باش بەت

جاھانكەزدى

14327يوللانما
5مەستانە

لياڭ جېنيىڭ: شياڭگاڭدا تۆمۈريوللار كۆپلەپ ياسىلىپ، ئالاقە كۈچەيتىلىدۇ

مەنبە:تەڭرىتاغ تورى يوللانغان ۋاقىت:2016-12-20 22:55 0 ئىنكاس چۈشتى

19-دېكابىر، شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ باش مەمۇرى لياڭ جېنيىڭ ئەزىز مېھمانلار بىلەن بىرلىكتە دېڭىز-ئوكيان باغچىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن جەنۇبىي ئارال لىنىيەسىنى قوزغىتىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.


تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى خەۋىرى: 19-دېكابىر شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ باش مەمۇرى لياڭ جېنيىڭ شياڭگاڭ تۆمۈريولى جەنۇبىي ئارال لىنىيەسىنى قوزغىتىش مۇراسىمىغا قاتناشقاندا مۇنداق دېدى: ئالاھىدە رايون ھۆكۈمىتى تۆمۈريول ۋە ئۇل قۇرۇلۇش تۈرلىرىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، شياڭگاڭنىڭ ھەرقايسى رايونلىرى ئارا ۋە شياڭگاڭ بىلەن ئىچكى ئۆلكىلەر ئارا، شۇنداقلا دۇنيا ئارا ئالاقىنى كۈچەيتىدۇ.

قاتناش باشلىنىش ئالدىدا تۇرغان جەنۇبىي ئارال لىنىيەسى (شەرقىي بۆلىكى) ئايرىم ھالدا ئارالنىڭ شىمالى ۋە جەنۇبىدىكى جىنجوڭ، خەييى يېرىم ئارىلىغا جايلاشقان بولۇپ، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن يەتتە كىلومېتىر كېلىدۇ، بۇ لىنىيەدە 28-دېكابىر رەسمىي قاتناش باشلىنىدۇ.


مەنبە: http://uy.ts.cn/news/content/2016-12/20/content_573170.htm?lang=uy

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号