باش بەت

يەھياجان ئىبراھىم

2736يوللانما
3مەستانە

دۇنياغا داڭلىق ھەم دۇنيا بويىچە ئەڭ كىچىك دۆلەت - سىلەند دۆلىتى

مەنبە:باش خەۋەر تورى يوللانغان ۋاقىت:2016-12-11 19:33 0 ئىنكاس چۈشتى

جۇڭگو خەۋەر تورىنىڭ 12-ئاينىڭ 11-كۈنىدىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: 

سىلەند دۆلىتى (Principality of Sealand) نى ئاڭلاپ باققانمۇ؟ بۇ دۇنياغا داڭلىق ھەمدە دۇنيا بويىچە ئەڭ كىچىك دۆلەت، 1966-يىلى ئەنگىلىيە قۇرۇقلۇق ئارمىيىسىنىڭ مايورى (شاۋشياۋ) پاددىي روي باتېس (Paddy Roy Bates) دېڭىز قاراقچىسى تېلېۋىزىيە ئىستانسسىنىڭ رىياسەتچىسى بولغان، بىراق ئەنگىلىيە رادىئو-تېلېۋىزىيە قانۇن-نىزامىغا خىلاپلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن، ئۇ ئائىلىسىدىكىلەرنى ئېلىپ ئەنگىلىيە تاشقى دېڭىزىغا جايلاشقان روۋىس مۇنارى (Roughs Tower) غا كېلىپ ئورۇنلاشقان ۋە ئۇزۇن ئۆتمەي مۇستەقىللىق جاكارلاپ، ئۆزىنى سىلەند دۆلىتىنىڭ پادىشاھى، ئايالىنى خانىش دەپ ئېلان قىلغان.

سىلەند دۆلىتىنى كىچىك بىر تەشكىلات قۇرۇپ چىققان بىراق خەلقئارا جەمئىيەت ئېتىراپ قىلمىغان دۆلەت. ئۇ روۋىس مۇنارى (Roughs Tower) نى ئۆز دۆلىتىنىڭ بىردىنبىر قۇرۇقلۇق زېمىنى دەپ جاكارلىغان، بۇ مۇنار ئېنگىلىز بوغۇزىدىكى تاشلاندۇق قۇرۇلۇشتۇر، ئۇ ئەنگىلىيە سۇففولىك ناھىيىسى (Suffolk County, England) دىن ئالتە مىل (10 كىلومېتىر) يىراقلىققا جايلاشقان.

بۇ دۆلەت قۇرۇلغاندىن بۇيان پادىشاھ پاددىي روي باتېس ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ھاكىمىيىتى ئاستىدا تۇرۇۋاتىدۇ. سىلەند دۆلىتىدە دائىمىي تۇرۇشلۇق نوپۇس بەش، ئولتۇراقلاشقىلى بولىدىغان زېمىنى 550 كۋادرات مېتىر، دېمەك سىلەند دۆلىتى دۇنيا بويىچە ئەڭ كىچىك شەخسىي دۆلەت. 2012-يىلى 91 ياشلىق پاددىي روي باتېس قازا قىلىپ، دۆلەتنىڭ ھاكىمىيەت ھوقۇقىنى ئايالى ئۆز قولىغا ئالدى.

بۇرۇن بۇ جاي 2-دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدىكى قورغان بولۇپ، بىتون قۇرۇلمىلىق ئىككى تۈۋرۈك ئۈستىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان چويۇن سۇپىدىن تەشكىل تاپقان. ئۇ خەلقئارا دېڭىز رايونىغا جايلاشقان بولۇپ، فېلىكىستوۋې (Felixstowe) پورتىدىن پەقەت بىر قانچە كىلومېتىرلا يىراق. 1967-يىلىدىن بۇيان، سىلەند دۆلىتىدىكى 22 پۇقرا مۇستەقىللىقىنى جاكارلاپ، ئەنگىلىيەگە قاراشلىق بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

1967-يىلى 9-ئاينىڭ 2-كۈنى ئەنگىلىيە خان جەمەتى دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ پولكوۋنىكى (شاڭشياۋ) پاددىي روي باتېس (Paddy Roy Bates) ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدىكى ئەنگىلىيە گېرمانىيەنىڭ بېسىپ كىرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ياسىغان، ھازىر تاشلاندۇق بولۇپ قالغان بۇ قۇرۇلۇشنى ئىگىلەپ، ئۆزىنىڭ خەلقئارا قانۇن چۈشەندۈرۈشنامىسى بىلەن روۋىس مۇنارىغا ئىگىلىك ھوقۇق ۋە مۇستەقىللىق جاكارلىدى.

روۋىس مۇنارى سىلەند دۆلىتىنىڭ بىردىنبىر زېمىنى، ئۇ ھازىرغا قەدەر خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشەلمەي كېلىۋاتقان بىر دۆلەت، ئېنىقراق ئېيتقاندا، بىر تاشلاندۇق قۇرۇلۇش.

2-دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدىكى 1942-يىلىدا، مائۇنسېل دېڭىز قورغىنى (Maunsell Sea Forts) پىلانىدىكى خېلى كۆپ قورغانلارنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، خان جەمەتى دېڭىز ئارمىيىسى ئېنگىلاندتا روۋىس مۇنارى قورغىنى (HMS Fort Rough) ياساشقا تۇتۇش قىلدى. قورغاننىڭ ئاستى بارژا (چاتما كېمە) بولۇپ، بارژا ئۈستىگە ئىككى چوڭ تۈۋرۈك ئورۇنلاشتۇرۇلغان، تۈۋرەك ئۈستىگە چويۇن سوپا ئورنىتىلىپ قۇرۇلۇش تامام بولغان.

بارژا سۇففولىك ناھىيىسى دېڭىز رايونىدىكى روۋىس ئارالچاق (Rough Sands sandbar) غا سۆرەپ كېلىنىپ مۇقىملاشتۇرۇلغان. شۇڭلاشقا ھازىر بۇ قۇرۇلۇش قارىماققا سۇدا لەيلەپ تۇرىۋاتقاندەك كۆرۈنىدۇ، بىراق ئەمەلىيەتتە بۇ قۇرۇلۇشنىڭ ئاستىدا كىچىك ئارالچاقتىن بىرسى بار ئىدى.

گەرچە بۇ كىچىك شەخسىي دۆلەت خەلقئارا تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنمىغان بولسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ يەنىلا ئۆزىگە خاس تارىخى بار، ئۇ بۇرۇن يەنە باشقىلارنىڭ بېسىپ كىرىشىگە ئۇچرىغان.

بېسىپ كىرىشكە ئۇچرىغان پادىشاھ پاددىي روي باتېس باشقىلار بىلەن تاپانچا ۋە ماي مىلتىق بىلەن دۈشمەنلەرنى چېكىندۈرگەن. كېيىن ئەنگىلىيە خان جەمەتى دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ ياردەمچى پاراخوتى «ئالتۇن كۆز ناملىق» (Gold eye) روۋىس مۇنارى ئەتراپىغا كەلگەندە، باتېس ئوق چىقىرىپ ئاگاھلاندۇرۇش بېرىپ، ئۇلارنىڭ ئايرىلىشىنى تەلەپ قىلغان. 1978-يىلى گېرمانىيەلىك بىر سودىگەر روۋىس مۇنارىغا ھۇجۇم قىلغان، باتېس ياللانما ئەسكەرلەر بىلەن ھەمكارلىشىپ ئاخىرىدا يەنىلا دۆلىتىنى قايتۇرىۋالغان.

سۈرەتتە: پادىشاھ پاددىي روي باتېسنىڭ ئائىلە-تاۋاباتلىرى، يەنى سىلەند پۇقرالىرى.

سۈرەتتە: سىلەند دۆلەت بايرىقى.

سۈرەتتە: سىلەند پوچتا ماركىسى.

سۈرەتتە: سىلەند تەڭگە پۇلى.

سۈرەتتە: سىلەند پاسپورتى.

پاددىي روي باتېس ئەنگىلىيە لوندوندا تۇغۇلغان، 2-دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ئەنگىلىيە قۇرۇقلۇق ئارمىيىسىگە قاتناشقان، بۇرۇن شىمالىي ئافرىقا ئۇرۇش مەيدانى ۋە كاسىنو ئۇرۇشى (Battle of the Casino) دە كۆپ قېتىم خىزمەت كۆرسەتكەن. ئۇ مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: مەن بەلكىم بالدۇر ئۆلۈپ كېتىشىم، يەنە بەلكىم قېرىپ ئۆلۈشۈم مۇمكىن، بىراق مەن ھەرگىزمۇ تۇنجۇقۇپ ئۆلۈپ قالمايمەن. 2012-يىلى ئۇ ئىنگىلاند كوئاستال لىللې (Coastal Lille) رايونىدىكى بىر دوختۇرخانىدا قازا قىلدى، جەسىتى سوتېند جەسەت كۆيدۈرۈش مەيدانى (Southend Crematorium) دا كۆيدۈرۈلدى.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号