باش بەت

جاھانكەزدى

14479يوللانما
21مەستانە

ئەقىللىق كېلىن قېيىنئانىسىنىڭ كۆڭلىنى ئالالايدۇ

مەنبە:تەڭرىتاغ تورى يوللانغان ۋاقىت:2016-12-20 23:50 0 ئىنكاس چۈشتى

قېيىنئانا بىلەن كېلىننىڭ مۇناسىۋىتى «خەلقئارالىق قىيىن مەسىلە»، بىراق ھامان ھەل قىلىش چارىسىنى تاپقىلى بولىدۇ. بىر ئەقىللىق ئايال، لاياقەتلىك خوتۇن، مەسئۇلىيەتچان ئانا بولۇش سۈپىتى بىلەن قېيىنئانىغا زادى قانداق «تاقابىل تۇرۇش» كېرەك؟ دەرھال تۆۋەندىكى بىر نەچچە ئۇسۇلنى سىناپ كۆرۈڭ، قېيىنئانىڭىزنىڭ كۆڭلىنى چوقۇم ئالالايسىز.

بىرىنچى، قېيىنئانىڭىزنى «ئاپا» دەپ چاقىرىش قېتىم سانىڭىزنى كۆپەيتىڭ.

ئىككىنچى، دائىم قېيىنئانىڭىز بىلەن پاراڭلىشىڭ.

ئۈچىنچى، قېيىنئانىڭىزدىن كۆپرەك مەسلىھەت سوراڭ، بەزى بىلىدىغان نەرسىلەرنىمۇ بىلمەيدىغان قىياپەتكە كىرىۋېلىپ، ئۇنى «ئۇستاز» تۇتۇپ، سوراپ «بىلىم» ئېلىڭ.

تۆتىنچى، قېيىنئانىڭىز ئالدىدا ئېرىڭىز ھەمدە قېيىنئاتىڭىزنى ماختاڭ.

بەشىنچى، «ئەرز-شىكايەت» قىلماڭ.

ئالتىنچى، قېيىنئانىڭىزنىڭ ئالدىدا ئېرىڭىزنى ئىشقا سالماڭ.

يەتتىنچى، قېيىنئانىڭىزنى ئۆز ئاپىڭىزدەك كۆرۈڭ، كەڭ قورساق بولۇڭ، سىز ھەل قىلالمايدىغان كەمچىلىكىنى كۆرگەندە كۆزىڭىزنى بىرلا يۇمۇپ ئۆتكۈزۈۋېتىڭ، ئەمەلىيەتتە سىزمۇ-مەنمۇ ئۇنچە مۇكەممەل ئەمەس.


مەنبە: http://uy.ts.cn/life/content/2016-12/20/content_573297.htm?lang=uy

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号