باش بەت

نۇر فىلىم

1272يوللانما
408مەستانە

تېز خەۋەر: ئۈچىيى قورساق سىرتىغا چىقىپ قالغان بوۋاقنىڭ ئوپېراتسىيەسى ئوڭۇشلۇق ئاياغلاشتى

مەنبە:تەڭرىتاغ تورى يوللانغان ۋاقىت:2016-12-22 13:07 0 ئىنكاس چۈشتى

  تەڭرىتاغ تورى تېز خەۋىرى: ئۈرۈمچى شەھەرلىك 1-دوختۇرخانا بالىلار دوختۇرخانىسىنىڭ ئەڭ يېڭى خەۋىرىگە قارىغاندا، نۆۋەتتە خوتەندىن ئېلىپ كېلىنگەن، ئۈچىيى قورساق سىرتىغا چىقىپ قالغان بوۋاقنىڭ ئوپېراتسىيەسى ئاللىقاچان ئاياغلاشقان بولۇپ، ئوپېراتسىيە جەريانى ئوڭۇشلۇق بولغان.

   بوۋاقلار تاشقى بۆلۈمى مۇدىرى ئالىمجان ئابدۇرېھىمنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بوۋاق يەنە ئىككى ئۆتكەلدىن ئۆتۈشى كېرەك ئىكەن: بىرىنچى ئۆتكەل، قورساق بوشلۇقى بېسىمى يۇقىرى بولۇش ئۆتكىلى ئىكەن، قورساق بوشلۇقى يىغىلغاندىن كېيىن، قورساق بوشلۇقىنىڭ بېسىمى ئېشىپ كېتىدىكەن، يەنە كېلىپ، بوۋاق بۇ يەرگە كېلىشتىن ئىلگىرىلا بۆرەك فۇنكىسسىيەسىدە زەئىپلىشىش كۆرۈلگەن بولۇپ، ئوپېراتسىيەدىن كېيىن كۆپ ئەزالارنىڭ فۇنكىسسىيەسى ئەسلىگە كېلىشكە موھتاج بولىدىكەن. ئىككىنچى ئۆتكەل بولسا يۇقۇم ئۆتكىلى بولۇپ، تەخمىنەن 5~10 كۈندە يۇقۇم ئۆتكىلىدىن ئۆتۈپ كەتسە، بوۋاق خەتەرلىك مەزگىلدىن ئۆتۈپ كېتىدىكەن.


ئەسلى مەنبە: http://uy.ts.cn/homepage/content/2016-12/22/content_573805.htm?lang=uy

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号