باش بەت

زورىگۈل

5798يوللانما
23مەستانە

بىل گەيتىس تىرامپنى كېننىدىغا ئوخشاتتى

مەنبە:تور دۇنياسى يوللانغان ۋاقىت:2016-12-14 19:00 0 ئىنكاس چۈشتى

سىنا تورى 14-دېكابىر خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:  

مىكروسوفتنىڭ قۇرغۇچىسى بىل گەيتىس 13-دېكابىر CNBCنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا تىرامپنى راسا ماختاپ، ئۇنى ئامېرىكا تارىخىدىكى ئەڭ ھۆرمەتكە سازاۋەر زۇڭتۇڭلارنىڭ بىرى بولغان كېننىدى بىلەن تەڭ ئورۇنغا قويغان.

بىل گەيتىس تىرامپنىڭ ئىجادىيلىق ئارقىلىق ئامېرىكىدىكى رەھبەرلىك ئورنىنى تىكلىشىگە پۇرسەت بارلىقىنى بىلدۈرگەن. بىل گەيتىس: «كېننىدى زۇڭتۇڭمۇ ئوخشاش ئۇسۇلدا ئالەم پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويغان ھەم بۇ دۆلەتنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن. مېنىڭچە مائارىپ ياكى تارقىلىشچان كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ياكى ئېنېرگىيە ساھەسىدە بولسۇن ئىنتايىن ئۈمىدۋارلىق بىلەن شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، تىرامپ ھۆكۈمىتى تەشكىللەيدۇ، نازارەتچىلىكتىكى توسالغۇنى چىقىرىپ تاشلايدۇ ھەم يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق ئامېرىكىدىكى رەھبەرلىك ئورنىنى تىكلەيدۇ» دېگەن.

بىل گەيتىسنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ تىرامپنىڭ جۇڭگو بىلەن سودا جېڭى قىلماسلىقىنى ئۈمىد قىلىدىكەن. «ئۇلارنىڭ گەپ-سۆزى قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ئۇ ۋە ئۇنىڭ ئەترىتى «قوش يېڭىلىش» ئەھۋالىنى ئۈمىد قىلمايدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن».

ئۇ تولۇقلاپ: «زۇڭتۇڭلۇققا سايلانغىنى ناھايىتى مۇرەككەپ شەخس، مەن ئۇنىڭ ئۇنداق تىپىك تاموژنا بېجى ئۆچى ئالمىغان ئەھۋالدا جۇڭگو سىياسىتىنى قانداق تەڭشەشنى چۈشەنگەن بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن» دېگەن. 

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号