• بۈگۈن چارشەنبە
  • مۇشۇ تۈردىكى يېڭى خەۋەرلەر

    ھەپتىلىك كۆپ كۆرۈلگەنلىرى

    شەھىرىمىزدىكى ئوقۇغۇچىلار قاچان تەتىلگە قويۇپ بېرىلىدۇ؟

    مەنبە : ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتىتەھرىر : گىلاس ئىنكاس : 2يوللانغان ۋاقىت : 2016-12-23 11:42

    خىزمەت ئۇچۇرلىرى ماشىنا ئۇچۇرلىرى ئۆي-مۈلۈك ئۇچۇرى تۇرمۇش ئۇچۇرلىرى لايىق ئىزدەش


    ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى خەۋىرى:

    شەھىرىمىزدىكى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى 15-يانۋار تەتىلگە قويۇپ بېرىلىدۇ

    ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى مۇخبىرى ئاينۇر سەيدىنھاجىنىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، شەھىرىمىزدىكى 470 مىڭ ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى 2017-يىلى 15-يانۋار قىشلىق تەتىلنى كۈتۈۋالىدىكەن، 12-فېۋرال مەكتەپكە تىزىمغا ئالدۇرىدىكەن، 13-فېۋرال ئوقۇش باشلايدىكەن.

    ئۈرۈمچى شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسى ھەرقايسى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەردىن قىشلىق تەتىلدە «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، قوشماقلاردىن بولۇپ تۇغقانلاشقان بالىلارنىڭ «تۇغقان»لىرى بىلەن بولغان ئالاقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كۆپرەك پىكىرلىشىپ، ئۆزئارا تىل ئۆگىنىشىنى تەلەپ قىلدى.

    ئوقۇغۇچىلارنىڭ بېسىمىنى يەڭگىللىتىش ئۈچۈن باشلانغۇچ مەكتەپ 1-، 2-يىللىق ئوقۇغۇچىلىرىغا تاپشۇرۇق بەرمەسلىكنى، 3- يىللىقتىن 6-يىللىققىچە بولغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ قىشلىق تەتىل تاپشۇرۇقىنى يەڭگىللىتىشنى، ئۇلارغا كۆچۈرۈپ يېزىش تاپشۇرۇقى بەرمەسلىكنى، تولۇقسىز، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا ئەخلاق تاپشۇرۇقىنى ئاساس قىلىپ تاپشۇرۇق بېرىشنى، ئۇلارنى ئىجتىمائىي پائالىيەتلەرگە قاتنىشىشقا رىغبەتلەندۈرۈشنى تەلەپ قىلدى. 

    بەلگىلىمىگە ئاساسەن، ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەردە ھەرقانداق نام بىلەن تەكرار سىنىپلىرى ئېچىشقا، مەكتەپ ۋە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ جەمئىيەتتىكى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا ئاچقان تەكرار ۋە تەربىيەلەش سىنىپلىرىغا قاتنىشىشى ۋە بۇنداق سىنىپلارنى ئېچىشىغا، تولۇق 3-يىللىقتىن باشقا سىنىپلارغا قىشلىق تەتىل مەزگىلىدە دەرس تولۇقلاشقا بولمايدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.




    ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
    ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
    新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
    Powered by Nur.cn © 2013
    新公网安备 65010202000070号