باش بەت

نۇسرەتگۈل

8936يوللانما
149مەستانە

كورېيەدە يۇقۇم رايونلىرىدىكى ئۆي قۇشلىرىنىڭ تۇخۇمىنى سېتىش مەنئىي قىلىندى

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2016-12-21 18:02 0 ئىنكاس چۈشتى

كورېيەدە كېسەللىك پەيدا قىلىش خەتىرى كۈچلۈك قۇش زۇكىمى ۋىرۇسى تارقىلىپ كەتكەنلىكتىن، ئۆلتۈرىۋېتىلگەن ئۆي قۇشلىرىنىڭ سانى 20 مىليوندىن ئېشىپ كەتتى. ھۆكۈمەت تەرەپ يۇقۇم ئەھۋالىنى كونترول قىلىش ئۈچۈن، قۇش زۇكىمى ۋىرۇسى تارقالغان رايونلاردىكى قۇشلارنىڭ تۇخۇمىنى سېتىشنى مەنئىي قىلدى.

كورېيە دۆلەتلىك يېمەكلىك مىنستىرلىكى كورېيە ۋاقتى 12-ئاينىڭ 21-كۈنى سائەت 0 گىچە ئۆلتۈرىۋېتىلگەن ئۆي قۇشلىرى ئومۇمىي سانىنىڭ 20 مىليون 849 مىڭغا يەتكەنلىكىنى، بۇنىڭ كورېيەدىكى ئومۇمىي ئۆي قۇشلىرى نىسبىتىنىڭ %12.6 نى ئىگىلەيدىغانلىقىنى ئاشكارىلىدى. ئۆلتۈرىۋېتىلگەن ئۆي قۇشلىرى ئىچىدە توخۇلارنىڭ سانى 16 مىليون 375 مىڭ، ئۆردەكلەرنىڭ سانى 193 مىڭ 800 بولۇپ، بۆدۈنە قاتارلىق باشقا تۈردىكى ئۆي قۇشلىرىنىڭ سانى 897 مىڭغا يەتتى.

ھازىر كورېيەدە ھەر كۈنى دېگۈدەك قۇش زۇكىمى ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىش ئەھۋالى بايقىلىپ تۇرىدىغان بولۇپ، ھازىرغىچە تاپشۇرىۋېلىنغان 97 دوكلات ئىچىدە 84 ىگە ئېنىق دىئاگنوز قويۇلدى.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号