باش بەت

ئابلاجان ئابلەت

178يوللانما
0مەستانە

بىر ئەر توردا تونۇشۇپ قالغان قىز بىلەن بىر ۋاق غىزالىنىشقا 20 مىڭ يۈەن خەجلىدى

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2016-12-11 22:57 1 ئىنكاس چۈشتى


ھاۋالە بىلەن ھاراق ساتقۇچى قىز

نىڭشيا ئاخبارات تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: 40 نەچچە ياشقا كىرىپ قالغان چىڭتۇڭشيالىق، شاڭ فامىلىلىك ئەر ئىجتىمائىي ئالاقە دېتالىدا تونۇشۇپ قالغان بىر ياش قىز بىلەن كۆرۈشۈش ئۈچۈن، مەخسۇس يىنچۈەنگە كەلگەن، شاڭ فامىلىلىك ئويلىمىغان يەردىن بىر ۋاق قاقلىما كاۋاپ يېيىش ئۈچۈنلا ئەر 20734 يۈەن چىقىم قىلغان. 12–ئاينىڭ 8–كۈنى، مۇخبىرنىڭ يىنچۈەن شەھىرى شىڭچىڭ رايونلۇق ج خ ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، ھازىر بۇ ئىشقا چېتىشلىق قاقلىما كاۋاپخانا ئىشىك تاقاپ دەم ئالغان، كاۋاپخانا خوجايىنى ۋە شۇ ئىشقا چېتىشلىق ئۈچ قىز (ئۈچىلىسىلا ھاۋالە بىلەن ھاراق ساتىدىغان قىزلار) جىنايى ئىشلار بويىچە تۇتۇلغان.

بىر ئاينىڭ ئالدىدا، 20 نەچچە ياشلىق سۇڭ فامىلىلىك قىز ئىجتىمائىي ئالاقە قورالىدا شاڭ فامىلىلىك ئەرنى «دوست» قىلىپ قېتىۋالغان. سۇڭ فامىلىلىك قىز ھەمىشە تەشەببۇسكارلىق بىلەن شاڭ فامىلىلىك ئەر بىلەن پاراڭلاشقان، ئىككىسى پاراڭلاشقانسېرى گېپى بىر يەردىن چىققان. 11–ئاينىڭ 25–كۈنى، سۇڭ فامىلىلىك قىز شاڭ فامىلىلىك ئەر بىلەن كۆرۈشۈشنى تەلەپ قىلغان. شاڭ فامىلىلىك ئەر چىڭتۇڭشيادىن شىڭچىڭ رايونى غالىبىيەت كوچىسىغا كەلگەن. ئىككىيلەن يۈز كۆرۈشكەندىن كېيىن، شاڭ فامىلىلىك ئەر قارشى تەرەپنىڭ ھەقىقەتەن چىرايلىق ھەم ياش ئىكەنلىكىنى بايقىغان، سۇڭ فامىلىلىك بۇ قىز شاڭ فامىلىلىك ئەرنى شۇ ئەتراپتىكى بىر قاقلىما كاۋاپخانىغا تاماق يېيىشكە تەكلىپ قىلغان. شاڭ فامىلىلىك ئەر قاقلىما كاۋابخانىنىڭ ئىستېمال سەۋىيەسى ئانچە يۇقىرى ئەمەسقۇ دەپ قاراپ ماقۇل بولغان.

كاۋاپخانىغا كىرگەندىن كېيىن، شاڭ فامىلىلىك ئەر ئۇ قىزغا تاماق بۇيرۇتقۇزغان، سۇڭ فامىلىلىك قىز ئۇششاق-چۈششەك يېمەكلىكلەرنى بۇيرۇتقان، ئاندىن شاڭ فامىلىلىكتىن ھاراق ئىچىدىغان-ئىچمەيدىغانلىقىنى سورىغان، شاڭ فامىلىلىك ماقۇل بولغان، شۇنىڭ بىلەن بۇ قىز قەھۋە ۋە قىزىل ھاراق بۇيرۇتقان. تاماق بۇيرۇتۇپ بولغاندىن كېيىن، مۇلازىم pos ئاپپاراتىنى كۆتۈرۈپ كەلگەن، شاڭ فامىلىلىك ئەر كارتىسىنى سۈرۈپ، پۇل تۆلىگەن. شاڭ بىلەن سۇڭ پاراڭلاشقانسېرى قىززىشىپ، ئۆزلىرىمۇ بىلىپ بىلمەيلا تۆت بوتۇلكا قىزىل ھاراق، تۆت چەينەك قەھۋە بۇيرۇتۇشقان، ھەر قېتىم تاماق ياكى ھاراق بۇيرۇتقاندا، مۇلازىم ھېلىقى pos ئاپپاراتىنى كۆتۈرۈپ كەلگەن، شاڭ فامىلىلىك ئەر قانچە پۇل بولغىنىغىمۇ قارىمايلا مەخپىي شىفىرنى كىرگۈزۈپ، كارتىسىنى سۈرۈپ، پۇل تۆلىگەن.

بۇ ۋاقىتتا، سۇڭ فامىلىلىك قىز يەنە بىر قىز دوستىنىمۇ بۇ يەرگە كېلىپ ھاراق ئىچىشكە تەكلىپ قىلىش ئىلتىماسىنى ئوتتۇرىغا قويغان، شاڭ فامىلىلىك ئەر بۇ تەلەپنى رەت قىلمىغان، ئۇزۇن ئۆتمەيلا يەنە بىر قىز كەلگەن. بۇ قىز كەلگەن ۋاقىتتا ھاراق تۈگەپ كەتكەن، كەينىدىن كەلگەن قىز ھاراق تىزىملىكىنى ئېلىپلا ھاراق بۇيرۇتۇشقا باشلىغان، ئۇنىڭ بۇيرۇتقانلىرىنىڭ ھەممىسى چەتئەل ھارىقى بولۇپ، ھەر قېتىم ھاراق بۇيرۇتقاندا، شاڭ فامىلىلىك كارتىسىنى بىر قېتىم سۈرۈپ پۇل تۆلىگەن.

 


قاقلىما كاۋاپخانىنىڭ قورۇما تىزىملىكى


شۇنداق قىلىپ، بۇ ئۈچەيلەن يەنە ئالتە بوتۇلكا چەتئەل ھارىقى ئىچىشكەن. كاۋاپخانىدىن چىققاندىن كېيىن، شاڭ فامىلىلىك ئەر سۇڭ فامىلىلىك قىزنى باشقا بىر يەرگە بېرىپ ئولتۇرۇپ كېلىشكە تەكلىپ قىلغان، بىراق سۇڭ فامىلىلىك قىز دوستىنى ئاپىرىپ قويىدىغانلىقىنى باھانە قىلىپ تىكىۋەتكەن. شاڭ فامىلىلىك ئەر 2–كۈنى سەھەردە ئويغىنىپ، يانفونىغا بانكىدىن نۇرغۇن ئۇچۇر كەلگەنلىكى، ئۆزىنىڭ ئاخشام 20 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق پۇل خەجلىۋەتكەنلىكىنى بايقىغان. شۇنىڭ بىلەن قاتتىق ھەيران قالغان بۇ ئەر شۇ ھامان جۇڭشەن جەنۇبىي كوچىسى ساقچىخانىسىغا دېلو مەلۇم قىلغان.

كېيىن، ساقچىلار ھېلىقى كاۋابخانىغا بېرىپ تەكشۈرۈش ئارقىلىق، بۇ كاۋاپخانىنىڭ ئىشىكنى تاقاپ دەم ئالغانلىقىنى بايقىغان. بىر نەچچە كۈن شۇ يەردە چارلاپ، 12–ئاينىڭ 1–كۈنى بۇ كاۋاپخانا يەنە ئىشىكنى ئېچىپ تىجارەت باشلىغانلىقىنى بايقىغان. 12–ئاينىڭ 4-كۈنى ساقچىلار كاۋاپخانىنى تۇيۇقسىز تەكشۈرگەن، شۇ كۈنى كەچتە، ئۈچ جۈپ قىز-يىگىت كاۋاپخانىدا ئۇچراشقان بولۇپ، ھېلىقى شاڭ فامىلىلىك ئەر بىلەن تاماقلانغان ئىككى قىزمۇ دەل شۇلارنىڭ ئىچىدە ئىكەن. خەلق ساقچىلىرى تەكشۈرۈپ، سۇڭ فامىلىلىك ئۈچ قىزنىڭ ھاۋالە بىلەن ھاراق ساتىدىغان قىزلار ئىكەنلىكى، ئۇلارنىڭ دائىم ئادەم باشلاپ كېلىپ، كاۋاپخانىدا ئىستېمال قىلىدىغانلىقى، خوجايىن ئۇلارغا %70 بويىچە شىرىنكانە بېرىدىغانلىقىنى بىلگەن. شاڭ فامىلىلىكنىڭ ھېلىقى بىر قېتىملىق تامىقىدا، بۇ ئىككى قىز 17 مىڭ يۈەن پۇل تاپقان. 

باش سۈرەت تاللاش x
  • مھمان،5 ئاي ئىلگىرى

    يڭچە ئ‍اامچلق ئ‍ۇسۇلكەنغۇ بۇ ھەيران قالدىم

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号