باش بەت

مۇھەممەد

76يوللانما
0مەستانە

«ھەقسىز» Wi-Fiنىڭ ھەممىسى ھەقسىز ئەمەس

مەنبە:cnBeta تورى يوللانغان ۋاقىت:2016-12-12 10:20 0 ئىنكاس چۈشتى

بېتا تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

«ھەقسىز» Wi-Fiنىڭ ھەممىسى ھەقسىز ئەمەس

بۈگۈنكى كۈندە يانفون، تاختا كومپيۇتېر قاتارلىق كۆچمە ئۈسكۈنىلەر ئارقىلىق تورغا چىقىش نۇرغۇنلىغان كىشىلەرنىڭ كۈندىلىك كۆڭۈل ئېچىش ئۇسۇلىنىڭ بىرىگە ئايلاندى. مەيلى دوستىنىڭ ئۆيىگە مېھماندارچىلىققا بېرىش مەيلى ئاممىۋى سورۇن بولسۇن، كىشىلەر ھەمىشە ئەتراپتىن Wi-Fi سىگنالى ئىزدەشكە ئادەتلىنىپ قالغان، بەلكىم سىز بىلمەسلىكىڭىز مۇمكىن، بەزى «ھەقسىز» Wi-Fiلار ئەمەلىيەتتە ھەقسىز ئەمەس.

جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ شىياۋشەنلىك لى خانىم، يېقىندا ئاغرىپ قېلىپ دوختۇرخانىدا يېتىپ قالغان، بىر كۈنى كارىۋاتتا يېتىپ يولدىشىنىڭ يانفوننى ئويناۋېتىپ جۇڭگو تېلېگرافىنىڭ سىمسىز تورى ChinaNetنىڭ Wi-Fi سىگنالىنىڭ ئىنتايىن كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى بايقىغان. Wi-Fiغا ئۇلاپ بولغاندىن كېيىن كۆرۈنگەن ئەسكەرتمە بويىچە يانفون نومۇرىنى كىرگۈزۈپ دەلىللەش مەخپىي شىفىرغا ئېرىشكەن، لېكىن تاپشۇرۇۋالغان ئۇچۇردا ھەق ئېلىش توغرۇلۇق ئەسكەرتىش يوق ئىكەن. ئۇ مەخپىي شىفىرنى كىرگۈزۈپ تورغا چىقىپ كۆپ قىسىملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرى كۆرۈشكە باشلىغان.

بىر قانچە كۈن ئۆتكەندىن كىيىن لى خانىمنىڭ يولدىشى بىر پارچە ھەق تاپشۇرۇش ئۇچۇرى تاپشۇرۇپ ئالغان، بۇ «زور سوممىدىكى تېلېفون ھەققى تالونى» ئۇلارنى ھەيران قالدۇرۇۋەتكەن. تېلېفون ئۇرۇپ سۈرۈشتۈرگەندىن كېيىن، 7 سائەتتىن كۆپرەك Wi-Fi ئىشلىتىش جەريانىدا 6 گىگابايىت ئېقىم مىقدارى سەرپ بولغان بولۇپ، 1044 يۈەن ھەق تاپشۇرۇش كېرەكلىكى ئۇقتۇرۇلغان.

ئۇلانغان ۋاقىتتا ھەق ئېلىش ئەسكەرتىلمىگەن

لى خانىمنىڭ دېيىشىچە ئۇ تېلېۋىزىيە تىياتىرى كۆرگەن ۋاقىتتا يانفونىنىڭ سانلىق مەلۇمات تورىنى ئېتىۋەتكەن. ئۇنداقتا نېمە ئۈچۈن بۇنچە كۆپ پۇل سەرپ بولۇپ كېتىدۇ؟ تېلېگراف ئابۇنتلار مۇلازىمەتچىسىنىڭ چۈشەندۈرۈشىچە بۇ باھا ئاللىقاچان ئېتىبار قىلىنغان باھا ئىكەن. تېلېفون ھەققى تەپسىلىي تىزىملىكىدە كۆرسىتىلىشچە، 11-ئايدىكى تورغا چىققان ۋە سانلىق مەلۇمات خەۋەرلىشىش ھەققى 1954.56 يۈەن بولۇپ، 954.56 يۈەن ئېتىبار قىلىنغاندىن كىيىن، ئەمەلىي تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك ھەق 1000 يۈەن بولىدىكەن. ئالدىنقى ئايلىق ئاۋازلىق سۆزلىشىش ھەققى  قاتارلىق ھەقلەرنى قوشقاندا تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك جەمئىي ھەق 1044 يۈەن بولغان.

بۇ چۈشەندۈرۈشنى ئاڭلاپ لى خانىم ئىنتايىن ئاچچىقلانغان ھالدا مۇنداق دېگەن: دوختۇرخانىدىكى Wi-Fi ھەقسىز ئەمەسمۇ؟ ھەق ئالدىغان ئىش بولسا نېمە ئۈچۈن ئۇلىغان ۋاقىتتا ماڭا ئەسكەرتمەيدۇ؟ بۇ ئالدامچىلىق ئەمەسمۇ؟

نەچچە مىڭ يۈەنلىك ھېسابات تالونى ئاخىرى ئون نەچچە يۈەنگە تۆۋەنلىگەن

مۇخبىرنىڭ بىر قانچە تېلېگراف ئابۇنتلىرىنى زىيارەت قىلىپ ئىگىلىشىچە، كۆپ قىسىم ئابۇنىتلار ChinaNet نىڭ سىمسىز تورىنى ئىشلىتىپ باقمىغان بولۇپ، ChinaNetنىڭ Wi-Fi سىگنالىنىڭ ھەقلىق ئىكەنلىكىنى بىلمەيدىكەن. پەقەت بىرلا ئابۇنت ئىككى يىل ئىلگىرى ئىشلىتىپ باققانلىقىنى، ChinaNetنىڭ سىمسىز تورىغا نىسبەتەن تەسىراتىنىڭ ئىنتايىن چوڭقۇر ئىكەنلىكنى ئېيتقان، چۈنكى ئۇنىڭ ھەق ئۆلچىمى ئىنتايىن قىممەت ئىدى.

تېلېگراف تىجارەتخانىسىدىكى خىزمەتچى خادىمنىڭ دېيىشىچە، لى خانىمنىڭ يولدىشىنىڭ يانفون سۆزلىشىش خاتىرىسىدىن قارىغاندا 6.3 گىگابايىت ئېقىم مىقدارى سەرپ قىلغان بولۇپ، ۋاقتى 7 سائەتتىن ئاشقان. ئۇلار ئېقىم مىقدارى بوغچىسى شەكلىدە لى خانىمنىڭ چىقىمىنى تۆۋەنلىتىپ بەرگەن. ھەق ئېلىش ئۆلچىمى 100 يۈەنگە 3 گىگابايىت، 6 گىگابايىت ئېقىم مىقدارى 200 يۈەن، ئېىش قالغان 300 مىگابايىت ئېقىم مىقدارى 20 يۈەن ھېسابلىنىپ جەمئىي 220يۈەن تۆلىگەن. لى خانىم بۇ خىل بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلىدىن ئانچە رازى بولمىغان، ئۇ يەنىلا ۋاقىت بويىچە ھېسابلىسا توغرا بولاتتى دەپ قارىغان، چۈنكى تېلېگرافنىڭ ۋاقىت بويىچە ھېسابلاش شەكلى تېخىمۇ ئەرزان بولىدىكەن.

ئەڭ ئاخىرىدا لى خانىمنىڭ چىڭ تۇرۇش بىلەن تېلېگراف شىركىتى ھەر بىر مىنۇتى ئۈچ پۇڭلۇق ھېسابلاش ئۇسۇلى بويىچە لى خانىمدىن 12.6 يۈەن تورغا چىقىش ھەققى ئالغان. 

تېلېگراف شىركىتىنىڭ ChinaNet سىمسىز تورىنى قانداق ئىشلىتىمىز؟

مۇخبىر يانفون ئارقىلىق ChinaNet تورىغا ئۇلاپ سىناش جەريانىدا، ChinaNetنىڭ Wi-Fi غا ئۇلانغاندىن كىيىن بىر ئۇلىنىش كۆزنىكى ئېچىلغان ھەمدە ئۈچ خىل ئېچىش شەكلى چىققان ئۇلار يانفون نومۇرى ئارقىلىق، WiFi كارتىسى ئارقىلىق ئۇلاش ۋە كەڭ بەلباغ تور ھېسابات نومۇرى ئارقىلىق ئۇلاش قاتارلىقلار. يانفون نومۇرى ئارقىلىق ئۇلاشنى تاللىغاندىن كىيىن بىر مەخپىي شىفىر تاپشۇرۇپ ئالغان، شۇ شىفىرنى تولدۇرغاندىن كېيىنلا تېزلا تورغا چىقالىغان. ChinaNet تورىغا ئۇلىنىش ۋە ئىشلىتىش جەريانىدا ھېچقانداق ھەق ئېلىش ئۆلچىمى ۋە ھەق ئېلىش توغرۇلۇق ھېچقانداق ئەسكەرتمە تاپشۇرۇۋالمىغان.

تېلېگراف خىزمەتچىسىنىڭ دېيىشىچە مۇخبىر تىزىملىتىپ كىرگەن تىزىملىتىش كۆرۈنمە يۈزىدىكى ئىنتايىن كىچىك بولغان «دائىملىق مەسىلىلەر» تۈرىدە ھەق ئېلىش ئۆلچىمى قاتارلىق ئۇچۇرلار بار ئىكەن.

خىزمەت خادىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە جۇڭگو تېلېگرافىنىڭ ChinaNet تورىنى ئىشلەتكەندە، ئالدى بىلەن ئابۇنىتلارنىڭ يۈرۈشلۈك مۇلازىمىتى ئىچىدىكى ئېقىم مىقدارى خورايدىكەن، ئۇ تۈگىگەندىن كېيىن ھەر مىگابايىت 3 مو ئۆلچەم بويىچە ھېسابلىنىپ ھەق ئېلىنىدىكەن. مانا بۇ دەل لى خانىمنىڭ قانداق بولۇپ 6 گىگابايىت ئېقىم مىقدارى ئىشلىتىپ،1900 نەچچە يۈەنلىك ھەق چىققانلىقىنىڭ سەۋەبى.

ئىلگىرى ۋاقىت ھېسابلاش شەكلى ئارقىلىق ھەق ئېلىنىدىغان تورغا چىقىش شەكلى بار بولۇپ، ھازىر يوق. خىزمەت خادىملار ئابۇنتلارنىڭ  ChinaNet تورىنى ئىشلەتكەندە ئويلىشىپ ئىشلىتىشىنى تەۋسىيە قىلىدىكەن.

كۆچمە خەۋەرلىشىش ۋە بىرلەشمە خەۋەرلىشىش شىركەتلىرىنىڭمۇ ھەقلىق Wi-Fiلىرى بار

جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىش شىركىتى خىزمەتچى خادىمىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە كۆچمە خەۋەرلىشىشنىڭ ھازىر CMCC، CMCC-WEB قاتارلىق ھەقلىق Wi-Fi تورى بار بولۇپ، 5 يۈەنگە 300 مىگابايىت، 10 يۈەنگە 700 مىگابايىت قاتارلىق ئېقىم بوغچىسى پائالىيەتلىرى ۋە ئايلىق سائەتلىك كۆتۈرە ئېلىش پائالىيەتلىرى بار ئىكەن، ئەگەر مىقدارى يۈرۈشلۈك مۇلازىمەت ئۆز ئىچىگە ئالغان مىقداردىن ئېشىپ كەتسە، ھەر مىگابايىت ئېقىم مىقدارى 1 مو بويىچە ھېسابلىنىدىكەن. بىراق كۆچمە خەۋەرلىشىشنىڭ سانلىق مەلۇمات تورى ئېقىم مىقدارى ھەر مىگابايىت ئېقىم مىقدارى 2 مو 9 پۇڭ بويىچە ھېسابلىنىدىكەن.

جۇڭگو بىرلەشمە خەۋەرلىشىش خىزمەتچى خادىمىنىڭ بىلدۈرۈشىچە بىرلەشمە خەۋەرلىشىش شىركىتىنىڭ China Unicom ھەقلىق سىمسىز تورى بېجىرىشنى توختاتقان بولۇپ، ھازىر ئاچقىلى بولمايدىكەن. بىراق يانفون سانلىق مەلۇمات تورىنىڭ ئېقىم مىقدارى ھەر مىگابايىت ئېقىم مىقدارى 3 مو  بويىچە ھېسابلىنىدىكەن. G4تورى ئابۇنىتلىرى ئېقىم بوغچىسى بېجىرسە ۋە سېتىۋالسا ئىنتايىن ئەرزان ئىكەن.

ئۇنىڭدىن باشقا ھەرقايسى خەۋەرلىشىش سودىگەرلىرىنىڭ ھەقلىق Wi-Fiلىرى پەقەت ئۆزىنىڭ ئابۇنتلىرى ئۈچۈنلا يولغا قويۇلغان بولۇپ، كۆچمە خەۋەرلىشىشنىڭ ئابۇنىتلىرى تېلېگرافنىڭ Wi-Fi نى ئىشلىتەلمەيدىكەن.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号