باش بەت

نۇر فىلىم

1277يوللانما
143مەستانە

ئۈچىيى قورساق سىرتىغا چىقىپ قالغان بوۋاق ئۈرۈمچىگە يېتىپ كېلىپ ئوپېراتسىيەنى قوبۇل قىلدى

مەنبە:تەڭرىتاغ تورى يوللانغان ۋاقىت:2016-12-22 13:03 0 ئىنكاس چۈشتى

تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى خەۋىرى: 

  ئۆز مۇخبىرىمىز نىجات نىياز خەۋىرى، فوتوسى: 21–دېكابىر چۈشتىن كېيىن ئۈندىداردا كەڭ تارقالغان ئۈچىيى قورساق سىرتىغا چىقىپ قالغان بوۋاق ھەر دەرىجىلىك قاتناش تارماقلىرىنىڭ ‹‹يېشىل يول›› ئېچىپ بېرىشى، جەمئىيىتىمىزدىكى ئاقكۆڭۈل كىشىلىرىمىزنىڭ يېقىندىن ياردەمدە بولۇشى نەتىجىسىدە 22–دېكابىر ئۈرۈمچى ۋاقتى سەھەر سائەت بەشتىن ئاشقاندا ئۈرۈمچىگە يېتىپ كەلدى.

   سائەت بەش يېرىمدىن ئاشقاندا، بوۋاق ۋە ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ئولتۇرغان جىددىي قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىلى ئۈرۈمچى شەھەرلىك بالىلار دوختۇرخانىسىغا يېتىپ كەلدى. بوۋاقنىڭ تېزراق كېلىشىنى تەقەززالىق بىلەن كۈتۈپ تۇرغان دوختۇر ۋە سىستېرالار تېزلىكتە بالىنى ئېلىپ يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلار بۆلۈمىگە ئېلىپ كىرىپ كەتتى.

 مۇخبىرلار ئۈرۈمچى شەھەرلىك بالىلار دوختۇرخانىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى يالقۇن جاپپارنى زىيارەت قىلدى

 ئۈرۈمچى شەھەرلىك بالىلار دوختۇرخانىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى يالقۇن جاپپار مۇنداق دېدى: بوۋاق دوختۇرخانىغا ئېلىپ كېلىنگەندە يۈرەك سوقۇشى 200دىن ئېشىپ كەتكەن بولۇپ، قاندىكى ئوكسېگىن مىقدارىمۇ تۆۋەنلەپ كەتكەچكە، ئەھۋالى ئۇنچە بەك ياخشى ئەمەس ئىدى، بىز جىددىي قۇتقۇزۇش ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق بوۋاقنى سۈنئىي نەپەسلەندۈردۇق، بوۋاقنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى بىر قەدەر ياخشى، ئەگەردە بوۋاق نورمال نەپەسلەنسە، ئۇ چاغدا سۈنئىي نەپەستىن ئايرىۋېتىپ ئوپېراتسىيە قىلىمىز، ئەگەر سۈنئىي نەپەستىن ئايرىيالمىساق ئوپېراتسىيەنى ۋاقتىنچە قىلمايمىز، بوۋاق نورمال ئەسلىگە كەلگەندىن كېيىن ئاندىن ئوپېراتسىيە قىلساق ئوپېراتسىيەنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇش نىسبىتىمۇ شۇنچە چوڭ بولىدۇ.

 

ئەسلى مەنبە: http://uy.ts.cn/homepage/content/2016-12/22/content_573738.htm?lang=uy

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号