• بۈگۈن سەيشەنبە
  • مۇشۇ تۈردىكى يېڭى خەۋەرلەر

    ھەپتىلىك كۆپ كۆرۈلگەنلىرى

    شىنجاڭ ئاسمىنىدا ياڭرىغان مېھىر-مۇھەببەت كۈيى (خوتەندىن ئۈرۈمچىگىچە)

    مەنبە : ئەلداۋا ساغلاملىق تورىتەھرىر : گىلاس ئىنكاس : 0يوللانغان ۋاقىت : 2016-12-22 13:00

    خىزمەت ئۇچۇرلىرى ماشىنا ئۇچۇرلىرى ئۆي-مۈلۈك ئۇچۇرى تۇرمۇش ئۇچۇرلىرى لايىق ئىزدەش


    تۈنۈگۈن چۈشتىن باشلاپ بىز شىنجاڭلىقلارنىڭ دىققەت-ئېتىبارىنى يۈكسەك دەرىجىدە قوزغىغىغان خوتەندىن ئۈرۈمچىگە جىددىي يۆتكەپ كېلىنگەن ئۈچىيى قورساق سىرتىدا تۇغۇلۇپ قالغان بوۋاق ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 5:15 تە ئۈرۈمچى شەھەرلىك 1-خەلق دوختۇرخانىسىغا ئوڭۇشلۇق ئېلىپ كېلىنگەن. 


    دۇنياغا يېڭى كۆز ئاچقان بىر ئاجىزە بوۋاقنىڭ ھاياتىنىڭ داۋام ئېتىشى ئۈچۈن يېڭى ئۈمىد ۋە يېڭى تىلەكلەر بېغىشلاندى. تەڭرىتېغىنىڭ جەنۇب-شىمالىدىكى مېھىرلىك قەلىبلەر لەرزىگە كەلدى. ساپ ۋە غۇبارسىز بولغان ئىنسانىي سۆيگۈ مىللەت، يۇرت، كەسپ، ياش چەكلىمىلىرىدىن ھالقىپ، ھاياتلىقنى قۇتقۇزۇپ قېلىشتىكى يېڭى ئابىدە تىكلەندى! مانا بۇ مېھرى-مۇھەببەتلىك شىنجاڭ ھەر مىللەت خەلقىنىڭ غەلبىسى، كارخانىچىلار، خەلق ئاممىسى، تاراتقۇلار، ساقچىلار، ئۇيغۇر ۋە خەنزۇ بارلىق كىشىلەرنىڭ ئىنسانىيەتكە ئورتاق بولغان مېھرى-مۇھەببەت مەسىلىسىدە ھېچقانداق چېگراسىز ھالدا بىر ياقىدىن باش، بىر يەڭدىن قولغا چىقارغانلىقىنىڭ غەلبىسى! مەدەنىيىلىك بەرپا قىلىش ئۈچۈن ئىناقلىققا، مېھرى-مۇھەببەتكە تەلپۈنىۋاتقان شىنجاڭلىقلارنىڭ غەلبىسى!!! 


    دوختۇرخانا باشلىقى يالقۇن جاپپار ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ بوۋاقنىڭ ئوپېراتسىيەسىنى ئىشلەشكە مەخسۇس دوختۇر-سېسترالار ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، ئوپېراتسىيە ھازىرلىقى كېچىلەپ تەقلەپ قويۇلغان بولغاچقا، بوۋاقنىڭ يېتىپ كېلىشى بىلەن ناھايىتى تېزلا ئوپېراتسىيەگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان. 

     دوختۇرخانا باشلىقى يالقۇن جاپپار ئەپەندى، يۇلتۇز-قۇندۇز فوندى مەسئۇللىرى يۇلتۇز، قۇندۇز ۋە 30 ئوغۇل يىگىت بېشى تاھىر ئىمىن ئەپەندى
    تاھىر ئىمىن باشچىلىقىدىكى ئوتتۇز ئوغۇل كارخانىچىلىرى قۇتقۇزۇش ماشىنىسىنىڭ كىرا ھەققىنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان، بوۋاقنىڭ دەسلەپكى داۋالىنىش خىراجىتى ئۈچۈن 3000 يۈەن پۇلنى دوختۇرخانىغا تاپشۇرغان. 

    تاھىر ئىمىن ئەپەندى پۇلنى دوختۇرخانىغا تاپشۇرماقتا

    ئۇقۇشىمىزچە، بالىنىڭ داۋالىنىش چىقىمىنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك 1- دوختۇرخانا ئۆز ئۈستىگە ئالىدىغان بولۇپ، زۆرۈر بولغاندا، دوختۇرخانا تەرەپنىڭ قانۇنلۇق ئىسپاتلىرى ۋە قاتناشقان تەرەپلەرنىڭ بىردەك گۇۋاھلىق بېرىشى، قانۇن ئورگانلىرىنىڭ تەستىقى ئاساسىدا ئىئانىگە مۇراجەت قىلىنىدىكەن. شۇڭا، ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ ئۆز مەيلىچە بۇ بالىنى داۋالىتىش خۇسۇسىدا قانۇنسىز ئىئانە توپلىشىغا بولمايدىكەن.

    ئەلداۋا ساغلاملىق تورى خەۋىرىدىن ئېلىندى



    ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
    ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
    新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
    Powered by Nur.cn © 2013
    新公网安备 65010202000070号