باش بەت

abdulaziz

1240يوللانما
7مەستانە

130 كىلوگرام كېلىدىغان قىز 180 مىڭ يۈەن خەجلەپ ئورۇقلىتىش ئوپىراتسىيەسى قىلدۇردى

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2016-12-14 23:25 0 ئىنكاس چۈشتى

   ھاللىي يورك (Haleigh York) ئېرىلاندىيەدىن كەلگەن بىر قىز ئىستۇدېنت، ئۇنىڭ دادىسى يېقىندا ئۇنىڭغا روژدىستۋا بايرىمىلىق سوۋغات سۈپىتىدە 21 مىڭ فوندستېرلىڭ (تەخمىنەن 180 مىڭ يۈەن) بېرىپ ئۇنىڭ كۆكسىنى چوڭايتىش ۋە قورساق قىسمىنىڭ تېرىسىنى تارتقۇزۇش ئوپېراتسىيەسى قىلدۇرۇش ئازرۇسىنى ئەمەلگەن ئاشۇرغان. ھازىر ھاللىي كەسپىي مودېللىق ھاياتىغا قەدەم قويماقچى بولغان.

  ھاللىينىڭ بەدەن ئېغىرلىقى ئىلگىرى 130 كىلوگرام كېلەتتى. ئۇ ئىلگىرى ھەر ۋاقلىق تامىقىدا 16 ئۇنسىيە (تەخمىنەن يېرىم كىلوگرام) ۋېسكىي ئىچەتتى، بەزىدە بىر كۈندە بەش ۋاق تاماق يەيتتى. ئۇ ئىلگىرى نەچچە قېتىم تامىقىنى كونترول قىلىشقا ئۇرۇنۇپ باققان بولسىمۇ لېكىن ھەر قېتىم مەغلۇپ بولغان. بۇلتۇر ئۇ بىر قېتىم ئوپېراتسىيە قىلدۇرۇپ قورسىقىدىكى %80تىن ئارتۇق ئوشۇق ماينى سىيرىۋەتكەن.

  ھەددىدىن زىيادە تېز ئورۇقلاش سەۋەبلىك ئۇنىڭ قورسىقى، بىلىكى ۋە پۇتىنىڭ تېرىلىرى بوشىشىپ كەتكەن. ھاللىينىڭ ئېيتىشىچە ئۇ شۇنىڭدىن كېيىن ئۆزىنىڭ سېمىز ۋاقتىدىكىدىنمۇ بەك ئازابلانغان.

  ھاللىينىڭ مەكتەپتىكى نەتىجىسى ياخشى بولۇپ دادىسى ئۇنى رىغبەتلەندۈرۈش يۈزىسىدىن ئۇنىڭغا قورساق قىسمىنىڭ تېرىسىنى تارتقۇزۇش ئوپېراتسىيەسى قىلدۇرۇش ئۈچۈن پۇل بەرگەن. ھاللىي مۇنداق دېگەن: «مەن دادامنىڭ مەن ئۈچۈن قىلغانلىرىغا رەھمەت ئېيتىمەن، ھازىر مەن پۈتۈن باشقىچە ئادەمگە ئايلاندىم. ئىلگىرى مېنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقىدىن قورقۇش كېسىلىم بار ئىدى، ھازىر بولسا مەن بارغانسېرى ئوچۇق مىجەز بولۇپ كەتتىم، باشقىلارنىڭ ئالدىدا ئۆزۈمنى نامايەن قىلىشتىنمۇ قورقمايدىغان بولدۇم».

  ھاللىي يەنە مۇنداق دېگەن:«كىچىك ۋاقتىمدا غىزالىنىش ئادىتىم بەكلا خاتا ئىدى. ئۇ چاغلاردا ئۆيىمىزدىن تورت دېگەندەك تاتلىق-تۈرۈملەر ئۈزۈلمەيتتى، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە چىققاندا ئۆگىنىش بېسىمىممۇ تېز ئارتىپ بىراقلا سەمرىپ كەتتىم. شۇنىڭدىن كېيىن مەن شادلىق باغچىسىغا بېرىشتىن ۋە ئايروپىلاندا ئولتۇرۇشتىنمۇ قورقىدىغان بولۇپ قالدىم، چۈنكى بىخەتەرلىك تاسمىسىنىڭ بىلىمگە يەتمەي قېلىشىدىن ئەنسىرەيتتىم. سەمرىپ كەتكەندىن كېيىن مەن يەنە يۇقىرى قان بېسىم، يۇقىرى خولىتسىرىن قاتارلىق بىر قاتار كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولدۇم».

  ھاللىينىڭ بىر دوستىنىڭ ئاپىسى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئورۇقلىغاندىن كېيىن ئۇنىڭغا بىر ئىلھام بولغان.  ھاللىي ئوپېراتسىيە ئارقىلىق بەدىنىدىكى %80 ماينى سىيرىۋەتكەن ھەمدە بىر تەرەپتىن تامىقىنى كونترول قىلىپ يەنە بىر تەرەپتىن چېنىقىشنى داۋاملاشتۇرغان، ھەر ھەپتىدە تۆت قېتىم چېنىقىش مەركىزىگە بارغان، ھازىر بولسا بەدەن ئېغىرلىقىنى 70 كىلوگرام ئەتراپىدا ساقلاپ قالغان. ھاللىينىڭ دادىسى بۇنىڭغا قارىتا مۇنداق دىگەن:«ھاللىي بۇرۇنمۇ ئىنتايىن چىرايلىق ئىدى، مانا ھازىر تېخىمۇ چىرايلىقلىشىپ ئۇنى مودېللىققا تەكلىپ قىلىدىغانلار ئىزدەشكە باشلىدى».

  


باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号