باش بەت

رازى

1627يوللانما
44مەستانە

ۋاڭ باۋچياڭ ئۆزىگە كېلىشكەن يېڭى ۋاستىچى قوبۇل قىلدى

مەنبە:تور دۇنياسى يوللانغان ۋاقىت:2016-12-19 22:37 0 ئىنكاس چۈشتى

سىخەي تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ۋاڭ باۋچياڭنىڭ يېڭى ۋاسىتىچىسى كىمدۇ؟ ۋاڭ باۋچياڭنىڭ يېڭى ۋاسىتىچىسى: ۋاڭ باۋچياڭنىڭ يېڭى ۋاسىتىچىسى ناھايىتى كېلىشكەن يىگىت بولۇپ، قارىماققا ئىلگىرىكى ۋاسىتىچىسى سۇڭ جېدىن خېلىلا ياخشى كۆرۈنەتتى. مۇشۇ نۇقتىدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ۋاڭ باۋچياڭ ما رۇڭ ۋە سوڭ جې ۋەقەسى سەۋەبلىك ئەرلەرگە بولغان ئىشەنچنى يوقىتىپ قويمىغانىدى. ئەمەلىيەتتە ئۇ ئايال ۋاسىتىچى تەكلىپ قىلسا تامامەن بولاتتى، دەرۋەقە ئۇ كەسكىنلىك بىلەن يەنىلا ئەرلەرنى ئۆزىگە ۋاسىتىچى قىلىپ تاللىدى. بىز ۋاڭ باۋچياڭ ئىشەنگەن كىشىنىڭ ئىشەنچلىك بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

12-ئاينىڭ 17-كۈنى ۋاڭ باۋچياڭ بېيجىڭدىن ئايرىلغاندا ماسكا تاقاپ، بېشىغا شەپكە كىيىۋالغان بولۇپ، ئۆزىنى ناھايىتى پۇختا يوشۇرغان ھالدا ئايرودرومدا پەيدا بولغان ئىدى. ئۇنىڭ يېنىدىكى يېڭى ۋاسىتىچىسىمۇ باشقىلار تەرىپىدىن بايقىلىپ قالدى. يېڭى ۋاسىتىچىسى كېلىشكەن يىگىت بولۇپ، تەقى تۇرقى جەھەتتە سۇڭ جې دىن خېلىلا يۇقىرى تۇراتتى.

ۋاڭ باۋچياڭنىڭ ناھايىتى كېلىشكەن ۋاسىتىچى تاپقانلىقى ھەققىدىكى خەۋەر پۈتۈن تور دۇنياسىنى قىزىتىۋەتتى. تورداشلارنىڭ ئېيتىشىچە، يېڭى ۋاستىچى كېلىشكەن بولۇپلا قالماستىن يەنە ناھايىتى سەبىي كۆرۈنىدىكەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە يېڭى ۋاسىتىچى ۋاڭ باۋچياڭدىن ئېگىز ئىكەن. تورداشلار ئۇنىۋېرسال تەھلىل قىلىش ئارقىلىق مۇنداق دېيىشتى: يېڭى ۋاسىتىچىنىڭ ۋاڭ باۋچياڭدەك ئۇنداق كۆپ پۇل يوق ئىكەنلىكى، ۋاڭ باۋچياڭدەك ئۇنداق نامى يوق ئىكەنلىكىدىن باشقا، ھەرقايسى جەھەتلەردە ۋاڭ باۋچىياڭنى بېسىپ چۈشىدىكەن. ما رۇڭ بىلەن سۇڭ جېنىڭ يولدىن چىققانلىقىنى بايقىغاندىن كېيىن، تورداشلار ۋاڭ باۋچياڭغا بۇنىڭدىن كېيىن ۋاسىتىچى تاللىغاندا ھەرگىز كېلىشكەن يىگىتنى تاللىماسلىق ھەققىدە تەكلىپ بەرگەن ئىدى. بۇ قېتىم كېلىشكەن ۋاسىتىچىنى كۆرگەندىن كېيىن، تورداشلار يەنە «ئۇنىڭ بۇرنىغا سۇ كىرمەپتۇ»، «ھەقىقەتەن كاللىسى ئىشلىمەيدىكەن» دېگەندەك سۆزلەرنى قىلىپ ئۇنى ئەيىبلىدى.



باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号