باش بەت

نۇربىيە ئۇيقۇت

10259يوللانما
780مەستانە

25 يىلدىن بۇيان تۇنجى قېتىم ئۆيىدىن ئايرىلىپ ھىندىستانغا كەلگەن سېمىز ئايال

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2016-12-12 22:00 0 ئىنكاس چۈشتى

«تېڭشۈن تورى» خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ئامېرىكا CNN خەۋىرىگە قارىغاندا، مىسىردىكى 36 ياشلىق ئايال قالقانبەز كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولغاچقا، بەدەن ئېغىرلىقى شىددەت بىلەن ئۆرلەپ 500 كىلوگىرامغا يېتىپ، 25 يىلدىن بۇيان ئەزەلدىن سىرتقا چىقىپ باقمىغان. ئىككى يىل بۇرۇنقى شامالدارىشتىن كېيىن، ئۇنىڭ سالامەتلىكى تېخىمۇ ناچارلىشىپ، ھەر ۋاقىت ھاياتىغا خەۋپ يېتىش ئېھتىمالى بولغان. ھىندسىتاندىكى بىر دوختۇر توردىن بۇ ئەھۋالىنى ئۇققاندىن كېيىن، ئۇنىڭغا ياردەم قىلماقچى بولغان ھەمدە توردا ئىئانە يىغقاندىن كېيىن، بۇ ئايالنى ھىندىستانغا يۆتكەپ كېلىپ داۋالىغان. 

سۈرەتتە، ياخشى نىيەتلىك دوختۇرنىڭ تىۋىنتتىردا ئېلان قىلغان بىر ئابزاس سۆزى.

بۇ ئايالنىڭ ئىسمى Iman Maud Abdullah Siti I - AHA بولۇپ، مىسىر ئالېكساندىر ئۆلكىسىدە تۇرىدۇ. ئۇ تۇغۇلشىدىنلا 5 كىلوگىرام كېلىدىغان بولۇپ، 11 يېشىدا سەمىرىپ، ئارقىدىنلا لىمفا قىل قۇرت كېسىلى دەپ دىئاگىنوز قويۇلغان بۇ كېسەللىك ئادەتتە يەرلىك تىلدا، پىل تاپان كېسىلى دەپ ئاتىلىدۇ.

سۈرەتتە، بالىلىق دەۋىرىدىكى Iman

ئۇ باشلانغۇچ مەكتەپ 5-يىللىققا چىققاندا، كېسىلى سەۋەبلىك ئوقۇشىنى داۋاملاشتۇرالمىغان. ئاپىسى بىلەن سىڭلىسى ئۇنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىغا مەسئول بولىدىغان بولۇپ، بۇ قېتىم دۆلەت ھالقىپ داۋالاش سەپىرىدە سىڭلىسى ئۇنىڭغا ھەمراھ بولدى.

ياخشى نىيەتلىك دوختۇر موئۇرئىنھو ھىندىستان بومبايدىكى داڭلىق تاشقى كېسەللەر دوختۇرى بولۇپ، Iman نىڭ ئەھۋالىنى بىلگەندىن كېيىن، توردا ئىئانە يىغىشنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، بۇ ئارقىلىق ئۇنىڭ ھىندسىتانغا كېلىش خىراجىتى ۋە ئوپېراتسىيە ھەققىنى يىغىشنى ئويلىدى. ئۇ Imanنىڭ خۇددى غايەت زور ئېغىرلىقتىكى بومبىغا ئوخشايدىغانلىقىنى، ئەگەر ۋاقىتدا داۋالانمىسا، ھەر ۋاقىت خەۋپ يېتىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

موئۇرئىنھو دوختۇر ھازىرقى ئۈچ يېرىم يىلدا ئىككى قېتىم ئوپېراتسىيە قىلىدىغانلىقىنى، بۇنىڭدا Imanنىڭ بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ 100 كىلوگىرام چۈشىدىغانلىقىدا ئۈمىد بارلىقىنى ئېيتتى. ئەگەر ئوپېراتسىيە مۇۋەپپەقىيەتلىك بولسا، Iman بومبايدىكى دوختۇرخانىدا نەچچە ئاي ياتىدىغان بولۇپ، داۋالاش ئەترىتىدىكىلەرنىڭ تېخىمۇ ياخشى كۆزىتىشىگە قولايلىق يارىتىلىدىكەن. 

 


باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号