باش بەت

راخمان سايكىن

1229يوللانما
6مەستانە

كورېيە تاراتقۇلىرى: كورېيەدە قۇش زۇكىمى تېز سۈرئەتتە يامرىماقتا

مەنبە:شىنخۇا تورى يوللانغان ۋاقىت:2016-12-12 16:44 0 ئىنكاس چۈشتى


جۇڭگو ئاخبارات تورنىڭ 12-دېكابىردىكى تېلېگراممىسى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

كورېيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، قوش زۇكىمىنىڭ كورېيەدە شىددەت بىلەن يامرىشىغا ئەگىشىپ، كورېيە ھۆكۈمىتى ئالدىنقى ئاينىڭ 16-كۈنىدىن كېيىن، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئۆي قۇشلىرى باقمىچىلىرىغا قارىتا ئۈچىنچى قېتىملىق توشۇشنى مەنئى قىلىش بۇيرۇقى چۈشۈردى.

خەۋەردە ئېيتىلىشچە، كورېيە دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ زۇڭلىسى ۋە مۇۋەققەت زۇڭتۇڭ خۇاڭ كيۇئەن 12-دېكابىر قوش زۇكىمىغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر ھەققىدە مىنىستىر دەرىجىلىكلەر يىغىنى چاقىردى. يىغىندا 12-دېكابىر شۇ كۈنى ئومۇميۈزلۈك دېزىنفېكسىيە قىلىش، 13-دېكابىردىن 14-دېكابىرغىچە ئىككى كۈندە مەملىكەت خاراكتېرلىك توشۇشنى مەنئى قىلىش بۇيرۇقى چۈشۈرۈش قارار قىلىندى.

بۇ قېتىمقى چەكلەش بۇيرۇقىغا بىنائەن، ئۆي قۇشلىرىنى توشۇش كەسپىگە ئالاقىدار خادىملار ۋە ماشىنىلارنىڭ 89 مىڭ ئورۇندىكى توخۇ فېرمىسى ۋە قۇشخانا قاتارلىق جايلارغا بېرىپ ئۆي قۇشلىرىنى توشۇشى چەكلىنىدۇ. ئەگەر بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا توشۇش قىلمىشلىرى بايقالسا، بىر يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ ياكى 10 مىليون ۋون جەرىمانە قويۇلىدۇ.

كورېيە دېھقانچىلىق-ئورمانچىلىق-چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرى ۋە يېمەكلىك مىنىستىرلىقى ئىپادە بىلدۈرۈپ: «توشۇشنى چەكلەش بۇيرۇقىنى چۈشۈرۈش ئاساسلىقى چۇڭبوك ۋە گىيېئوڭگې قاتارلىق رايونلاردىكى قۇش زۇكىمىنىڭ، باشقا رايونلارغا تارقاپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن» دېدى.

بۇنىڭدىن سىرت يەنە، دېھقانچىلىق-ئورمانچىلىق-چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرى ۋە يېمەكلىك مىنىستىرلىقى قۇش زۇكىمى يۇقۇم مۇداپىئە تەدبىرى باشقارمىسىنى ئۆزگەرتىپ تەشكىللەپ، مۇناسىۋەتلىك خادىملارنى كېڭەيتىپ، خەۋپسىزلىك باشقارمىسى ۋە مۇھىت مىنىستىرلىقى قاتارلىق تارماقلاردىنمۇ ئادەم كۈچى ئەۋەتىپ، تاقابىل تۇرۇش تۈزۈلمىسىنى كۈچەيتىشنى قارار قىلدى.

ئىگىلىنىشىچە، مۇشۇ ئاينىڭ 11-كۈنىگىچە قەدەر، كورېيەنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن جەمئىي سەككىز مىليون 800 مىڭ توخۇ-ئۆردەك ئۆلتۈرۈۋېتىلگەن. ئارقىدىن يەنە بىر مىليون 500 مىڭ توخۇ-ئۆردەكنى ئۆلتۈرۈش قارار قىلىنغان.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号