باش بەت

شەرىفە

813يوللانما
28مەستانە

ۋاڭ باۋچياڭغا قۇيۇپ قويغاندەك ئوخشايدىغان يىگىتنىڭ ئارزۇسى

مەنبە:تېڭشۈن خەۋەر تورى يوللانغان ۋاقىت:2016-12-14 20:00 0 ئىنكاس چۈشتى

تورخانىدا يېتىپ قوپىدىغان، ۋاڭ باۋچياڭغا قۇيۇپ قويغاندەك ئوخشايدىغان ھەۋەسكار ئارتىس يىگىت

تېڭشۈن تورى 13-دېكابىر خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ۋاڭ لۇ جىلىن ئۆلكىسىدىن، ئۇ ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن دىلىغا «ئارتىس بولۇش» غايىسىنى پۈكۈپ، ئۆزى يالغۇز بېيجىڭغا كېلىپ، بېيجىڭ كىنو-فىلىم ئىشلەش شىركىتى دەرۋازىسىنىڭ ئالدىدىكى «مەدىكار ئارتىسلار» چوڭ قوشۇنىغا قوشۇلغان، ھازىر ئۇ ئاللىقاچان تۆتىنچى يىلىغا قەدەم قويدى. ۋاڭ لۇ ۋاڭ باۋچياڭغا قۇيۇپ قويغاندەكلا ئوخشايدۇ، ئۇ ئىلگىرى ۋاڭ باۋچياڭنىڭ سىياقدىشىمۇ بولغان، ئۇنىڭ ۋاڭ باۋچياڭغا بۇنداق ئوخشاشلىقى ئۇنى رول ئېلىش پۇرسىتىگە ئېرىشەلىشىدىكى بەزى ئارتۇقچىلىقلىرىنىڭ بىرى. بىرىنچى قېتىم بېيجىڭ كىنو-فىلىم ئىشلەش شىركىتى دەرۋازىسىنىڭ ئالدىغا كەلگەن ھەۋەسكار ئارتىسلار ۋاڭ لۇنىڭ ۋاڭ باۋچياڭغا ئوخشايدىغانلىقىنى ئېيتىپ، ئۇنىڭ بىلەن ئەھۋاللىشىپ قويىدۇ، ئەمما ۋاڭ لۇ بولسا ئۆزى بولۇشنى خالايدۇ، ئۇنىڭ بىر ئۆمۈر باشقىلارنىڭ سىياقدىشى بولۇپ ئۆتكۈسى يوق.

بېيجىڭ كىنو-فىلىم ئىشلەش شىركىتى ئىلگىرى جۇڭگونىڭ ھېكايە فىلىم ئىشلەپچىقىرىش بازىلىرىنىڭ بىرى ئىدى. ھازىرغىچە ئەل ئىچىدىن كەلگەن ھەۋەسكار ئارتىسلار بۇ جاينى ئۆزلىرىنىڭ ئارتىسقا ئايلىنىش غايىسىنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى دەپ قارايدۇ. ۋاڭ باۋچياڭمۇ دەل مۇشۇ جايدىن يولغا چىقىپ مۇۋەپپەقىيەت قازانغاچقا، ئۇنىڭ ھېكايىسى ئۇنىڭغا ھەۋەس قىلىدىغان نۇرغۇنلىغان ياشلارغا ئىلھام بېرىدۇ. «ۋاڭ باۋچياڭ، بىڭسى بار!» بىر نەچچە ياش ھەۋەسكار ئارتىسلار شىركەت دەرۋازىسى ئالدىدا پاراڭلىشىپ قالسا نەچچە ئېغىز گەپ ئارىسىدىلا ۋاڭ باۋچياڭنىڭ گېپى بىر تىلغا ئېلىنىدۇ. جۇ زىگې (سولدىن بىرىنچى كىشى) بېيجىڭ كىنو-فىلىم ئىشلەش شىركىتىنىڭ دەرۋازىسى ئالدىدا ئون نەچچە يىل تۇرغان، ئۇ ۋاڭ باۋچياڭنىڭمۇ دەل مۇشۇ دەرۋازا ئالدىدا تۇرغان كەچۈرمىشلىرىگە شاھىت بولغان، ھەر قېتىم ۋاڭ باۋچياڭنىڭ گېپى چىققاندا ئۇ ناھايىتى روھلىنىپ كېتىدۇ.

11-ئاينىڭ 25-كۈنى، سەھەر ئورنىدىن تۇرۇشقا ئېرىنىپ يېرىم سائەت ئارتۇق ئۇخلاپ قالغان ۋاڭ لۇ، رولغا چىقىدىغان ئارتىسلار گۇرۇپپىسىنى توشۇيدىغان مەخسۇس ئاپتوبۇسقا كېچىكىپ قالدى. ئامالسىز قالغان ۋاڭ لۇ بېيجىڭ كىنو-فىلىم ئىشلەش شىركىتىنىڭ دەرۋازىسى ئالدىدا داۋاملىق رولغا چىقىش پۇرسىتىنى ساقلاشقا مەجبۇر بولدى. ئۇ بۈگۈن باشقا بىر كىنو گۇرۇپپىسىنىڭ ئۆزىگە رول بېرىشنى ساقلاۋاتاتتى. «ھەي، بۈگۈن ئۆزۈمدىن ئۆتتى. بۇ شىركەتنىڭ ئالدىدا ئۇزۇن ساقلاپ تۇرۇپ كەتكەنلەرنىڭ ھەممىسىلا ھورۇنلىشىپ كېتىدىكەن.» دېدى ۋاڭ لۇ ئۆزىنى ئەيىبلەپ. ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: «بۇ جايدا قالغان ئادەم جىق ئەمەس، ئاساسەن ئۈچ ئايدىن بەش ئايغىچە بىر ئالمىشىپ بولىدۇ. بۇ يەردە تۇرۇشىمىز ھەرگىزمۇ پۇل تېپىش ئۈچۈن ئەمەس. پۇل تاپماقچى بولسام ھەرگىزمۇ بۇ يەرگە كەلمەيتتىم. مەن بۇ يەرگە رولغا چىققىلى كەلگەن.»

«مەن ئارتىس بولماقچى، بىر ھەقىقىي ئارتىس!» 2012-يىلى ئالىي مەكتەپنى يېڭىلا پۈتتۈرگەن ۋاڭ لۇ قەلبىگە ئارتىس بولۇشتىن ئىبارەت غايىنى پۈكۈپ بېيجىڭغا كەلگەن. ئۇ پويىزدىن چۈشكەندە يېنىدا پەقەت ئىككى يۈەنلا پۇل بار ئىدى. ئۇ بىر بوتۇلكا سۇ ۋە بىر قاچا تەييار چۆپ سېتىۋېلىپلا پىيادە بېيجىڭ كىنو-فىلىم ئىشلەش شىركىتى دەرۋازىسى ئالدىغا كەلگەن. تەڭرىنىڭ ئۇنىڭغا رەھىمى كەلگەندەك، ئۇ ئىككىنچى كۈنىلا بىر رولغا چىقىپ 30 يۈەن پۇل تاپقان. ۋاڭ لۇ دائىم چاقچاق ئارىلاش «بۇ مېنىڭ تۇنجى مائاشىم» دەپ قويىدۇ. 11-ئاينىڭ 25-كۈنى، چۈشلۈك تاماق ۋاقتىدا ۋاڭ لۇ بىر قاچىسى 6 يۈەنلىك تەييار تاماقتىن بىرنى سېتىۋالدى. بېيجىڭ كىنو-فىلىم ئىشلەش شىركىتىنىڭ دەرۋازىسى ئالدىدا تۇرغانلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەكلا ھەۋەسكار ئارتىسلار، بەزى مىلىچمال سودىگەرلىرى بۇ سودا پۇرسىتىنى كۆرۈپ يېتىپ، ئۈچ چاقلىق ۋېلىسپىتلاردا ئەرزان قاچىلىق تاماقلارنى ئەكىلىپ ساتىدۇ، بىر قاچىسى 6 يۈەنلىك بۇ تاماق بولسا ئەڭ ئەرزىنى.

11-ئاينىڭ 24-كۈنى كەچ سائەت 7دە ۋاڭ لۇ بىر نەچچە دوستلىرى بىلەن ئۇلار دائىم بارىدىغان، باھاسى چۈشۈرۈلگەن كىيىملەرنى ساتىدىغان بىر دۇكانغا قىشلىق كىيىم سېتىۋالغىلى باردى. ۋاڭ لۇ كىيىملىرىنىڭ ھەممىسىنى دېگۈدەكلا مۇشۇ دۇكاندىن ئالغان ئىدى، ئۇنىڭ ئۈستىدىكى بارلىق كىيىملىرىنىڭ باھاسىنى قوشسىمۇ 100 يۈەندىن ئاشمايتتى. يېقىندىن بۇيان رول ئالىدىغان ئىش جىق بولمىغاچقا ۋاڭ لۇنىڭ قىشلىق كىيىم سېتىۋالغۇدەك پۇلى قالمىغان ئىدى. بىر ياخشى نىيەتلىك ئايال سوۋغا قىلغان ئايالچە پاختىلىق چاپان بولسا ۋاڭ لۇ بۇ يىل كىيگەن ئەڭ قېلىن كىيىم ئىدى. يېقىندىن بۇيان تېمپېراتۇرا تۆۋەنلەپ ھاۋا سوۋۇپ كەتكەچكە، ۋاڭ لۇ ھەر كۈنى ئۇنى كىيىۋالاتتى. ۋاڭ لۇ نۆۋەتتىكى ئاچچىق رېئاللىقنى پۈتۈنلەي ھېس قىلىپ تۇرسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ رول ئېلىشقا بولغان قىزغىنلىقى ۋە سەبر-تاقىتى بوشاشمىغان ئىدى.

11-ئاينىڭ 25-كۈنى كەچ سائەت 11، تورخانىلاردا تېخى «كەچلىك تۈنەش» ۋاقتى كەلمىگەچكە، ۋاڭ لۇ تورخانىنىڭ ئورۇندۇقىدا يېتىپ ئۇخلاپ قالدى. بىر سائەتتىن كېيىن تورخانىنىڭ خوجايىنى ۋاڭ لۇنى ئويغاتتى، ۋاڭ لۇ كېچىلىك تۈنەش رەسمىيىتىنى بېجىردى. بۇ بېيجىڭ كىنو-فىلىم ئىشلەش شىركىتى ئەتراپىدىكى ئەڭ ئەرزان بىر تورخانا بولۇپ، كېچىلىك تۈنىشى پەقەتلا 16 يۈەن ئىدى. ۋاڭ لۇ بۇ جاينىڭ دائىملىق خېرىدارىغا ئايلانغان ئىدى. ئەمما تورخانىنىڭ قائىدىسى بويىچە كەچ سائەت 12دىن كېيىن ئاندىن كېچىلىك تۈنەش رەسمىيىتى بېجىرىلىپ تورخانىدا داۋاملىق تۇرۇشقا يول قويۇلاتتى، بولمىسا قوغلاپ چىقىرىلاتتى.

12-ئاينىڭ 3-كۈنى، رولغا چىقىشنى ساقلاۋاتقان ۋاڭ لۇ دائىم يېڭى كەلگەن ھەۋەسكار ئارتىسلارغا ئۆزى بۇرۇن رولغا چىققان فىلىملەردىكى كۆرۈنۈشلىرىنى كۆرسىتەتتى. «ماڭا پەقەت بىر قېتىملىق پۇرسەتلا كەم! مەن چوقۇم نام چىقىرىمەن!» ۋاڭ لۇ ھەر بىرەيلەنگە مۇشۇ بىر جۈملە گەپنى تەكرارلاپ بېرەتتى.

2013-يىلى شىزاڭدا رول ئېلىۋاتقاندا ۋاڭ لۇنىڭ دۈمبىسىدىكى ئۇنى ئېسىپ تۇرىدىغان سىم ئۈزۈلۈپ كېتىپ ئېگىز جايدىن يىقىلىپ چۈشۈپ، قولى سۇنۇپ كەتتى. ئۇ دوختۇرخانىدا يېتىپ ئۈچ ئاي داۋالانغاندىن كېيىن يەنە بېيجىڭغا قايتىپ «مەدىكار ئارتىسلار» سېپىگە قوشۇلدى. ئۆزىنىڭ بۇ يارىسىغا ئانچە ئەھمىيەت بېرىپ كەتمەيدۇ. «بۇ ھېچقانچە ئىش ئەمەس. ئۇرۇش فىلىمىدە رول ئالغاندا بۇنىڭدىن ئېغىر يارىلىنىدىغان ئىشلارمۇ بولىدۇ».

12-ئاينىڭ 3-كۈنى، بېيجىڭ، رول ئېلىش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ۋاڭ لۇ تاماكا چەكمەكتە. رول ئېلىشتىن بۇرۇنقىغا سېلىشتۇرغاندا ئۇنىڭ يۈزىدە جىددىيلىك ئەكىس ئېتىپ تۇراتتى. «بۇ رولنى سۈرەتكە ئېلىپ بولدۇق، كېيىنكى قېتىم رولغا چىقىش پۇرسىتى قاچانمۇ كېلەر؟ ھەي…» دەيتتى ۋاڭ لۇ ئۆز-ئۆزىگە.

كۈندىلىك ئىش ھەققى شەكلىدە ھېسابات قىلىش ھەۋەسكار سەنئەتكارلار ئارىسىدا ئادەتكە ئايلانغان، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر بىر فىلىمدە تول ئالغاندا رولغا چىققان ھەۋەسكار ئارتىسلار ئېرىشىدىغان پۇل 70~80 يۈەن ئەتراپىدا بولاتتى. بۇ قېتىمقى رولدا فىلىم ئىشلەش گۇرۇپپىسى ۋاڭ لۇغا 100 يۈەن بەردى. بۇ ناھايىتى ياخشى باھا ھېسابلىنىدۇ.

ۋاڭ لۇ مېترودا ئولتۇرۇشنى ياخشى كۆرمەيدۇ، سەۋەبى ناھايىتى ئاددىي: مېترودا ئولتۇرۇش ئاممىۋىي ئاپتوبۇسقا ئولتۇرۇشقا قارىغاندا بىر يۈەن قىممەت. ۋاڭ لۇ ئادەتتە ناھايىتىمۇ ئىقتىسادچان، ھەر ئايدا ئۇ يەنە ئائىلىسىگە ئازراق پۇل ئەۋەتىدۇ. ئۆتكەن يىلى ئۇنىڭ ئانىسى كېسەل بىلەن ئالەمدىن ئۆتتى، ئۇ ھەر ئايدا ئائىلىسىگە 1000 يۈەن پۇل ئەۋەتىپ بېرىۋاتىدۇ.

ۋاڭ لۇ بولسا بېيجىڭ كىنو-فىلىم ئىشلەش شىركىتى دەرۋازىسى ئالدىدىكى «غايىپەرەس» ياشلارنىڭ تىپىك ۋەكىلى. بۇ بىر توپ ھەۋەسكار ئارتىسلار «بىر كېچىدىلا نام چىقىرىش» غايىسى بىلەن بېيجىڭغا كەلگەن، ئۇلار ئۆزلىرىنى مەسخىرە قىلىشىپ، «بىز ئارتىسلار چەمبىرىكىنىڭ زەمبىرەك يېمى» دېيىشىدۇ. ئۇلارمۇ ۋاڭ باۋچياڭنىڭ مۇۋەپپەقىيىتىنىڭ پۇرسەتنىڭ نەتىجىسى ئىكەنلىكىنى بىلىشىدۇ، ئەمما ھەر كۈنى نۇرغۇن كىشى بۇ جايغا كېلىدۇ، يەنە نۇرغۇنلىرى بۇ يەردىن ئايرىلىدۇ. ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى بۇ ئىشنى تىرىكچىلىك ياكى كەسىپ دەپ قارىمايدۇ، بىر ئارتىس بولۇش ئۇلارنىڭ قەلبىگە پۈكۈلگەن بىر غايىدۇر.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号