باش بەت

يەھياجان ئىبراھىم

2292يوللانما
9مەستانە

سېرلانكا دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ روژدېتسىۋو دەرىخى ياساۋاتىدۇ

مەنبە:سىنا تورى يوللانغان ۋاقىت:2016-12-17 19:32 0 ئىنكاس چۈشتى

جۇڭگو خەۋەر تورىنىڭ 12-ئاينىڭ 17-كۈنىدىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: بۇددا دىنىغا ئىتقاد قىلىدىغانلار كۆپ قىسىمنى ئىگىلەيدىغان سېرلانكا دۆلىتى ھازىر دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ روژدېتسىۋو دەرىخى ياساۋاتقان بولۇپ، ئۇلار بۇ ئارقىلىق دۇنيا جىنىس رىكوردىنى بۇزۇپ تاشلاش ۋە شۇنداقلا دىنى ئىتتىپاقلىقنى كۈچەيتىشتەك قوش ئۈنۈمگە ئېرىشمەكچى.

ئىگىلىنىشىچە، بۇ روژدېتسىۋو دەرىخىنىڭ ئىگىزلىكى 114 مېتىر چىقىدىغان بولۇپ، ئوخشىمايدىغان رەڭدىكى 500 مىڭدىن ئارتۇق چىراق بىلەن بېزەلگەن ئىكەن. بۇ روژدېتسىۋو دەرىخىنىڭ يېنىغا يەنە ئالتە مېتىر ئىگىزلىكتىكى روژدېتسىۋو بوۋاي ھەيكىلى ۋە ئۈچ مېتىر ئىگىزلىكتىكى ئىككى بۇغا ھەيكىلى ياسىلىدىغان بولۇپ، ئەتراپىغا يەنە خېلى كۆپ دەرەخ قويۇلۇش ئارقىلىق، ئورمانلىق ھاسىل قىلىنىدىكەن.

خەۋەردە دېيىلىشىچە، ھازىر دۇنيا بويىچە ئەڭ ئىگىز روژدېتسىۋو دەرىخى مېكسىكا 2009-يىلى ياساپ چىققان 90 مېتىر ئىگىزلىكتىكى دەرەخ بولۇپ، دۇنيا جىنىس رىكوردى قامۇسى تەرىپىدىن دۇنيا بويىچە ئەڭ ئىگىز روژدېتسىۋو دەرىخى دەپ تىزىمغا ئېلىنغان. بۇ قېتىملىق سېرلانكىدا ياسىلىۋاتقان روژدېتسىۋو دەرىخى پۈتكىچە بولغان ئارلىق، دۇنيا جىنىس رىكوردى قامۇسى خىزمەتچى خادىملىرى ئىككى ھەپتە سېرلانكىدا تۇرىدىغان بولۇپ، دەرەخ بىلەن تەڭ چىقىدىغان سانتا ياساپ چىقىدىكەن.

خەۋەر قىلىنىشىچە، بۇنداق غايەت چوڭ روژدېتسىۋو دەرىخى ياساشنى ماخىندا ناناياككارا (Mahinda Nanayakkara) پىلانلىغان بولۇپ، ئۇ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى:«مەن تەخمىنەن تۆت يىل بۇرۇنلا شۇنداق بىر ئويغا كەلگەن، دەسلەپتە بىر مودىل ياساپ چىقتىم ھەمدە سېرلانكا پورت مىنىستىرى ئارجۇنا راناتۇنگا (Arjuna Ranatunga) ئەپەندىمگە تاپشۇرۇپ بەردىم، ئۇ مېنىڭ پىكىرىمنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ھازىر تەخمىنەن 60 ئىشچى بۇ پىلانغا قاتنىشىۋاتىدۇ.

ماخىندا ناناياككارا يەنە مۇنداق دېدى، مەن پوپ بىلەن روژدېتسىۋو دەرىخى ياسىلىۋاتقان ئورۇنغا كېلىپ، ئىككى كۈندە بىر يېمەكلىك يەتكۈزۈپ تۇرىمەن. دىنى جەمئىيەتمۇ كاتولىك دىنى تالىپلىرىنى ئانچە قىممەت بولمىغان ئىش ھەققى بىلەن دەرەخنى بىزەشكە ياردەملىشىشكە ئەۋەتىدىغان بولدى.

ئارجۇنا راناتۇنگا مۇنداق دېدى، سېرلانكا كېيىنكى بىر ئەۋلادنىڭ دىنى توقۇنۇش ۋە بۇرۇن دۆلەتكە تەسىر كۆرسەتكەن ئۇرۇشنىڭ تەسىرى ئاستىدا ياشىماسلىقىنى ئۈمىد قىلىدۇ. روژدېتسىۋو دەرىخى تىنچلىققا سىمۋول قىلىندى، پۈتكۈل پىلان 12-ئاينىڭ 24-كۈنى تاماملىنىدىغان بولدى.

كولومبو دىنى رايونى (The Archdiocese of Colombo ) نىڭ رەئىسى مالكولىم رانجىت (Malcolm Ranjith) ۋە سېرلانكا پورت باشقۇرۇش ئىدارىسى كاتولىك دىنى بىرلەشمىسىمۇ بۇ پائالىيەتنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

كاتولىك دىنى ئوقۇتقۇچىسىرانجىت سوماسىرى (Ranjith Somasiri) مۇنداق دېدى، سېرلانكىدا ھەر قايسى دىنلار ئارىسىدىكى تىنچلىق ۋە ئىتتىپاقلىقنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش بەكلا زۆرۈر. بۇرۇن ئىسلام دىنى ۋە خىرىستىيان دىنى ئىبادەت سورۇنى ھۇجۇمغا ئۇچرىغان، دىنى ئەركىنلىك بارا-بارا يوقالغان، ئاز سانلىقلار دىنىغا زوراۋانلىق قىلمىشى ئېغىرلاشقان ئىدى. بۇ رەزىل قىلمىشتىن ھەر بىر كىشى چوقۇم ساۋاق ئېلىشى كېرەك.

خەۋەردە دېيىلىشىچە، يېقىندىن بۇيانقى ئەڭ رەزىل بىر قېتىملىق دىنى زوراۋانلىق ۋەقەسى 2014-يىلى يۈز بەرگەن بولۇپ، جاھىللار تەرەپدارى بولمىش بۇددىتلار كۆيدۈرگۈچى بوتۇلكا بىلەن ئىسلام دىنى ئەھلىنىڭ ئۆيلىرىگە ھۇجۇم قىلغان، ئىسلام دىنى مۇخلىسلىرىنىڭ دۇكانلىرىغا ئوت قويغان، نەتىجىدە ئۈچ ئادەم قازا قىلىپ، 80 نەچچە ئادەم يارلانغان ئىدى.

ماخىندا ناناياككارا بۇ غايەت زور روژدېتسىۋو دەرىخىنى ياساش ئارقىلىق، كىشىلەر ئارىسىدىكى دىنى توقۇنۇشنى پەسەيتىشنى ئۈمىد قىلدى. ئىگىلىنىشىچە، دەرەخ ياساشقا مەسئۇل ئىشچىلارنىڭ ۋەزىپىنى تاماملاش ئىشەنچى بەكلا كۈچلۈك بولۇپ، ئۇندىن باشقا ياخشى نىيەتلىك كىشىلەرمۇ ئاز بولمىغان ئىقتىسادى ياردەملەرنى قىلىۋېتىپتۇ.

ماخىندا ناناياككارا مۇنداق دېدى:«روژدېتسىۋو دەرىخى ياساش پىلانى باشلانغان ۋاقىتتا كۆپ قىسىم كىشىلەر ئۆزلىكىدىن كېلىپ پىدائىي بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.»

خەۋەر قىلىنىشىچە، سېرلانكا پۇقرالىرىنىڭ %70 بۇددىست بولۇپ، باشقا دىنلاردىن يەنە ئىسلام دىنى، ھىندى دىنى، كاتولىك دىنى قاتارلىقلار بار. مىللى پەرق بويىچە ئېيتقاندا، %75 سېرلانكا پۇقراسى سىنخالېسې (Sinhalese)، يەنە %5 ى تامىل (Tamils) لار.

1983-يىلىدىن بۇيان سېرلانكا ھۆكۈمىتى تامىل يولۋاسلىرى تەشكىلاتى (Tamil Tigers) غا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىغا پېتىپ قالدى، بۇ ئەكسىل ئىنقىلابى تەشكىلات ئاساسلىقى ھىندى دىنىدىكى تامىللارنىڭ سېرلانكا شىمالى ۋە شەرقىدە ئايرىم دۆلەت قۇرۇشى ئۈچۈن كۆرەش قىلىدۇ، بىراق 2009-يىلى ھۆكۈمەت ئاخىرى بۇ تەشكىلاتنى تارمار قىلدى.

تامىل يولۋاسلىرى تەشكىلاتىنىڭ بايانات ئېلان قىلىشىچە، نەچچە ئون يىللاردىن بۇيان بۇددىستلارنى ئاساس قىلغان سىنخالېسې مىللىتى رەھبەرلىرى ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن ھۆكۈمەت تامىللارنى كەمسىتكەن ئىكەن.


باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号