە:بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەر يوللانغان ۋاقىت:2016-12-11 15:00 0 ئىنكاس چۈشتى

ئارگېنتىنانىڭ مېندوزا ھايۋاناتلار باغچىسىدا تۇرىدىغان شىمالىي قۇتۇپ ئېيىقى ئارتور دۇنيا بويىچە ئەڭ يالغۇز، ئەڭ بىچارە شىمالىي قۇتۇپ ئېيىقى ئىدى. ئارتور 1985-يىلى، ئامېرىكىنىڭ سۇ كالىسى ھايۋاناتلار باغچىسىدا تۇغۇلغان بولۇپ، 8 ياش ۋاقىتلىرىدا ئارگېنتىناغا ئېلىپ كېلىنگەن ۋە شۇنىڭدىن باشلاپ يەنە بىر چىشى ئېيىق بىللە تۇرغان.

بىراق، ئارتورنىڭ تۇرمۇشى ناھايىتى ئازابلىق ئۆتكەن بولۇپ، ئۇنىڭ بېقىلىش شارائىتى ناچار بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە ئۇنىڭغا چوڭقۇرلۇقى يېرىم مېتىرغىمۇ يەتمەيدىغان سۇ كۆلچىكى ياساپ بېرىلگەن. ئۇ جاينىڭ ياز پەسلىدىكى تېمپىراتۇرىسىنىڭ 30 سېلسىيە گىرادۇستىن ئېشىپ كېتىدىغان ئىسسىق ھاۋاسىدا سوغۇق جايلاردا ياشاشقا كۆنگەن بۇ ئېيىق تولىمۇ ئېغىر ئازابلارنى باشتىن كەچۈرگەن. 4 يىل ئىلگىرى، ئۇنىڭغا ھەمراھ بولۇۋاتقان يەنە بىر ئېيىق راك كېسىلى بىلەن ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن، ئارتور تېخىمۇ قاتتىق ئۈمىدسىزلىك ۋە يالغۇزلۇق ئىچىدە قالغان. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ دائىم تام تۈۋىلىرىدە ھاڭۋېقىپ تۇرىۋالىدىغان بولۇپ قالغانلىقى، روھىي ۋە جىسمانىي جەھەتلەردىن نورمالسىزلىقى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى قوزغىغان.

2014-يىلى، ھايۋاناتلارنى قوغداش تەشكىلاتى 1 مىليون 200 مىڭ ئادەمنىڭ بىرلىشىپ ئىمزا قويۇشى بىلەن «ئارتورنى يۆتكەش پىلانى»نى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئارگېنتىنا ھۆكۈمىتىنىڭ ئارتورنى كانادادىكى ھايۋاناتلار باغچىسىغا يۆتكەشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بىراق، ھايۋاناتلار باغچىسىدىكىلەر ئارتورنىڭ يېشىنىڭ چوڭىيىپ قالغانلىقى، سالامەتلىكىنىڭ ياخشى ئەمەسلىكى، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇزۇن مۇددەت ناركوز قىلىش ۋە يۆتكەش جەريانىدىكى قىيىنچىلىقلارغا بەرداشلىق بېرەلمەسلىكى مۇمكىن دەپ بۇ تەلەپنى رەت قىلغان. 

ئارقىدىن، باغچىدىكىلەر «ئەسلى ئورنىدا قويۇش» نىڭ ئارتورغا نىسبەتەن ئەڭ ياخشى تاللاش بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. شۇ ئىشتىن كېيىن، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى ئارقىسىدا ئارتورنىڭ ياشاش شارائىتى ئاز-تولا ياخشىلانغان.

بىراق، بىر نەچچە ھەپتە ئىلگىرى، 31 ياشقا كىرىپ قالغان تېنى ئاجىز ئارتور بىر نەرسە يېيىشكە ئامالسىز قالغان. سىرتقى دۇنيانىڭ تەسىرىگە ھېچقانداق ئىنكاس بىلدۈرەلمەيدىغان بولۇپ قالغاندىن باشقا، ئارتور يەنە يۇقۇملىنىش سەۋەبىدىن بۇرۇن سۆڭىكى يىرىڭداشقا باشلىغان. شۇنىڭدىن كېيىن، ھايۋاناتلار باغچىسىدىكىلەر ئۇنى ئازابلانماي ئۆلتۈرۈشكە تەييارلانغان بولسىمۇ، ئەمما تېنى ئاجىزلاپ كەتكەن ئارتور ھاياتىدىن ئايرىلغان.

ئەمەلىيەتتە، مېندوزا ھايۋاناتلار باغچىسىنىڭ بۇرۇنلا «ھايۋاناتلار دوزىخى» دېگەن سېسىق نامى بار بولۇپ، مۇشۇ بىر يىل ئىچىدىلا بۇ باغچىدىكى 80 دىن ئارتۇق ھايۋان «نائېنىق سەۋەبلەر» تۈپەيلى ئۆلۈپ كەتكەن. يېقىندا، ھۆكۈمەت بۇيرۇق چۈشۈرۈپ بۇ باغچىنى تاقىتىۋەتتى، بىراق، بۇ توغرىدىكى مۇلاھىزىلەر تېخى توختاپ قالغىنى يوق.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号