باش بەت

نۇربىيە ئۇيقۇت

10259يوللانما
780مەستانە

دۇنياغا داڭلىق فىلىم «تىتانىك» نىڭ ئارقىسىغا يوشۇرۇنغان مەخپىيەتلىكلەر

مەنبە:بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەر يوللانغان ۋاقىت:2016-12-22 18:14 0 ئىنكاس چۈشتى

«بۈگۈنكى خەۋەرلەر تورى» خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

«تىتانىك ناملىق پاراخوت» كىنوسى ھەممىمىزگە تونۇشلۇق كىلاسسىك كىنولاردىن بىرى. 1997-يىلى 19-دېكابىر «تىتانىك ناملىق پاراخوت» ئامېرىكىدا تۇنجى قويۇلغان. ئەنە شۇنىڭدىن باشلاپ، بۇ فىلىم ئۇدا 12 يىل بېلەت كىرىمى جەھەتتە 1-چىلىكنى ساقلاپ، كىنو تارىخىدىكى رېكورتنى ياراتقان. ئەلۋەتتە، مۇشۇنچىۋالا زور مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشىش، يەنىلا رېژىسسورنىڭ ئەجرىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ. بىراق بۇنىڭ ئارىسىدىكى نۇرغۇنلىغان تاساددىپىي ئۇدۇل كېلىپ قىلشىلار ۋە ئۆزگىچە يېقىملىق ناخشىلىرى «تىتانىك ناملىق پاراخوت» كىنونىڭ تەقدىرگە پۈتۈلگەن مۆجىزە خاراكتېرلىك باشلىنىش دېيىشكە بولىدۇ.

«تىتانىك ناملىق پاراخوت»نى سۈرەتكە ئېلىشتىكى مەقسەت بولسا، رېژىسسور كامېرون جەيمېس بىر ژۇرنالدىن تىتانىك ناملىق پاراخوتنىڭ سۈرىتىنى كۆرگەندىن كېيىن، توساتتىن ئىلھامى قوزغىلىپ، ئاشۇ ژۇرنالنى زەردار فىلىم ئىشلىگۈچىنىڭ ئۈستىلىگە قويۇپ، مەن رومېئو بىلەن جۇلىيتانى بۇ پاراخوتتا پەيدا قىلىمەن دېگەن، شۇنىڭ بىلەن بۇ كىنو بارلىققا كەلگەن. 

بۇ كىنونىڭ ئەڭ دەسلەپكى ئىسمى «تىتانىك» (TITANIC) بولماستىن، بەلكى «PLANET ICE» (سوغۇق يۇلتۇز» ئىدى.

جىۋىيېس پارتۇ (Gwyeth Patru) ئىلگىرى روسىنىڭ رولىنى ئېلىشنى سىنىغان بولسىمۇ، بىراق ئاخىرىدا مەغلۇب بولغان. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، نىكول كىدمەن (Niicole Kidman)، جۇدىيى فوستېر (Judy Foster)، كاممېرون دىئاز (Cammeron Diaz) ھەتتا مادوننا قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئىلگىرى بۇ رولنى قولغا كەلتۈرمەكچى بولغان. 

فىلىم ئىشلەش شىركىتى ئەسلى ئوسكار كىنو شاھى مەسىيۇۋ مەككونېل (Matthew McConnel)نىڭ ئەر باش پېرسوناژ جېكنىڭ رولىنى ئېلىشىنى ئۈمىد قىلغان. بىراق رېژىسسور كامېرون لىئورناردو دىكاپىرو (Rionardo DiCaprio)نىڭ بۇ رولنى ئېلىشىدا چىڭ تۇرغان. دەرۋەقە، ئۇ ئەڭ ئاخىرىدا غەلبىە قازانغان.

ھەقىقىي تىتانىك ناملىق پاراخوتنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى ياسىلىش باھاسى 7 مىليون 500 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى بولۇپ، 1997-يىلدىكى قىممىتىگە سۇندۇرغاندا، 150 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا باراۋەر. بۇ كىنونى ئىشلەش ئۈچۈن جەمىئىي 200 مىليون ئامېرىكا دوللىرى چىقىم قىلىنغان. مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، بۇ كىنونى ئىشلەش ئۈچۈن ھەقىقىي پاراخوتنىڭ قىممىتىدىنمۇ ئارتۇق چىقىم كەتكەن.

بۇ كىنونىڭ ئادەمنى يەنە بىر تەسىرلەندۈرىدىغان يېرى شۇكى، دەل بۇنىڭ ناخشىسى. رېژىسسور ئەسلى ئىنيانىڭ ناخشىسىنى ئىشلىتىشنى پىلانلىغان بولۇپ، بىراق كومپوزىتور جەيمېس ھورنېر ئوغرىلىقچە سىلىن دىئاننى تېپىپ، ئۇنىڭ ناخشىسىنى ئۈنگە ئالغان ھەمدە كامېرونغا قويۇپ بەرگەن. ئەڭ ئاخىرىدا كامېرون بۇنىڭدىن قاتتىق تەسىرلەنگەن.

روسىنىڭ پوتېرىت سۈرىتىنى سىزىدىغان ۋاقىتتا، جېكنىڭ: «كارىۋاتتا يېتىڭ، دېمەكچى بولغىنىم كىرىسلودا» دېگەن بىر ئېغىز گېپى ئەمەلىيەتتە، لىئورناردو دىكاپىرونىڭ ئۆتكۈزگەن كىچىككىنە خاتالىقى بولۇپ، بىراق كامېرون بۇنى دەل جېكنىڭ خىجىلچان، باشقىلارنىڭ ئالدىدا ئاسان ھودۇقىدىغان خاراكتېرىگە ماس كەلگەن دەپ قارىغاچقا، بۇ سۆز ئۆز ئەينى ئېلىنغان.

كىنودىكىلەرنىڭ ئۇسسۇل ئوينىغاندىكى كۆرۈنۈشتە، كۆپچىلىكنىڭ ئىچكىنى ھەقىقىي پىۋا بولماستىن، بەلكى «روت پىۋىسى». ئۇنىڭ تەركىبىگە ئىسپىرت قوشۇلمىغان، بىراق ئىچكەندىن كېيىن، پىۋىغا ئوخشاش تېتىيدۇ. 

كەيت ۋىنسىلئېتنىڭ (Kate Winsleet) كىنودا كىيىگەن بارلىق كىيىملىرىنىڭ ھەممىسى 4-نومۇرلۇق بولۇپ، پەقەت كېمە چۆكىدىغان ئاشۇ كۆرۈنۈشتىلا ئۇ 8-نومۇرلۇق كىيىم كىيىگەن. چۈنكى رېژىسسور ئاشۇ ۋاقىتتا ئۇنىڭ روھىي دۇنياسىنىڭ ئەڭ ئاجىز ۋە ئاسان يارىلىنىدىغان تۇيغۇنى ياراتماقچى بولغان. 

كەيت ۋىنسىلئېت بىلەن باشقا ئارتىسلارنىڭ ھەممىسى ئۇچىسىغا ھۆل كىيىمنى كىيىپ، پاراخوت چۆككەندىكى كۆرۈنۈشنى ئېلىشنى رەت قىلغان. كېيىن، ئۇ بۇ رولغا تەسلىم بولغان بولسىمۇ، بىراق يەنىلا ئۆپكە ياللۇغى بىلەن يۇقۇملانغان.

ۋاقىت مەسىلىسى سەۋەبلىك، روبېرت دېنىيرو (Robert Deniro) كاپىتاننىڭ رولىنى ئېلىش پۇرستىنى قولدىن كەتكۈزۈپ قويغان. 

بىراق، كاپىتاننىڭ رولىنى ئالغان بېرنارد ھىل (Bernard Hill) ئەينى ۋاقىتتىكى ھەقىقىي كاپىتانغا راستىنلا بەك ئوخشايتتى. 

فىلىمدە، روسسىنىڭ قېرىغاندىكى رولىنى ئالغان جىلورىيا سىتۇئارت (Gloria Stuart) تىتانىك ناملىق پاراخوت چۆكۈپ كەتكەندە، ھەقىقىي ھايات قالغۇچىلارنىڭ بىرى.

ئۇ ياش ۋاقىتدا ئورۇنداش سەنئەتكارى بولۇپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىنتايىن چىرايلىق ئىدى. 

فىلىمنى سۈرەتكە ئېلىش ئاياغلاشقاندىن كېيىن، فىلىم ئىشلەش گۇرۇپپىسى قۇراشتۇرغان «تىتانىك ناملىق پاراخوت» كېرەكسىز تۆمۈر قاتارىدا سېتىۋېتىلدى.

رېژىسسور سىنارىيەنى تاماملاپ بولغاندىن كېيىن، ئەسلىدىكى تىتانىك ناملىق پاراخوتتا ھەقىقەتەنمۇ جېك داۋسون (ئەر باش پېرسوناژنىڭ ئىسمى) ئىسىملىك يولۇچىنىڭ بارلىقىنى بىلگەن.

«تىتانىك ناملىق پاراخوت»نى ئەسلىگە كەلتۈرۈش داۋامىدا «ئاق يۇلتۇز شىركىتى» بۇنىڭ بارلىق مەسىلىھەت بېرىش خىزمىتىنى ئۈستىگە ئالغان. چۈنكى بۇ شىركەت ھەقىقىي تىتانىكنىڭ غوجايىنى ئىدى. 

كىنودا يەنە پاراخوت چۆكۈپ كېتەي دېگەندە، بىر جۈپ ياشانغان ئەر-ئايالنىڭ بىر-بىرىنى قۇچاقلاپ ياتىدىغان كۆرۈنۈشى بەلكىم نۇرغۇنلىغان تاماشبىنلارنىڭ يۈرىكىنى تىترەتكەن بولۇشى مۇمكىن. بىراق بۇ كۆرۈنۈش ھەرگىزمۇ ئادەتتىكىچىلا كىرگۈزۈپ قويۇلغان ياكى باشقىلارنى تەسىرلەندۈرۈشنى مەقسەت قىلغان ئەمەس. ئەمەلىيەتتە، ئۇ بىر جۈپ ئەر-ئايال دەل مېيسسى تۈرلۈك ماللار دۇكىنىنىڭ قۇرغۇچىسى ئىدا سىترائۇس بىلەن ئسىيدور سىترائۇس بولۇپ، ئۇلارمۇ مۇشۇ ۋەقەدە قازا قىلغان. 

بۇ تىتانىك ناملىق پاراخوتنىڭ ئەنگىلىيە جەنۇبىي ئامپتوندىن ئايرىلىدىغان چاغدىكى كۆرۈنۈش.

بىرۇسې ئىسماي «ئاق يۇلتۇز» شىركىتىنىڭ مەسئۇلى، يەنە كېلىپ، كىنودا كاپىتانغا سۈرئەتنى تېزلىتىشكە بۇيرۇق قىلغان كىشى.

جەك فىلىپپىس، ئۇ تىتانىك ناملىق پاراخوتنىڭ تۇنجى تېلېگرافچىسى.

ئەينى ۋاقىتتىكى تىتانىك ناملىق پاراخوتنىڭ 2-بۆلۈمچىسىنىڭ پاراخوت بېلىتى.

فىلانسروپىست مىلتون ھېرشي (Philanthropist Milton Hershey) ئامېرىكا شاكىلات ماگناتى تىتانىك ناملىق پاراخوتقا ئولتۇرۇشتىن بىر كۈن ئىلگىرى پىلانىدا ئۆزگىرىش بولۇپ، بۇ خەتەردىن ئامان قالغان تەلەيلىك كىشى. 

تىتانىك ناملىق پاراخوت تالاپەتكە ئۇچرىغاندىن كېيىن، نيۇيورك كوچىلىرىدىكى قىستلىشىپ تۇرغان كىشىلەر توپى. ئۇلار قۇتقۇزۇۋېلىنغان يولۇچىلارنىڭ قۇرۇقلۇققا چىقىشىنى كۈتۈپ تۇرىۋاتىدۇ.

تىتانىك ناملىق پاراخوتنىڭ چۆكۈش سەۋەبىنى تەكشۈرىۋاتقان ھۆكۈمەت خادىملىرى.

سۈرەتتە، تىتانىك ناملىق پاراخوتتا ئامان قالغان پاراخوت خادىملىرى. ئەينى ۋاقىتتا بۇ پاراخوتتا جەمئىي 913 پاراخوت خادىمى بولۇپ، بىراق، ئەڭ ئاخىرىدا پەقەت 215 ئادەملا ھايات قالغان. 

ئاخىرىدا، «تىتانىك ناملىق پاراخوت» كىنوسىنىڭ «مېنىڭ مەڭگۈلۈك قەلبىم» (我心永恒) دېگەن ناخشىغا قۇم سىزما ئىجادىيىتى كىرىشتۈرۈلگەن ۋىدىيونى ھوزۇرۇڭلارغا سۇندۇق.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号